قەدىرلىك دوستلار، ئەنە شۇ قىسقىغىنە ئوقۇش ھاياتىمىزنى، ئەڭ گۈزەل ياشلىق دەقىقىلىرىمىزنى يىراقلاردا تۇرۇپ، ئۈن تىنسىز ئەسلىشەيلى !
ئەگەر ساداقەتسىزلىك قىلساڭ….
جىسمىمدا ئەمەس، روھىڭدا پەقەت.
قېنىم چاچرىتىپ….
كەچۈرمەسمەن مەڭگۈگە ئەبەت.
ئەگەر، كەتسەڭ يېنىمدىن،
رەنجىمەيمەن، تۆكمەيمەن يېشىم.
بولساڭ بەختلىك،،،
پەقەت سەنلا….
شۇ مېنىڭكى ئۈمد تىلىكىم.
خەيىر…..
1. سۇبھى
تەنھا سايەم، شۇ تاپتا ساڭا نېمىلەرنى دەپ ئىلتىجا قىلىشنى، مۇڭلۇرۇمنى قانداق تۆكۈشنى پەقەت بىلەلمەي تەمتىرەپ يۈرىمەن.
شۇتاپتا سېنى ۋە ئۆزەمنى،بىز تۇرغان مۇشۇ ساھىلنى بىر جەننەت ئىچىدىكى چىمەنزار دەپ ھېس قىلىشنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىمەن ھە!
بىراق ئامال قانچە؟
مەن زېمىندىن، سەن نۇردىن ئاپىرىدە بۇلۇپ ، ئەزەلدىن كېلىپ باقمىغان بۇ ساھىلدا گۈزەل ھاياتىمىزنىڭ بىر دەقىقىسىنى ئۆتكۈزگەنىدۇق. راست، بىز دەسلەپ كەلگەندە يېتىرقاش ئىچىدە ئىدۇق. تونۇشمايتۇق. مەن ساڭا، سەن ماڭا ھەيران ئىدۇق.
مەن دولقۇنلۇق ۋە تىنىق تامچىلارنىڭ قەترىسى ئىدىم. سەن شۇ چاغ ماڭا قارىغان ئىدىڭ، قۇياش گۈزىلى مېنى چىللاپ چىققاندىن تارتىپ ، ئۇنى شەپەق يىگىتى ھۇجرىسىغا ئېلىپ كەتكۈچە بولغان ئارىلىقتا، مەن بىھۇشلۇق ئىچىدە يۈردۈم.
ئوتتۇرىمىزدا گەرچە ئۆمرۈمىزدەك مۇستەھكەم ئىشەنچ بولسىمۇ، ئەمما ساھىلدىكى ئۆزگىرىش سېنى ھەر ۋاقىت مەندىن تارتىۋېلىش ئالدىدا تۇراتتى.
ئەي سايەم، ئېيتقىنا، بۇ دۇنيادا نېمە ئۈچۈن شۇنچە گۈزەل ھەم شۇنچە كۈرۈمسز؟
كەچۈر تەنھا سايەم، تولا سۆزلەپ سنى چارچىتىپ قويماي…
بەلكىم ، دىلبىرىڭ يولۇڭغا تەقەززا بولۇۋاتقاندۇ؟ تېزرەك بار، مامۇق تۈشەكلەردە راھەتلىك ئۇخلاپ، سەھەر قېشىمغا كەلگىن…
خەيىر، تەنھا سايەم، قارىغىنا، شەپەق كەتتى، بىزمۇ قايتايلى !
2. تۈرمە
ئەي سايەم، سەن ساخاۋەتكە مۇھتاج ئەمەسسسەن،
ئەي سايەم، سەن سەنلا يىرگىنىدىغان بارلىق ماددى مەئىشەتلەرگە مۇھتاج ئەمەسسەن.
چۈنكى سەن روھىيەتنىڭ شاھىنشاھىسەن.
ئەي سايەم، تەقدىر نېمىشقا بىزنى جەم قىلغاندۇ؟ يەنە نېمىشقا بىزنى قاپ-قارا بۇلۇتلارغا ئوخشاش كۆز ياشلىرىمىزنى تۈكۈشكە مەجبۇر قىلىدىغاندۇ؟
بىلمىدىم، ئەمما شۇنچە ھەسرەتلەر ئىلكىدە تەمتىرەپ يۈرسەممۇ ئەي سايەم، زارلىنىشنىڭ بىھاجەتلىكىنى بىلىمەن. چۈنكى، تەقدىر-بەرىبىر تەقدىر. ئۇ ھامان بىزنى ئايرىۋېتىدۇ. ئەمما ئۇ زورى بىلەن ئايرىۋەتىسىمۇ، لېكىن ئالىيجاناپلىقى ۋە دوستلۇق رىشتىنى، ئۇلۇغۋار غايىنى، ئۆلمەس ئىرادىلەرنى، گۈزەل كېلىچەكلەرنى، تاتلىق ئەسلىمىلەرنى سوۋغا قىلدى.
ئىككىمىزنى بۇ گۈزەل ھەم تىمتاس ساھىلدىكى ئۇيقۇدا ياتقان ۋە ئۇخلاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بارلىق مېھرىبان قۇشلارنى ئويغۇتۇشقا ئەۋەتىش ئالدىدا تۇرماقتا…
ئەي سايەم، مېنىڭ ساڭا مەسلىكىم كېلىدۇ، سېنىڭ تىرىشچانلىقىڭ، ئىزدىنىش قىزغىنلىقىڭ، ئەستايدىللىقىڭ، ئىلمىيلىگىڭ ئەڭ قەدىرلىك بولغىنى ئۈن-تىنسىزلىك ئىچىدىكى جۈرئەتلىك روھىىڭ مېنىڭ قەلبىمدە ھۆرمەت ۋە ھاياتجان تۇيغۇلىرىنى ئويغاتتى.
مەن سېنى ئۇنتالمايمەن ئەي سايەم!
ئەمدى مەن، سەن بىلەن خوشلىشاي، سەن ساھىلدا ئاشۇ زۇمرەت سۇلارغا قارا، كەلگۈسى گۈزەل كۈنلىرىڭنىڭ كارتىىنىسى قاتارىدا مەندەك بىر دوستۇڭنى ئەسلەپ قويارسەن.
خەيىر، تەقدىرگە تەن بېرەيلى، بەلكىم ئۇنىڭ ئىنساۋى كېلىپ قالسا، بىزنى كۈنلەرنىڭ بىردە قايتىدىن ئۇچراشتۇرۇپ قويامدۇ تېخى !
1995-يىلى ئاقسۇ قاراتال سات مەكتىپى
(3) سەپەرداش
ئەي سايەم، ئايرىلىش ھېسلىرى ئۇشتۇمتۇت يۈرىگىمنى ئۆرتىدى. قەلبىمگە ئاچچىق بىر ھەسرەت مېھمىنىنى باشلاپ كىردى. مانا ھازىر نامرات قەلبىم مېھمىنىڭنىڭ كەڭ قۇچاقلىرىغا قايسى نېمەتلەرنى تىزىشنى بىلمەي ئۈنسىز ياش تۆكمەكتە.
ئەي سايەم، قىيالماسلىق، چاڭقاش مېنى دەھشەتلىك قىينىماقتا. مەن دۇنياغا تۆرىلىپ تۇنجى قېتىم ئايرىلىشنىڭ ئازاپلىرىنى تېتىپ باقماقتىمەن.
بىلەمسەن سايەم، مەن سېنى مېنى كىچىك چاغلىشىڭغا بەكلا ئۆچ ئىدىم. ئۆزەمنى، بۇيۇمنى، يېشىمنى، ئەقلىمنى، چۈشەنچەمنى، يەنى پاك بىغۇبار قەلبىمنى سەن بىلەن تەڭ دەپ ئويلايتتىم. ئەپسۇس….. سەن يەنىلا مېنى كىچىك كۆرۈپسەن…
مانا ئەمدى بىلدىم، مەن كىچىك ئىكەنمەن. ئىرادىسىز، كەمئەقىل ئىكەنمەن. بەزلەشلىرىڭگە، مەن تەشنا بۇلۇپ ئېرىشەلمىگەن قاراشلىرىڭغا پەرۋا قىلماي يىغلىماقتىمەن….
ئەي سايەم، گەرچە بىز تۇنۇشقىلى ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما مۇڭسىز ساھىلىڭدا مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ، ئارىمىزغا چوڭقۇر مۇھەببەتنىڭ بىخى بولغان دوستلۇق رىشتىنى چەككەن ئىكەن. مانا شۇ رىشتە مېنى ئەمدىلىكتە ئۈنسىز يىغلاتماقتا.
ئەي سايەم، بولدىلا، يۈرىگىمدىكى ئەڭ يارقىن ئەڭ نۇرلۇق سىرلىرىمنى ھەر قانچە قىلىپمۇ تىل بىلەن ، قەلەم بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمىگۈكمەن، كەچۈرگىن،
ئاشۇ سىرلىق ھەم يېقىملىق تەنھالىقىڭ بىلەن ، سەيلى قىلغىنىڭدا، مېنىڭدەك بىر سەپەردىشىڭنى ئەسلەپ قويارسەن!
ئەي كۈمۈش سايەم، رىشتىمنى سىياھ، سۆيگۈمنى قەلەم قىلىپ ساڭا سوۋغا تەييارلاۋاتىمەن، قۇبۇل قىلارسەنمۇ؟
ئاھ،،،، سايەم… قىمىرلىساڭچۇ؟
4.يۈرەك
قىزىلگۈلنىڭ تىكىنى، خوشاللىقنىڭ قايغۇسى تەڭ ئورتاق بولغىنىدەك كىشلىك تۇرمۇش ھەر قانداق كۆڭۈلسىزلىكلەردىن خالى ئەمەس.
سەن بەختىسسىز ئەمەسسەن سايەم، بەختىسزى- مەن. سەن پەقەت جىمجىتسەن!
قارىغىنا ئەي سايەم، مەن ئۆزۈمڭنىڭ بۇرۇنراق قېشىڭغا، مۇشۇ ساھىلىڭغا كېلەلمىگەنلىكىمدىن قاتتىق ئېچىنىمەن. مانا سېنىڭ ئۈنسىز تەلمۈرۈشۈڭنى مەندىن ئايرىلىپ ، باشقا بىراۋ بىلەن قولۋاققا چىقىۋالغانلىقىڭنى ئولىسام، قەلبىم ئازاپ ئوتىدا پۇچۇلىنىپ، كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز بۇلاق سۇلىرى ئېتىلىپ چىقىدۇ…
چۈنكى سەن قەلبىمدە بىر گۈل ئىدىڭ…
5. غەمكىن
ئۇچقۇر يىللارنىڭ بىمەھەل قەدىمىنىڭ تۇترۇقسىز يېتىپ كېلىشى نېمىدىن بىشارەت!
ئاھ ، سايەم! ئاران ئورناتقان دوستلۇقنىڭ مۇھەببەتكە ئايلىنىشىغا نەقەدەر تەشنا ئىدىم ھە!
بىراق دوستلۇق گۈلىمىز مانا شۇنىڭ بىلەن توزۇپ كېتەرمۇ؟ مەن نېمە دېگەن بىچارە ھە…
تەقىر ھەجەپ غەلىتە ھەم كاج ئىكەن. ئۇ گاھىلارغا خوشاللىق ، گاھىلارغا دەرت-ئەلەم ئېلىپ كېلىدىكەن.
مانا مۇشۇ تەقدىر 3 يىل بۇرۇن بىزنى تەلۋىلەرچە چاقچىقى بىلەن تەرەپ-تەرەپتىن مۇشۇ ساھىلغا ئېلىپ كەلگەن ئىدى. بىز بىر-بىرىمىزگە يېتىرقاش، ئەيمىنىش بىلەن يارئاستىدىن قاراشقان ئىدۇق.
مانا، مەن تونۇدۇم. ئاشۇ تەقدىر شۇ ئىكەن. ئۇ ھازىر يەنە بىر قېتىم بىزگە تېتىقسىز چاقچاق قىلماقچى، بىنى ئايرىۋەتمەكچى.. ئەمما سەن ئۈن تىنسىز تۇرىسەن ئەي سايەم!
بىراق ، يەنىلا سەندىن خوشالمەن، سەن شۇنداق تۇرۇۋەر، ئاشۇ تۇرقىڭ بىلەن مېى قېرى تەقدىر ئالدىدا يەرگە قاراتتىڭ، مېنى مەڭگۈ غەمكىن قىلدىڭ!
خەيىر سايەم…
ھايات مۇساپەڭگە يېڭى يول، تۇرمۇشۇڭغا ئازاپ ئىچرە چەكسىز بەخت تىلەپ، ساڭا تەلمۈرگۈچى بەخىتسىز غەمكىنلىكىڭ.
6. ئۇچقۇن
ئەي سايەم! بولدى بەس، سەۋىر تاقىتىم تۈگىدى، قاچانغىچە ئۈن تىنسىز تۇرىسەن.. مانا بىز كېتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز…
ھايات بىر چاغلادا ئۆز قانۇنىيىتى بىلەن بۇ ماكاندا بىزنى ئۇچراشتۇرغان بولسا، يەنە تۇيدۇرماي مەڭگۈلۈك دوستلۇق رىشتىنى چېگىپتۇ. مانا رەھىمسىز تەقدىر قامچىسى ئاش رېشتىنى بۇزىۋەتمەكچى. ئاڭلاۋاتامسەن ئەي سايەم! بىز ئايرىلىمىز.!!!!!!!!!!!!!!!!!!
يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن سەن موماي، مەن بوۋايلارغا ئايلىنىمەن، ئەنە شۇ چاغدا ئەڭ يارقىن كارتىنا بولىدىغان خوشلۇشۇش، بىزگە تەسەلى بېرەتتى. بىراق سەن ئۈن تىنسىزسەن!
مەيلى مېنى ئۇزاتما، ھېلىھەم بىزگە قاراپ كۈلۈپ تۇرغىنىڭغا رەھمەت!سەندىكى ئىزدىنىش، سەندىكى جۈرئەت، سەندىكى غايە، سەندىكى ۋىژدان يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن، ئەسىرلەرنىڭ ئالمىشىشى بىلەن ئۆز تۇيغۇسىنى يوقاتمىسۇن!
سەن مۇشۇ ساھىلنى ئەنە شۇ قىممەتلىك قەلبىڭ بىلەن نۇرلاندۇرغىن !
7. يۇمران
ماڭا قارا ئەي سايەم!
مەن باھارنى باشلاپ كەلدىم، ئۇ بۇ ساھىلنى يېشىللىققا چۆمدۈرۈدۇ. مەن سەن بىلەن ئوينايمەن، سەن ماڭا مەجنۇنتاللاردىن چاچ ساقال ياساپ بېرىشىڭ كېرەك…
مەن يەنە يازنى باشلاپ كېلىمەن..
قارىغىنا ئەي سايەم، مەندن يەنە خاپا بولۇۋاتامسەن؟ مانا ئالغىن، مانا بۇ يۇمران دوستلۇق كۆچىتى، بۇنى بىز بىرلىكتە تىككەن ئىدىۇق. لېكىن سەن ئۈن تىنسىز تۇرۇۋېلىپ، بۇ كۆچەت مۇھەببەتكە ئايلىنالمىدى. ئەمدى ئۇنى ئۆز قۇلۇڭ بىلەن سۇندۇرۇپ، ئۇتقا تاشلاپ كۆيدۈرۋەت….
8. خىيال
سايەم، مانا ئاي چىقتى، مەن سەن بىلەن مۇڭداشقىلى كەلدىم. ئاشۇ چىمەنلىكتە سۇلارنىڭ مەۋۇج ئۇرۇپ لەرزان ئېقىشىغا، كۆكتىكى ئاينىڭ بىزگە تەلمۈرۈشىگە قاراپ، ئوتلۇق يۈرىكىڭ ئۈستىگە باش قويسام ، شىرىن ئەللەيلىرىڭ- ناخشىلىرىڭ ئارىسىدا جەننەت چۈشى كۆرسەم دەيمەن.
ئەمما ، قېشىڭغا كېلىپ مانا خېلى ئۇزاق ساقلاپ تۇردۇم. نېمە دېيىشىمنى بىلمەيمەن. پەقەت ساڭا ئاتاپ يازغان ئەسلىمىلەردىكى «ئاھ»تىن باشلايمىكىىن…..
سېنى تىنىمسىز خىياللار ماكانى – يۇلتۇرزلار يورتىغا باشلاپ بارايمىكىن….
خەيىر سايەم، خالىمىساڭ مەن قايتاي، بېرىپ غېرىپ ئۇيقۇمنى تاپاي….
خوش، خىيالچان سايەم.
1995-يىلى 1-ئاپرىل
9. نەپرەت
ئەي مەجنۇن سايەم، مانا شۇ تاپ، ساڭا نەپرەتلەنمەكتىمەن. چۈنكى گۈزەل كارتىنىلار سەن تاللىغان ب قىقاس ساسلىقتا شاماللارغا تەلپۈنمەكتە. ئۇنىڭغا، ساڭا قاراپ تىلىم تۇتۇلۇپ، يۈرىگىم سىقىلىۋاتىدۇ. ئاجىز يۈرىگىم ئايرىلىشقا بەرداشلىق بېرەلمىسە كېرەك….
بېشىڭنى كۆتۈر سايەم، ماڭا قارا، ماڭا قارىساڭلا، گۈزەل كۈنلىرىمىز، ئەمگەك مەيداندىكى ئوتلۇق ناخشىلىرىمىز بەلكىم ئېسىڭگە چۈشەر…
شۇنى بولسىمۇ ئەستە ساقلىغىن سايەم، چۈنكى بۇ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقە، ئەڭ ئاخىرقى ھاياتلىق، دوستلۇق، مۇھەببەت چېگرىمىز.
بىز ئايرىلغان ھامان بىرگە تۇرغاندا ئەسلەنمەيدىغان ئادەتتىكى دەقىقىلەر تارىخ توزانلىرىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇ تولىمۇ قەدىرلىك بولىدۇ…
ئەي سايەم… كەچۈرگىن…ئۈن تىنسىز تۇرقۇڭ، ئازاپلىق خىيالىڭ مېنى يىغلاتماقتا. ئەسلى ئۆزەمگە نەپرەتلەنسەم بولغۇدەك…
مۇھەببەت-ھايات، ئارزۇلارنى قالايمىقانلاشتۇرغان مەندەك بىر دوستۇڭ مانا، خاتىرەڭگە بىردىنلا نەپرەت دەپ ئىمزا قويدى. ئۇ ئۆزەمنىڭ تەخەللۇسى بۇلۇپ قالسۇن!
ئەي سايەم، كۆز ياشلىرىمدىن مەن تۇرغان مۇشۇ تۇپراقتا ئەگەر ساداقەت گۈللىرى ئېچىلسا، ئۇنى ئەسكە ئېلىپ كۈرۈپ كېتەرسەن…
10. لالە
مانا ئالدىڭدا ساڭا يېلىنىش ۋە سەندىن خوشلۇشۇش نۆۋىتى ماڭا كەپتۇ… سايەم
ئەي سايەم، ئىنساننىڭ سايىسى ئۆز ئىگىسى بىلەن ھەركەت قىلاتتى. ئەپسۇسكى، سەن شۇنداق سۇلغۇن، شۇنداق بىر مىسكىن ھالەتتە ، سېنى ئىزدەپ يۈرگەن مېنى كۆرمەي كېتىپ قالدىڭ…
مەن بۇ يەرگە، پات ئارىدا گۈللىنىدىغان بۇ ساھىلغا سەن بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشقىلى كەلدىم. چۈنكى سەن مېنى تازىمۇ ئەلەمدە، دەرتتە، ھەسرەتتە قويدۇڭ.
لالە ئەمەس، غازاڭ بولدۇم. گۈللەر سوغۇق چۈشكەندە تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە سۇلىشىشى ۋە قۇرۇپ كېتىشى مۇقەررەرلىك ئىدى. مىڭ ئەپسۇس، ئىيۇل ئېيىغا قەدەم قويغان بىرىنچى ھەپتە ، سېنىڭ قەلبىڭدىن چىققان ئىزاھاتسىز سوغۇق ئارقىلىق مەن مەڭگۈلۈك توزۇپ كەتتىم.
خەيىر سايەم، يەنە جىمجىت مۇڭغا چۈكۈپ تۇرىسەن….
ساڭا بەخت تىلەيمەن، بۇنىڭدىن باشقا نېمىمۇ قىلالايمەن ئەمدى….
بەلكىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۇ ئىشلارمۇ،……..
1995-يىلى ئاقسۇ قاراتال سات مەكتىپى