قورساقتىكى ھامىلە ئانا تېنىدىن زۆرۈر ماددى ئۇزۇققا ئېرىشكەندىن باشقا، يەنە مول مەنىۋى ئۇزۇققىمۇ مۇھتاج بولىدۇ. ناۋادا بۇ چاغدا ھامىلىنى ئاكتىپ روھى ئۇزۇق بىلەن تەمىنلىگەندە، شۇبھىسىزكى، بالىنىڭ ئەقلى قابىلىيىتى ئۈستۈن، تېنى ساغلام بولۇپ چىقىدۇ.
بۇنداق روھى ئۇزۇق ئادەتتە ئانىنىڭ كەيپىياتى ئارقىلىق يەتكۈزۈلدۇ.
يەھۇدى مائارىپشۇناسلىرى « ئانىنىڭ كەيپىياتى ھامىلىنىڭ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ» دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇلار ھامىلىنىڭ ھەر جەھەتتىن تولۇق يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھامىلە تەربىيەسىدە بىرىنچىدىن، ئانىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەيدۇ. ئىككىنچىدىن، ئانىدىكى ياخشى روھى كەيپياتنى ھامىلىگە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.
ئانىنىڭ ساغلاملىقى ئۇنىڭ كەيپىياتىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئانىلار تېنىنى ساغلام تۇتۇش ئۈچۈن، يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قلىشى، جۈملىدىن مېۋە-چېۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ بېرىشى ، ئاچچىق نەرسىلەرنى ئامال بار يېمەسلىكى لازىم.
ئادەمنىڭ كىيىنىش ۋە يۈرۈش تۇرۇشىمۇ ئۇنىڭ كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئىككى قات ئاياللار كىينىشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. جۈملىدىن ئادەتتە سۇس گىرىم قىلىپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىيىملەرنى كىيىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، ھامىلدار ئايالنىڭ كۆڭلى كۆتۈرۈلىدۇ.
دورا ئادەتتە قورساقتىكى ھامىلىنىڭ نۇرمال ئۆسۈشىگە سەلبى تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئانا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاغرىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. قىسقىسى، ئانىنىڭ بارلىق تۇرغان-پۈتكىنى قورساقتىكى بالىنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ.
يەھۇدى مائارىپشۇناسلىرى « ئانىنىڭ ئۆزىدىكى ئىجابى ئىدىيەنى قورساقتىكى بالىغا يەتكۈزۈشى – ھامىلە تەربىيەسىنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى» دەپ قارايدۇ.
بەزى يەھۇدى ئاتا-ئانىلار بالىسىغا قورساقتىكى چاغدىلا ئىسىم قۇيۇۋالىدۇ. بۇنداق قىلىش ھامىلە بىلەن سىردىشىشقا پايدىلىق. چۈنكى ئانا قورساقنى سىيلىغاچ قورساقتىكى بالىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا گەپ قىلىپ بەرسە، بۇنداق سىردىشىشنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ. بىر يەھۇدى ئانا مۇنداق دەيدۇ : « تۇغۇتۇم دەسلەپتە قىيىن كەلدى، لېكىن مەن يۈرىكىمدە بالامنىڭ ئىسمىنى چاقىردىم. بالام ماڭا مەدەت بەردى، بۇنىڭ بىلەن بالا ئاسانلا يەرگە چۈشتى، ئۇنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىمۇ ھېچقانچە تەسىرگە ئۇچرىمىدى»؛
يەھۇدى مائارىپشۇناسلىرى شۇنى تەشەببۇس قىلىدۇكى، ئاتا-ئانا ئۆزلىرىنىڭ قورساقتىكى بالىغا بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىشىنى «بالام، بىز سېنىڭ دۇنياغا كېلىشىڭگە ئىنتىزارمىز، سەن بىزنىڭ پەخرىمىز » دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئۇنىڭغا داۋاملىق يەتكۈزۈپ تۇرۇشى كېرەك.
ئىككى قات ئاياللار يەنە بىر پارچە چىرايلىق بالا (ئوغول ياكى قىز)نىڭ رەسىمىنى دائىم كۈرۈپ تۇرىدىغان يەرگە ئېسىپ قۇيۇپ، قورساقتىكى بالىنىڭ تەققى – تۇرقىنى ئاشۇ رەسىمدىكى ئوبرازغا باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىپ تۇرۇشى لازىم.
مەنبە: يەھۇدىلارنىڭ پەرزەت تەربىيەسى