ئازاتلىقتىن بۇرۇنقى ئاقسۇ گېزىتى

ئازاتلىقتىن بۇرۇنقى ئاقسۇ گېزىتى
قادىر مەگىت
ئونسۇ ناھىيەلىك پارتىيە مەكتىپىدىن
شىنجاڭ تارىخى ماتىرياللىرى 42-سانىدىن ئېلىندى
1935-يىلى ئاقسۇ ۋېلايەتلىك مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشقۇرۇشىدا «ئاقسۇ گېزىتى»نىڭ دەسلەپكى ئاساسى – «غەلۋىر» ناملىق قول يازما گېزىت چىقىرىلغا. ئۇيۇشمىنىڭ باشلىقى ئابلىز ئەپەندى (قەشقەردىن) خەلقپەرۋەر زىيالى بولغاچقا، پۈتۈن ۋېلايەتنىڭ مەدەنىيەت،ئاقارتىش ئىشلىرىغا جۈملىدىن «غەلۋىر»ناملىق قول يازما گېزىتنىڭ چىقىرىلىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئەينى ۋاقىتلاردا شافىگىراف ياكى مەتبە بولمىغاچقا، بۇ ۋاقىتتىكى گېزىت پەقەت قولدا يېزىپ چىقىرىلغان. ھەجمى ھازىرقى كىچىك فورماتلىق گېزىتلەر بىلەن ئوخشاش بولغان. گېزىت بېتىنىڭ باش بېتىگە «غەلۋىر»نىڭ رەسىمى سىزىلغان (غەلۋىر-ياخشى بىلەن ياماننى تاسقاپ، ياخشىلىرىنى تاللىۋېلىش مەنىسىدە) بۇلۇپ، بېرىلىدىغان ماقالىلەرنىڭ ئاساسى مەزمۇنى يېڭى مەكتەپ ئېچىش، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش، پەنگە يۈرۈش قىلىش، يېڭىلىقنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىقلار بولغان.
1936-يىلىغا كەلگەندە، ئابلىز ئەپەندى، دانىش داموللا (ئاقسۇ)، ئەخمەت پەرىت (تۈركىيەلىك)، نىم شېھىت ئارمىيە ئېلى سايرامى قاتارلىق بىر قىسىم زىيالىلارنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن ، گېزىت شافىگىراف بىلەن بېسىپ چىقىرىلىپ، سۈپەت جەھەتتىن بىر قەدەر ياخشىلانغان. بۇ مەزگىلدىكى گېزىتنىڭ نامى «ئاقسۇ ئۇچۇرى» قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى ۋېلايەتلىك ئۇيۇشمىنىڭ كاتىپى بۇلۇپ ئىشلىگەن جامال بەكرى گېزىتنىڭ خەتتاتلىق ۋە بېسىپ چىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. گېزىت ماقالىلىرىنى كۈرۈش، تەھرىرلەش ۋەزىپىسىنى پىشقەدەم شائىر، مەرھۇم نىمشېھىت ئارمىيە ئېلى سايرامى ئۈستىگە ئالغان. بۇ ۋاقىتتىكى گېزىتكە بېرىلگەن ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنى: 1934-يىلى تۈزۈلگەن ئالتە بۈيۈك سىياسەت ۋە شىنجاڭ خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمە ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. گېزىت ئايدا ئىككى سان چىقىرىلىپ، ھەر قېتىمدا 40 -50 نۇسخا تارقىتىلغان. گېزىت تارقىتىشقا ئېزىز ئەيسا (ھازىرقى سۇ ئىشلىرى باشقارمىسىدىن پىنسىيگە چىققان) مەسئۇل بولغان. 1939-،1940-يىللىرى ۋېلايەتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورنى يېڭى بىنا رايونى (ھازىرقى قىزىلكۆۋرۈك تەرەپتە)غا كۆچۈرۈلگەندە، گېزىتخانىمۇ مۇشۇ رايونغا كۈچۈرۈلگەن. 1939-يىلى ئاقسۇنىڭ ۋاليىسى خۇاڭ خۇچىڭ، ۋېلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لىن جىلۇ،«ئاقسۇ ئۇچۇرى»گېزىتىنىڭ مەسئۇلى چېن چىڭيۇەن، ئاساسلىق تەھرىر نىمشېھىت ئارمىيە ئېلى سايرامى قاتارلىق بىر قىسىم كوممۇنىستلار ۋە ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابى زىيالىلارنىڭ كۆڭۈل بۈلۈشى نەتىنجىسىدە، گېزىت ئىلگىركىدەك سۈپەتلىك، مەزمۇنى جانلىق ۋە ئېنىق چىقىرىلىپ، ئاقسۇ خەلقىنىڭ ئېزىلىشىگە، زۇلۇمغا، جاھانگىرلىككە قارىشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىگە زور ئىلھام بەردى.
        1943-يىلى بۇ گېزىت ۋېلايەتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى تەركىبىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، لەڭگەر كوچىسى (ھازىرقى ۋېلايەتلىك پارتىيە مەكتىپى قوروسى) ئىچىدىكى بىر قەۋەتلىك بىناغا يۆتكەلگەن. گېزىتنىڭ نامىمۇ رەسمى ھالدا «ئاقسۇ گېزىتى» قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. ۋەتەنپەرۋەر شائىر ل.مۇتەللىپ 1943-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە نىمشېھىت بىلەن بىللە  ئاقسۇ گېزىتخانىسىدا ئىشلىگەندە، گېزىتمۇ مەزمۇن جەھەتتىن جانلىق، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى تۇرىدىغان ، 3 ۋېلايەت ئىنقىلابىنىڭ غەلبىسىگە تەنتەنە قىلىدىغان، خەلقنى ئىنقىلابى كۈرەشكە يېتەكلەيدىغان ماقالە، شېئىر، ئۇچرىكلارنى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن ۋېلايەت تەۋەسىدە زور تەسىر قوزغىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئاقسۇ ۋېلايەتلىك قورچاق ساقچى ئىدارىسى ئاقسۇ گېزىتخانىسىگە كۆز تىكىپ، كۆپلىگەن ئىشپىيونلارنى گېزىتخانىدىكى زىيالىلارنىڭ ئارقىسىغا پايلاقچىلىققا قويغان.
ئازاتلىقتىن كېيىن «ئاقسۇ گېزىتى» 1945-يىلىغا قەدەر داۋاملىق چىقىرىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە خەلق ھۆكۈمىنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش رولىنى ئوينىغان. 1954-يىلى «قەشقەر گېزىتى» بىلەن بىرلەشتۈرلۈپ «جەنۇبى تىيانشان گېزىتى» قىلىپ ئۆزگەرتىلگە.
1958-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاقسۇ ۋېلايەتلىك پارتىكومنىڭ ئورگان گېزىتى سۈپىتىدە يېڭىۋاشتىن نەشىر قىلىنغان.

uigur ھەققىدە

ئوقۇ، نادان بىلەن يۈرمە! (مەھمۇد قەشقىرى بوۋىمىز ئۈگۈتلىرىدىن)
بۇ يازما مېنىڭ يازمىلىرىم كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم دەپ خەتكۈچلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈچلىۋېلىڭ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش