ئوقۇتقۇچىلار قانداق كىشىلەر
كۆپىنچە ئوقۇتقۇچىنىڭ سۈپەت ساپاسى يەنى كەسپى ساپاسى،ئەخلاق ساپاسى، كىشلىك تۇرمۇش ساپاسى قاتارلىقلار مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئادىمىيلىك پەزىلەتلىرى ئوقۇتۇش سۈپىتىگە، ئوقۇغۇچىنىڭ نۇرمال ئادەم بولۇپ تەربىيلىنىپ چىقىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. لېكىن ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىكى يۈكسەك ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، 60 يىلدىن بېرى «قورچاق» ياسىغاندەك ، بالىلارنى تۇرمۇشتىن، ئەمىلىيەتتىن، ئائىلىدىن ئايرىغان ھالدا كىتاۋى بىلىملەر بىلەن ئۆزىنىڭ سۈر ھەيۋىلىرى ئارقىلىق تەربىيلەشكىلا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى.
ناۋادا بىر ھايۋاناتلار دۇنياسىنى 60 يىل تەتقىق قىلساق، ياكى ئۇلارغا 60 يىللىق مائارىپ تەربىيىسى ئېلىپ بارساق، ئۇلاردا قانچىلىك ئۆزگىرىش بولۇشى مۈمكىن؟
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ۋەيران بولغان ياپونىيە مائارىپى ۋە گېرمانىيە مائارىپى نېمە ئۈچۈن تېنىچ مۇھىتتىكى ئۇيغۇر مائارىپىدىن يەنىلا يۈكسەك دەرىجىدە ئالدىغا كېتىپ قالدى؟
ئەنئەنىگە ئېسىلىش ئىچىدىكى تەربىيە ھەركىتىدە، ئوقۇتقۇچىلاردا ئەزەلدىن مۇشۇنداق بىر قىسمەتلەرنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىدەك بىر ھېس تۇيغۇنى شەكىللەندۈرگەن. ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، بىزنىڭ مائارىپ ھەركىتىمىز ئازاتلىقتىن بۇرۇنمۇ بولغان، ئازاتلىقتىن كېيىن تېخىمۇ تەرەققى قىلغان.
ئاۋال سىز تۆۋەندىكى ئىككى پارچە يازمىنى ئوبدان ئوقۇپ چىقىڭ.
1-خاتىرە:
ئازاتلىقتىن بۇرۇنقى مائارىپ ھەركىتى
ئۇيغۇرلار ئەمگەكچان، باتۇر، پاراسەتلىك مىللەت بۇلۇپ، ئۆزىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق «تارىم مەدەنىيىتى» بىلەن ئاسىيادىكى «خۇاڭخې-چاڭجىياڭ مەدەنىيىتى»،«ئافرىقىدىكى«نىل دەرياسى مەدەنىيىتى»، ئامېرىكىدىكى «مايا مەدەنىيىتى»، ياۋرۇپادىكى «رىم-يۇنان مەدەنىيىتى» قاتارىدا ئىنسانىيەت مەدەنىيەت غەزنىسىگە شانلىق تۆھپىلەرنى قوشقان قەدىمى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى.
يېقىنقى زامان تارىخنى ۋاراقلىساقمۇ، مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك جاھانغا تونۇلغان ئۇلۇغ مۇتەپەككۈرلىرى ۋە ئاماننىساخاندەك ئۇلۇغ مۇقامشۇناس سەنئەتكارلىرى بىلەنمۇ پەخىرلىنىشكە ھەقلىق.
ئاقسۇ ۋېلايەتلىك مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى 1934-يىلى ئاقسۇنىڭ ۋالىسى، مەرىپەتپەرۋەر زات نىياز شەرىپىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاتاقلىق ئالىم ۋە پىداگوك مەمتىمىن قارى ھاجى (سۇپىزادە) نىڭ بىۋاستە تەشكىللىشى بىلەن قۇرۇلغان ئىدى. بۇ ئۇيۇشما بىر مىللىي، ئىجتىمائىي،مەدەنىي ۋە ئاممىۋى تەشكىلات بۇلۇپ، كۈرەش نىشانى: مىللەتنى نادانلىق ۋە جاھالەت ئۇيقۇسىدىن ئۇيغۇتۇپ، مىللى مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن مەدەنىيەت دولقۇنىنى قوزغاپ، يېڭى مائارىپ سېستىمىسىنى تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت ئىدى.
ئاقسۇ ۋېلايەتلىك مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى 1934-يىلدىن 1949-يىلىغىچە بولغان 15 يىللىق تارىخىدا يۈكنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈپ، ئاقسۇ رايونىنىڭ مەدەنىي-مائارىپ ۋە ئەدەبىيات –سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدى.
1. «پۇلى بارلار، پۇل چىقىرىش، كۈچى بارلار كۈچ چىقىرىش»چاقىرىقى ئاستىدا ، قاينام تاشقىنلىق بىلەن شەھەر يېزىلاردا پەننى مەكتەپ ئاچتى.
2. خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى يولغا قۇيۇپ، جەمىيەتتىكى ئىگە-چاقىسىز،يېتىم-يېسىرلارنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ، دارىلئېتام مەكتىپى قۇردى. دارىلئاجىزىن تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالدى.
3. مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، ئەدەبىيات-سەنئەتنى يولغا قۇيۇپ، يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان مىللى مەدەنىيەتنى قۇتقۇزۇش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى.
1942-يىلىدىن كېيىن ئۇيۇشما ئىقتىسادىنىڭ ۋەيران بولۇشى ۋە جاللات شىڭ شىسەينىڭ سىياسى جەھەتتىكى زىيانكەشلىكى تۈپەيلىدىن،ئۇيۇشما چېكىنىپ، زۇۋاللىققا يۈزلەندى. 1945-يىلى 9-ئايدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق شائىرى، ۋەتەنپەرۋەر جەڭچى لۇتپۇللا مۇتەللىپ باشچىلىقىدىكى «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى»نىڭ ئەزالىرى قولغا ئېلىنىپ، گومىنداڭ جاللاتلىرى تەرىپىدىن قىرغىن قىلىندى.
1943-يىلى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ئالۋان سېلىقىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشى بىلەن، مال باھاسى ئۆرلەپ، پۇل پاخاللىشىپ، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت سېپىدىكى خادىملار كۈندۈلىك تۇرمۇشىنى قامداشقىمۇ مۈمكىن بولماي، مائارىپ سېپىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى.
1945-يىلى 8-ئايدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى 3 ۋېلايەت ئىنقىلابى مىللى ئارمىيىسى ۋە ئاقسۇ خەلقىدىن قورقۇپ، سېپىل ئىچىگە مۆكۈنۈۋېلىش بىلەن ، سېپىل سىرتىدىكى خەلقنىڭ ئۆي-جايلىرى،دەل-دەرەخ،باغۋارانلىرىنى،جۈملىدىن ئاقسۇ ۋېلايەتلىك مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىدىن ئىبارەت بۇ زامانىۋى بىلىم يۇرتىنىمۇ ئوت قۇيۇپ كۆيدۈرۈپ، كۈلگە ئايلاندۇرۋەتتى.
دېمەك: ئازاتلىقتىن بۇرۇنمۇ بىزدە مەدەنىيەت مائارىپ ھەركىتى بولغان ئىكەن.
2-خاتىرە: ئازاتلىقتىن كېيىنكى مائارىپ ئىشلىرىمىز
1950-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاقسۇ ناھىيەسىدىكى 22 باشلانغۇچ مەكتەپ تۇنجى قېتىم دەل ۋاقتىدا ئوقۇش باشلىغان. شۇ يىلى قىشتا ناھىيەلىك ئىشچى-خىزمەتچىلەر مەدەنىيەت مەكتىپى قۇرۇلغان. ھەم دېموكىراتىك ئىسلاھاتقا ماسلاشتۇرۇپ، قىشلىق مەدەنىيەت ئۆگىنىش، ساۋات چىقىرىش كۇرسلىرى ئېچىلىپ، ئاممىۋى ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش، مەدەنىيەت ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغالغان.
1952-يىلى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قارمىقىدىكى مەكتەپلەر ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىگە ئايلاندۇرۇلدى. ھەم باشلانغۇچ مەكتەپلەردە خەنزۇلارنىڭ ئوقۇش تۈزۈمى 6 يىل، ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 5 يىل بولدى.
1954-يىلى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش قارارىغا ئاساسەن، دېھقان، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا تۆت باشلانغۇچ مەكتەپلەر كۆپەيتىلدى ھەم مىللى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تۈزۈمى تۆت يىل قىلىپ بېكىتىلدى. ئىمتىھاندىكى 100 نومۇرلۇق ئۆلچەم بەش نومۇرلۇق ئۆلچەمگە ئۆزگەرتىلدى.
1957-يىلى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە دۆلەت ئېلان قىلغان «باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ خىزمەت نىزامى» سىناق تەرىقىسىدە يولغا قۇيۇلۇپ، مىللى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يۇقىرى يىللىقلىرىدا خەنزۇتىلى دەرسى قۇشۇپ ئوقۇتۇلىدىغان بولدى.
1957-يىلى ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئاز سانلىق مىللەت مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، ھازىرقى قۇمباش يېزىسىدا قۇمباش ئوتتۇرا مەكتىپىنى قۇرۇپ، ئاقسۇ ناھىيەسىدە ئوتتۇرا مەكتەپ بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى.
1959-يىلى ھەر قايسى گۇڭشىلار قۇرغان «بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئوقۇيدىغان باشلانغۇچ مەكتەپلەر»نى باشقۇرۇش ئۈچۈن مەكتەپلەردە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە باشقۇرۇش ھەيئىتى قۇرۇلدى.
مەركىزى كومىتىت 3-ئومۇمى يىغىنىدىن كېيىن، مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنى تەرتىپكە سېلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلار دەرس تەييارلاش، سىنىپلاردا دەرس ئۆتۈش، تاپشۇرۇق ئىشلەتكۈزۈش، ئوقۇغۇچىلا رئىمتىھان بېرىش، سىنىپقا كۆچۈرۈش-قالدۇرۇش ۋە مۇكاپاتلاش-جازالاشتىن ئىبارەت تۈرلۈك قائىدە تۈزۈملەر بەرپا قىلىنىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.
1980-يىللارنىڭ دەسلىپىدە دۆلەت باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش مۇددىتىنى 6 يىل قىلىپ بېكىتتى. مىللى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كونا ئۇيغۇر يېزىقىدا دەرس ئۆتۈش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
1985-يىلى پۈتۈن شەھەر بويىچە پۈتۈن كۈنلۈك باشلانغۇچ مەكتەپلەر 112 گە، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپلىرى 105 گە، ئوقۇغۇچىلار 20مىڭ 796گە، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئۇقۇغۇچىلىرى 17 مىڭ 683 گە ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 1178 گە، بۇنىڭ ئىچىدە مىللى ئوقۇتقۇچىلار 978 گە يەتتى.
1985-يىلىدىن كېيىنكى مائارىپنىڭ گۈللەپ ياشناش ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىنى دېيىش ئارتۇقچە؛
شۇنداق بولغانىكەن، 1934-يىلىدىكى ئۇيغۇر مەەنىى ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىدىن 1980-يىلىغىچە بولغان دەۋىردە، گەرچە مائارىپچىلارنىڭ بىلىم ساپاسى تۆۋەن بولسىمۇ، ئادەم تەربىيلەش ئېڭى ناھايتى كۈچلۈك بولغان ئىكەن دەپ ئويلايمەن.
يۇقارقىلار پەقەت ھۆكۈمەت ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مائارىپ ھەركىتى؛ مېنىڭچە كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئازاتلىقتىن بۇرۇنقى شەخسى مەكتەپ ئېچىپ، مىللىتىمىزنى نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا مال-مۈلكى ۋە ھاياتىنى تەقدىم قىلغان نۇرغۇن مائارىپىچىلىرىمىزنى بىلسە كېرەك. (ھېچبولمىسا، ئايخان ئانىمىزنىغۇ بىلەر؟ )
ئۇنداقتا، «گىرانات كاللا، قاتمال ئېدىيە» يېقىنقى زامان مائارىپچىلىرىمىز نەدىن پەيدا بولغان بولغىيدى؟
بۈگۈنكى كۈندە، ئولتۇرۇپ ھەيران بولىمەن.
ئوقۇتقۇچى-ئىنسان دىلىنى يورۇتقۇچى؛ قارىغاندا، بەزى ئوقۇتقۇچىلار- باشقىلارنىڭ دىلىنى يۇرۇتۇۋېرىپ، ئۆزىدىكى يورۇقلۇقنى يوقۇتۇپ قويىدىغان ياكى ئۆزىدىكى يۇرۇقلۇق مېيى تۈگەپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ.
يەنە شۇنداق ئويلاپ كېتىمەن.
ئوقۇتقۇچى- ئەڭ مەلۇماتلىق كىشىلەر؛ لېكىن بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاددى سانى بار، سۈپىتى يوق تاماق يېيىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان دوقمۇشتىكى ئاددى قەرتۋازلاردىن قىلچە پەرقى يوق.
يەنە شۇنىڭغا ئۆزەمچە ئېچىنىپ كېتىمەنكى، يېقىنقى مەزگىلدە ئوقۇتقۇچى بولۇۋاتقان ، ئالى مەلۇماتلىق ياشلىرىمىزدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكلەرگە…..
15-ئەسىردىن 19-ئەسىرگىچە بولغان نادانلىق، جاھالەتلىكلەرنى ئاپپاق غوجىنىڭ سۇپىزىم تەلىماتىغا ئارتىپقۇ قۇتۇلارمىز؟ ئەمما يېڭى دەۋىر نادانلىقلىرىنى كىمگە ئارتىش كېرەك؟
ئەسلىدە مائارىپ – يېڭىلىقنى بالىلار قەلبىگە، جەمىيەتكە، ئائىلىلەرگە تاراتقۇچى بولۇشى كېرەك ئىدى.
مانا مۇشۇ مائارىپتىكى يېڭىلىق ياراتقۇچىلار بىلەن يېڭىلىقنى جاپا ھېساپلايدىغان، گەپنى مىللىتى ئۈچۈن، بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزى ئۈچۈن قىلىدىغانلار ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش- مائارىپىمىزنىڭ قەدىمىگە سانجىلغان بىر تىكەندۇر؛
(داۋامى بار)