نېمىنى ئىسلاھ قىلدۇق؟
1998-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە بولغان ئىككى يىللىق ھاياتىم چوڭلار مائارىپىدىكى تۈگىمەس شەكىل ئارخىپلارنى ئىشلەش، ئائىلە مەدەنىيەت ئارخىپىدا ساۋاتلىقلار، تېخنىكا تەربىيسى ئالغانلار، ئالدىن بېيىغانلارنى ئىجاد قىلىش ۋە كىشى ئىسىم فامىلىلىرىنى ئالتە دەپتەرگە تەكرار كۈچۈرۈش بىلەن ئۆتتى. گەرچە ئارىدىن 5 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، مەن يەنىلا مائارىپ ئۈچۈن قارغۇلارچە تەر تۈكۈپ ئىشلىگۈچىلەر قاتارىدىن ئىدىم. ئىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئەھمىيەتسىز بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ، ئۇ توغرۇلۇق ئويلۇنۇش ۋە تەھلىل قىلىش يېقىنقى يىللاردىكى ئىش..
2000-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، مائارىپ ئىشخانىسىدە ئادەتتىكى مائارىپ سان-ساناقلىرى ۋە مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇشىنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى ئىشلىدىم. بەلكىم 1998-يىلىدىن كېيىن بولسا كېرەك…. ئىشخانىدىكى خىزمەتچى خادىملار بىلەن بىرلىكتە، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن يەنە بىر مەكتەپنىڭ خىزمەتلىرىنى تەكشۈرگىلى باردۇق. خىزمەتلەرنى بىرەر قۇر تەكشۈرۈپ خۇلاسە چىقىرىپ بولغۇچە، كۈنمۇ كەچ بۇلۇپ كەتتى. خۇلاسە قىلىش جەريانىدا، ئىشلىگەن ئارخىپلار ھەققىدە ناھايتى كۆپ تەنقىدلەر بولدى. چۈنكى ئوقۇتقۇچى دېگەن بۇ ھېچبولمىغاندا، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ئىنسانلار بەزى خىزمەتلەرنى ناھايتى يۈزەكى ، شەكىل ئۈچۈن ئىشلىگەن ئىدى. مەسىلەن: تەلەپتە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇش دېگەن بولسا، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇش پىلانى دېگەندەك ئادەمنىڭ يەتتە مېڭىسىدا يوق ماۋزۇلار – ئادەمنىڭ كۆڭلىنى بەكمۇ بىئارام قىلاتتى. بۇ بىئاراملىق – ئۇلارنىڭ ئىشلىيەلمىگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمەتلەرنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىپ ئىشلىمىگەنلىكىدىن، مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدىكى شۇئارۋازلىققا ئوخشاش، نېمە بولسا، شۇنى شۇنىڭغا ئوخشىتىشقا زورىقىشتىن كېلىپ چىققان بىئاراملىق ۋە ئېچىنىش تۇيغۇسى ئىدى.
خۇلاسە تۈگىگەندىن كېيىن، مەكتەپ مۇدىرى «تۈزىتىلى»دېگەن ئىنكاسنى قىلىپ قۇيۇپلا ئورنىدىن تۇرغان پېتى چىقىپ كەتكەن ئىدى. 1996-يىلى نىشانلىق ئوقۇتۇش ئەندىزىسى (ئەمىلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ 1970-يىللاردىكى سىناق ئەندىزىسى) يولغا قويۇلدى. ھەم 1998-يىلىدىن باشلاپ، مائارىپتا «ساپا مائارىپى» دېگەن ئاتالغۇ ھۆكۈمەت ۋە مائارىپنىڭ يىغىن، ھۆججەتلىرىدە كۆپ تەكىتلىنىدىغان بۇلۇپ كەتتى. بۇ ھەقتىكى ھۆججەتلەرنى يەتكۈزسەك ياكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرساق، بۇ پىشقەدەم مۇدىرلار ياكى چۈشەنمەيتى ياكى بىلمەيتى. ئۇ ۋاقىتلاردىكى مەكتەپ مۇدىرلىرىمىزنىڭ ئۆز ئارا رىقابەت ئېڭى ئىنتايىن كۈچلۈك، خىزمەتكە ئىنتايىن سادىق بولسىمۇ، ئۇلاردىكى يېڭىچە بولمىغان كۆز قاراش، كونىچە كېبىرلىق مەكتەپ باشقۇرۇش تاكتىكىسى، بىزنىڭ ئوقۇتۇش ۋە باشقا تەرەپلەردە ئىسلاھ بولۇشىمىزغا توسالغۇ بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇشى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىغا ئايلانغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر قانچە مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىگە ياش ۋە ئوتتۇرا ياش قابىل ئوقۇتقۇچىلار قۇيۇلدى.
بىراق ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتۈپ، بۇلارنىڭمۇ پەقەت «كۈندىلىك نۇرما» ئۇرۇندايدىغانلاردىن پەرقى يوقلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم. چۈنكى يەنىلا سۈپەتتە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولمايۋاتاتتى. 2000-يىلىدىن كېيىن، شەھەرلىك ھۆكۈمەت يەنە مائارىپ خىزمىتىنى نۇقتىلىق تۇتتىمۇ ئەيتاۋۇر، مائارىپقا مەسئۇل رەھبەرلەر كۆپرەك تۆۋەنگە چۈشىدىغان بۇلۇپ قالدى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا، مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلدى. دەسلەپتە بۇ تۈزۈلمىگە شەھەرنىڭ مائارىپقا مەسئۇل باشلىقلىرى، ئىدارە رەھبەرلىرى بىۋاستە قاتنىشىپ، تەشكىللىگەن بولغاچقا، ھەيۋىسى چوڭ، تۈزۈمى قاتتىق، مۇكاپاتى يۇقىرى، جەرىمانىسىمۇ «ۋاي يۈرەك» دېگۈدەك بولغان بولغاچقا، مۇدىرلارنىڭ ھەيۋىسى ۋە نوپۇزى تېخىمۇ ئۈستى. ئۆچەكتە ياتقانلار بىر بىرلەپ ئۆچەكتىن چىقىشقا، ئۇخلاشقا تەرەددۇت قىلىۋاتقانلار سوغۇق سۇ بىلەن يۈزلىرىنى يۇيۇپ ئۇيقۇسىنى ئېچىشقا باشلىدى. ھەر يىلى خۇلاسە يىغىنىدا ئوقۇلىدىغان ئىلمى نەتىنجىلەر، مۇكاپات ۋە جەرىمانە تۆلەيدىغانلارنىڭ ئىسىملىكى قاتارلىقلار ئىقتىسادى ۋە مەمۇرى ۋاستە ئارقىلىق بەلگىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا يۈزلەندى. لېكىن ئاخىرىغا بېرىپ، بۇ مۇكاپات، جەرىمانە يۈز خاتىرە قىلىش، ئازراق بېرىپ رىغبەتلەندۈرۈش، ئازراق ئېلىپ ھەيۋە قىلىشقا ئۆزگەردى. ئەڭ ئاخىرىدا بىر بىر قانچە يۈز يۈەن جەرىمانىغا ھېچكىم پىسەنت قىلمايدىغان بولغاندا، بۇ تۈزۈممۇ تەبىئىلا ، ئەزەلدىن بۇنداق ئىش يوقتەكلا ئارىمىزدىن يوقالدى.
2005-يىلىدىن كېيىن كىشىگە ئالاھىدە ئىلھام بېرىدىغان خوش خەۋەرلەر كېلىشكە باشلىدى. ئىش ئۈنۈم مائاشى دەيدىغان يېڭى ئىسلاھات تۈرتكىسىدە، ئىزچىل ياخشى ئىشلەۋاتقانلار ۋە ياخشى نەتىنجىلەر يارىتىۋاتقانلار بۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ تۇرغاندا، ئۇنىڭ يەنە تەڭ تەقسىماتچىلىققا ئايلىنىپ كېتىشى، كىشىلەرنى باراۋەر مەنپەتكە ئېرىشتۈرۈپ، ئۇلاردا يەنىلا پېتىنى بۇزماي يۈرىدىغان بۇرۇنقى ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. خۇلاسە كالام، مائارىپتا مەيلى مۇدىرنى ئالماشتۇرايلى، مەيلى تەكلىپ قىلىشنى يولغا قويايلى، ۋە ياكى ئىش ئۈنۈم مائاشى ئارقىلىق يىل ئاخىرىدا ئازغىنە مۇكاپات بېرىپ، ئازغىنە تۇتۇپ قويايلى، مەكتەپلەردە ياكى ئوقۇتقۇچىلاردا يېڭىچە بىر ئىلھامنى پەيدا قىلالمىدى. قىلغان بولسىمۇ، تېنىچ مۇھتتىكى سالقىن شامالدەك بىردەملىك ئىچىدە يوقاپ كەتتى.
شۇڭا بىزنىڭ 1998-يىلىدىن باشلانغان 10 نەچچە يىللىق ئىسلاھ قىلىشىمىز، مەكتەپلىرىمىزگە ھېچقانداق بىر يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى، ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا ھېچقانداق بىر خوشاللىق ياكى ئىلھام، ئوقۇتۇش سۈپىتىمىزگە ھېچقانداق بىر مۇستەھكەم سۈپەت ئاساسى تۇرغۇزۇپ بېرەلمىدى. چۈنكى بۇ ئىسلاھاتلارنىڭ ھېچقايسسىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سوبىكتىپچانلىقى نەزەرگە ئېلىنماستىن، ئۇلار ئوبىكتىپ ۋاستە قىلىندى.
داۋامى بار.