ھامىلىگە ھەركەت ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۈش(ھامىلە تەربىيەسى-1)

17 ھەپتىلىك بولغان ھامىلىدە ھەركەت سېزىمى پەيدا بۇلۇپ، بالا ياتقۇدا تۇرۇپ ھەركەتلىنىشكە باشلاىيدۇ. 18 ھەپتە بولغاندا، ئانا قورساقتىكى بالىنىڭ ھەركىتىنى سېزەلەيدۇ.
  يەھۇدى مائارىپشۇناسلىرىنىڭ دەل مۇشۇنداق چاغدا ئېلىپ بارغان ھامىلىنىڭ ھەركىتى ئۈستىدىكى غىدىقلاش تەجرىبىسىدىن مەلۇمكى، قورساقتىكى چاغدىلا ھەرىكەتتە مەشىقلەندۈرۈلگەن ھامىلىلەر تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئۆرۈلۈش، ئۆمىلەش، ئولتۇرۇش ۋە مېڭىش ھەركەتلىرىنى ئادەتتىكى بالىلارغا قارىغاندا، بۇرۇن ئۆگىنىۋالىدىكەن. بۇنداق بالىلارنىڭ كېيىن ئىپادىلىنىدىغان ئەقلى قابىلىيىتى باشقا بالىلارنىڭكىدىن روشەن يۇقىرى بولىدىكەن. دېمەك، ھاملىنى ھەركەتتە مەشىقلەندۈرۈش، بالىنىڭ ئەقلى ۋە جىسمانى ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك يېتىلدۈرۈشكە بىۋاستە پايدىلىق.
  بۇ خىل ھەرىكەت مەشقىنى ھامىلە 3-4 ئايلىق بولغان مەزگىلدە باشلىغان مۇۋاپىق. بۇنىڭدا ئانا پۈتۈن ئەزايىنى بوش قۇيۇۋېتىپ، ئوڭدا تۇرۇپ، كىچىك قورساق قىسمىنى ئالدى-كەينىگە سىيلاپ ۋە بارماقلىرى بىلەن كىچىك قورساقنىڭ ئۇ يەر- بۇ يەرلىرىنى ئاستا بېسىپ، ھامىلىنىڭ ئىنكاسىنى كۈرۈپ بېقىشى لازىم. بۇ چاغدىكى ھەرىكەت سىلىق، ۋاقتى قىسقا بولۇشى كېرەك.
  بىر قانچە ھەپتىدىن كېيىن ھامىلە بۇ خىل ھەرىكەت مەشقىگە ماسلىشىۋالىدۇ-دە، ئانىسىنىڭ قورسىقىنى تېپىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرالايدۇ.
  ئالتە ئايلىق بولغان ھامىلىنىڭ باش ۋە پۇت-قولىنى سىيلاپ پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. بۇ چاغدا ئانا كىچىك قورساقنى ئاستا پەپىلەپ، ھامىلىنى مۇزىكا رېتىمىغا ماسلاشتۇرۇپ ئاستا سىيلاپ، ئۇنىڭ بالىياتقۇدا تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىشىغا  ياردەم بېرىش لازىم. بۇنداق ھەرىكەتنىڭ ۋاقتى ئۇزۇن بۇلۇپ كەتمەسلىكى لازىم. ئادەتتە ئىككى مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ.

uigur ھەققىدە

ئوقۇ، نادان بىلەن يۈرمە! (مەھمۇد قەشقىرى بوۋىمىز ئۈگۈتلىرىدىن)
بۇ يازما مېنىڭ يازمىلىرىم كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم دەپ خەتكۈچلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈچلىۋېلىڭ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش