مىللى مائارىپىمىزدىكى ئەپسۇسلار

ئاقسۇ شەھىرى قاراتال بازىرى كۇكۇل مەكتىپى مۇئەللىمى: ئىمىنجان تاۋار

كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ قارايدىغان بولساق، پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىپ، كىشى ئەقلىنى لال قىلىدىغان ئاجايىپ رەڭدار يېڭىلىقلارنى بارلىققا كەلتۈردى. مانا بۇ تەرەققىيات ۋە يېڭىلىقلارنى مائارىپ سېستىمىسىنىڭ ، مائارىپچىلارنىڭ ئەجىر مېھنىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئەلۋەتتە،
ئەپسۇس، يەنە كىشىنى ئويغا سالىدىغان مەسلىلەرمۇ ئاز ئەمس.
پارتىيە ، ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ قوللىشى ۋە كۆڭۈل بۈلۈشى نەتىنجىسىدە، تەلىم-تەربىيە،ك ئوقۇتۇش شارائىتى يىلمۇ-يىل ياخشىلىنىۋاتىدۇ، ئەپسۇس، مىللى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشقا بولغان قىزىقىشى كۈنسېرى ئاجىزلاۋاتىدۇ..
مائارىپ تارماقلىرىنىڭ قاتتىق تەلەپ قۇيۇشى ۋە تەربىيلىشى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ماسلىشىشى ۋە «ئادەتلىنىشى» ئارقىلىق دەرس تەييارلىقى ياخشىلاندى. دەرسخانا ئوقۇتۇشى سەرخىللاشتى. ئەپسۇس، مىللى مائارىپمىزنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى تۆۋەنلەۋاتىدۇ.
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇش تارىخى، كەسپى ئۈنۋانى يىلمۇ يىل ئۆسىۋاتىدۇ، ئەپسۇس، ئوقۇتقۇچىلاردىن ئېلىندىغان كەسپى ئىمتىھاندا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسپىتى تۆۋەنلەۋاتىدۇ.
تۈرلۈك قانۇن-نىزام، سىياسەت ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىش، ھاقارەتلەش قىلمىشىغا خاتىمە بېرىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا كۆيىنىدىغان، ئەركىنلىكىگە يول قويىدىغان ياخشى كەيپىيات بارلىققا كەلدى. ئەپسۇس، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار مۇناسىۋىتى يىراقلىشىۋاتىدۇ.
ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، دوختۇرخانا، سەھىيە تارماقلىرى، تەتقىقات ئۇرۇنلىرى،،، قاتارلىق ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان خادىملارنىڭ خىزمەت تارىخىنىڭ يۇقۇرىلىشى ، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تەجرىبىلىرى كۆپىيدىكەن. ئىلمى ئۈنۋانى ئاشىدىكەن، ئەپسۇس، مىللى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېشى 50 كە بارماي تۇرۇپ، سالامەتلىكى «ناچار»لاپ «كارغا كەلمەي» كۈن ئۆتكۈزگۈچىلەرگە ئايلىنىپ قېلىپ، سۈپەت ساپاسى تۆۋەنلەۋاتىدۇ.

مەنبە: قاراتال مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپى «مەرىپەت»ژورنىلى 2010-يىلى 1-سانىدىن

uigur ھەققىدە

ئوقۇ، نادان بىلەن يۈرمە! (مەھمۇد قەشقىرى بوۋىمىز ئۈگۈتلىرىدىن)
بۇ يازما مائارىپ كۆزنىكى كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم دەپ خەتكۈچلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈچلىۋېلىڭ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش