ياشنىسۇن ، گۈللىسۇن، ئۇيغۇر تىلى

ياشنىسۇن ، گۈللىسۇن ئۇيغۇر تىلى
ئابدۇرېھىم زۇنۇن

بىل شۇنى ، ئۇيغۇر ئۈچۈن پۇتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى،  
مەڭگۇ پاتماس زەر قۇياش ، نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى،  
بىپايان تىل كۆكىدە چولپان ، ئۈكەر ئۇيغۇر تىلى،  
مەنىلەرگە باي ، تېرەندۇر شۇ قەدەر ئۇيغۇر تىلى ،  
بولدى تارىختىن بېرى بىزگە پەدەر ئۇيغۇر تىلى.  

ئانا تىل ھەردەم قۇۋم – مىللەت ئۈچۈن روھ تۈۋرۈكى ،  
ئانا تىل پەن – مەرىپەت ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆۋرۈكى ،
ئانا تىل چوڭۇ- كىچىكنىڭ يۈرىكى ، تاغ – يۆلىكى،  
ئانا تىل ۋاستە – قۇرال ئالاقىدە ، قەلىب ئەينىكى ،  
بىزنى قۇچتۇرغان جىمى ئىشتا زەپەر ئۇيغۇر تىلى .  

پەنگە ئاشىق – بىقارار قىلدى مېنى دىلبەر تىلىم ،  
تارىتتى رايىمنى ئۆزىگە ھەر قاچان ئەنبەر تىلىم .  
ئەلگە دىل رىشتىمنى چاتتى بال – شېكەر ، كەۋسەر تىلىم ،  
بولدى ئەل دۇشمەنلىرىگە تىغ – تەبەر ، نەشتەر تىلىم ،
ھەممىمىزنى قىلدى دائىم بەھرىۋەر ئۇيغۇر تىلى .  

‹ئا› بىلەن كىردى ئېغىزغا ، تىل – زۇۋانغا مەڭگۇ تەم ،  
قىلدى تىل ئاقىل ، نادانلارغا بېرىپ ئىدراكۇ پەم ،  
تىل چېچېلغاننى يىغىپ قىلدى ھامان بىر يەرگە جەم
تىل بىمار ، ئاجىز – ئورۇققا ئەم – داۋا ، ئاچلارغا يەم  
خاسىيەتلىك تىل تۇمار ، قالقان – سىپەر ئۇيغۇر تىلى .  

يۈرىكىمگە كەلدى سۆزلەپ مۇشۇ تىلدا جان بوۋام ،  
مەن ئىجات ئەتتىم مۇشۇ تىلدا ، قىلىپ پەرۋاز داۋام ،  
مۇشۇ تىلدا سايرىدى بۇلبۇل كەبى ھەقدار بالام ،  
مۇشۇ تىل بەردى چىدام ، مەردلىك ، ۋاپادارلىق مۇدام ،  
قان قېرىنداشلارغا رىشتە ، جانجىگەر ئۇيغۇر تىلى .  

سۇ بىرىپ ياشناتتى بىزنى ئانا تىل – ئالتۇن بۇلاق ،  
ئۇ – چىراق ، پەرۋانە بىز ، ھەرگىزمۇ كەتمەيمىز يىراق ،  
ئانا تىل يىلتىز ، ئوزۇق ئالغۇچى بىز _ نوتا – ئۇلاق ،  
ئانا تىلدا دەرس ئېلىپ ، تاپتۇق ئەقىل ، سەمرىپ قۇلاق ،
بىزگە پۇتمەس كان ، خەزىنە شام – سەھەر ئۇيغۇر تىلى.

قويدى تاڭ دۇنيانى شۇ تىلدا قىلىپ بۇلبۇل ناۋا ،  
تاپتى شۇ تىلدا پۈتۈلگەن كۈي – غەزەل يۈكسەك باھا ،  
ھەر تەرەپتىن ياغدى ئالقىش ، <مىڭ ياشا !>دېگەن سادا،  
مۇشۇ تىل شۆھرەتكە نائىل ئەيلىدى، سالدۇق ساما ،  
ئىپتىخارغا پۈركىدى ئۇيغۇرنى زەر ئۇيغۇر تىلى
.   
شاھ مۇقامنى مۇشۇ تىلدا ئاڭلىدى ئەھلى جاھان ،  
مۇشۇ تىل دىللارنى دىلغا ئۇلىغان رىشتە ھامان ،  
مۇشۇ تىل بىرلە يۈسۈپ ، ھەزرەت ناۋائىي تاپتى شان ،  
مۇشۇ تىلغا جان بىرىپ مەھمۇد بوۋام تۈزدى دىۋان ،  
مەڭگۇ ئەنگۇشتەر ، يېزىشتا شاھ ئەسەر ئۇيغۇر تىلى .

مۇشۇ تىل بىزگە جاھاندا تەڭدىشى يوق ، بىباھا ،  
مۇشۇ تىل بىرلە بىلىپ يەتتۇق نېمە توغرا ، خاتا ،  
مۇشۇ تىل مەڭگۇ قەدىردان ، مېھرى ئاتەش جان ئانا ،  
مۇشۇ تىلنىڭ شۆھرىتىنى قىل ھىمات ، جاننى ئاتا ،  
پىر بولۇپ بىزگە ئۆگەتتى كەسىپ – ھۆنەر ئۇيغۇر تىلى .

ئانا تىل قالغان ئانامنىڭ ئانىسىدىن يادىكار ،  
ئانا تىلغا يۇغۇرۇلغان چىن غۇرۇر ۋە ئېپتىخار ،  
ئانا تىلنى ئاڭلىسام جۇتنى سېزەرمەن گۇلباھار ،  
ئانا تىل بار – ئەلمۇ بار ، ھېكمەت ، مۇھاببەت … ھەممە بار ،  
بىزگە ئاش – ناندەك زۆرۇردۇر ، ھەمسەپەر ئۇيغۇر تىلى .  

بولغۇسى قەدرىم پاخال – خەس ، بولمىسا گەر ئۆز تىلىم ،  
ئۆز تىلىم بار ، ئاي ، قۇياشتەك تۇرىدۇ پارلاپ دىلىم ،  
بارمۇ مەندەك باي جاھاندا ، ئۆتتى شاد ھەر ئاي ، يىلىم ،  
ئۆز تىلىمدا بۇ ھايات دەرياسىدىن سۈزدۈم بىلىم ،  
ماڭا ئۇستاز ، رەھنەما چىن ئىچ كۆيەر ، ئۇيغۇر تىلى  

خىسلىتى يازغانغا پۇتمەس ، تىل ھايات ، بىزمۇ ھايات ،  
مۇشۇ تىل بەركاتىدىن تاپتۇق روناق ، ئەل – يۇرت ئاۋات ،  
كۇنسېرى ئۆرلەشكە بولدى مۇشۇ تىل تالماس قانات ،  
مەن بۇڭا دىل بەرگىنىمچۈن ، ئارمىنىم بىخ ياردى شاد ،  
ئۇتتى مەيلىمنى ، بېرىپ دىل ، ھۆددىگەر ئۇيغۇر تىلى .

تىزگىنىن چىڭ تۇت ۋاقىت تۇلپارىنىڭ ، باش قاشلىما ،  
بولسا بىل كۆپ تىل ، ئەقىل ، كۈچ تاپ ھامان ، يانپاشلىما ،  
بۇ قۇرالدىن پايدىلان ياخشى ، كېيىن كۆز ياشلىما  
شاھ بولۇپ كەتسەڭمۇ ، ئەمما ئۆز تىلىڭنى تاشلىما ،  
قىلغىنى بىزنى مۇزەپپەر ، مۆتىۋە ر ئۇيغۇر تىلى .  

ھەر كىشى كۆپ زوق ئالار سۆز سۆزلىسە ئۆز تىلىدا ،  
شۇڭا مەن ئانا تىلىمغا قىلىمەن چىن ئىقتىدا ،  
ئانا تىلسىز گال ، كېكەچ مەن ، بولىمەن جاندىن جۇدا ،  
چىن يۇرەكتىن ئەيلىدى ئابدۇرېھىم مۇنداق نىدا :  
سۈيىدە ئاق ، ئوتىدا كۆي ! دۇر – گۆھەر ئۇيغۇر تىلى  

  مەنبە:جۇڭگۇ مىللەتلىرى ژورنىلى

uigur ھەققىدە

ئوقۇ، نادان بىلەن يۈرمە! (مەھمۇد قەشقىرى بوۋىمىز ئۈگۈتلىرىدىن)
بۇ يازما ئەدەبىي ئەسەرلەر كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈچلىۋېلىڭ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش