مائارىپنىڭ غەلىبىسى ۋە ھالاكىتى (8)

ئۈچ دىئالوگ

 1-دىئالوگ

 بەلكىم 2001-يىللىرى بولسا كېرەك. ئەڭ چەت يىراق يەردىكى بىر مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىچكى ئىشلەكلىرىنى كۈرۈشكە باردىم. ئادەتتە دائىرىدىكى مەكتەپلەر كۆپ بولغاچقا، بۇنداق چەت جايلاردىكى ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىغا ماۋسۇمدا بىر قېتىم ئاران كېلەلەيتۇق. بۇ يەردە بارى يوقى 4 ئادەم ۋە 3 سىنىپ بار ئىدى. مەن باشقىلارنىڭ كونسپىك ۋە تاپشۇرۇقلىرىنى كۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ياشقا چوڭراق بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ كونسىپىكىنى سورىدىم. ئەدەبىيات كونسىپىكىنى كۆرسەتتى. مەن يەنە ماتىماتىكا كونسىپىكنىمۇ كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدىم. ئۇ بىردەم ئۈستىلىنى ئاختۇردى. (پەرىزىمچە بۇ كونسىپىك ياكى يوق ۋە ياكى چالا)، ئاندىن ئۆيدە قېپ قالغان ئوخشايدۇ دېدى. ئۇنىڭ ئۆيى مەكتەپكە يېقىن بولغاچقا، مەن ئۇنىڭدىن كونسىپىكنى ئاچىقىشنى تەلەپ قىلدىم. مېنىڭ مىقتەك قادىلىپ تۇرۇۋېلىشىمدىن تېرىككەن بۇ ئوقۇتقۇچى : – كونسىپىكى يوق دەپ يېزىپ قۇيۇڭا! – دېدى ناھايتى قوپال بىر تەلەپپۇزدا…

 مەن دەماللىققا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالغان بولساممۇ، ئۆزەمنى دەرھال ئوڭشاپ… ھۆرمەتلىك مۇئەللىم، مەن سىلىنىڭ كونسىپىكلىرىنى دەپتەرگە يېزىپ قۇيۇپ، باشلىقلارغا چېقىشتۇرغىلى ئەمەس ، بەلكى بۇ يەردىكى خەلقنىڭ بالىلىرىنى قانداقراق ئوقۇۋاتىدۇ؟ يانچۇقىغا ھەر ئايدا كىرىدىغان مائاشىغا چۇشلۇق ئىشلەۋاتامدۇ يوق؟ شۇنى تەكشۈرگىلى كەلدىم!- دېدى. بەلكىم بۇ ئوقۇتقۇچى مېنى «يېزىپ قويىمەن، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن، كۆرگۈلىگىڭنى كۆرسىتىمەن»دەيدۇ دەپ ئويلاپ قالغان بولسا كېرەك. مېنىڭ يۇقارقى گەپلىرىمدىن ناھايتى ئەندىكتى دە. بىردىنلا مۇلايىملىشىپ كەتتى. – ئۇكام، قەتئى خاپا بولماڭ، مەن ھازىرلا كۆرسىتەي… ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىچكى ئىشلەكلىرىنى چىرايلىقچە كۈرۈپ تۈگەتتىم. ئۇمۇ مەن كەتكۈچە بولغان ئارىلىقتا نەچچە ئەپۇ سوراپ، خىجىللىقىنى بىلدۈرۈپ كەتتى.

 2-دىئالوگ:

 بۇمۇ بەلكىم 2001-يىلدىن كېيىن بولسا كېرەك…. شۇ كۈنى سائەت 11 لەر بىلەن ئىشخانىدا يىللىق ئىستاتىستىكا خىزمىتىنى ناھايتى ئالدىراش ئىشلەۋاتسام، تېلېفون جىرىڭلاپ قالدى.تېلېفونى ئالدىم. – ۋەي، سەن ** مۇ؟ – مەن شۇ…. _ سەن بۇ قېتىم خىزمەت تەكشۈرۈشتە مېنى ئارقىدا چىقىرىپ قۇيۇپسەن، ئىش ھەققىمدىن ** يىۋەن تۇتۇپ قاپتۇ….. _ بۇ دېگەن خىزمەت، مېنىڭ شەخسى ئىشىم ئەمەس.. – ئالدىرماي تۇر، قارنىڭنى چۇۋۇۋېتىمەن….

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 لەر ئەتراپىدا ناھايتى ئېغىر مەست تەلەپپۇزدا ماڭا پوپوزا قىلغىنى، بىزنىڭ بىر كەنت مەركىزى مەكتىپىمىزنىڭ مۇدىرى ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىنمۇ 2005-يىلىغىچە مائارىپ ئىشخانىسىدا ئىزچىل ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئىشلىدىم. خىزمەتتە ئەستايدىل، تەلەپچان ۋە ئادىل بولغانلىقىم ئۈچۈن ھېچكىم مېنىڭ قارنىمنى چۇۋۇۋەتمىدى. بىراق مائارىپىمىز ۋە گۇناھسىز سەبى بالىلار ئەنە شۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلەرنىڭ قولىدا ئاز-ئازدىن چۇۋۇلۇپ كېتىۋەردى.

 3-دىئالوگ

 2008-يىللىرى بولسا كېرەك…. بىر قانچىمىز يەنە شۇ كەنت مەكتەپلەرنى كۆرگەچ، مەلۇم بىر كەنت مەكتىپىگە بېرىپ قالدۇق. قارىساق، ئۈچ سىنىپتىن 2 سىنىپتا ئادەم يوق. ئۇلارنى تېلېفون ۋە بالىلارنى ئائىلىسىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق چاقىرىپ چىققاندىن كېيىن، بىزنىڭ مەسئۇل رەھبەرنىڭ سەل جۇدۇنى تۇتتى بولغاي، ئەسلى مەكتەپنىڭ خەتەرلىك قۇرۇلۇشىنى كۆرگىلى بارغان ئادەم، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئىشلەكلىرىنى تەكشۈرۈشكە كىرىشتى. شۇ ئارىدا بىرەيلەننىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرىنى كۈرۈش جەريانىدا، بۇنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەكشۈرىدىغانلىقىنى بايقاپ قالدۇق.

 ئۇ ئوقۇتقۇچى چاقىرىپ كىرىلگەندىن كېيىن رەھبىرىمىز مۇنداق سۇئال سورىدى: – ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقىنى سىلە تەكشۈرەملا ياكى بالىلار تەكشۈرەمدۇ؟ ئوقۇتقۇچى پېتىنىمۇ بۇزماستىن جاۋاپ بەردى. – ئۆگىنىش باشلىقى تەكشۈرۈدۇ…. تاپشۇرۇقنى ئوقۇغۇچى تەكشۈرسە قانداق بولىدۇ؟ بۇنىڭ خاتا ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەملا؟

 - قانداق قىلىمەن ئەمدى؟ يېزىپ قوياسىز دەپتەرگە!

مانا بۇ بىزنىڭ مائارىپ…. ئەنە شۇنداق مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە ئەنە شۇنداق مەسئۇلىيەتسىز ئوقۇتقۇچىلار تۇرغان يەردە، ئىسلاھات دېگەن نېمىگە ئەسقاتىدۇ؟ جەمىيەتتە ساقچى، دوختۇر، ئوقۇتقۇچىغا كىشىلەر ناھايتى چوقۇنۇدۇ. ئۇلارنى ئەڭ پاك، ئەڭ ساپ، ئەڭ ئەخلاقلىق، ئەڭ دىيانەتلىك، ئەڭ مەسئۇلىيەتچان كىشىلەر دەپ قارايدۇ. بىراق بۇ ئاددى كۆرۈنۈش- مائارىپىمىزدا تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك ئىنتايىن مۇھىم بىر سىرنىڭ يوشۇرۇنۇپ ياتقانلىقىنى ئوقۇتقۇچىلارغا، مەكتەپ باشقۇرغۇچىلارغا ھېس قىلدۇرغان بولسا ئىدى…….

 داۋامى بار

uigur ھەققىدە

ئوقۇ، نادان بىلەن يۈرمە! (مەھمۇد قەشقىرى بوۋىمىز ئۈگۈتلىرىدىن)
بۇ يازما مېنىڭ يازمىلىرىم كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم دەپ خەتكۈچلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈچلىۋېلىڭ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش