كىم ۋە نېمىلەر ئۆزگەردى ؟
مەن نېمە دېمەكچى؟
ئاۋال بۇرۇنقىسىنى دەي…..
1. ئەمەلدارلار نەزىرىدىكى مائارىپ
ئېسىمدە قېلىشىچە، مەن ئىشلەۋاتقان كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىگە 1994-يىلى ياكى 1995-يىلى بولسا كېرەك،ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خوجىخان ھاكىموف دېگەن بىر باشلىق كەلگەن. ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارنىڭ كەنت مەكتەپكە خىزمەت تەكشۈرۈپ كېلىشى 1990-يىللاردىكى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئېدىيسىنىڭ ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
خوجىخان ھاكىموف ناھايتى سالاپەتلىك، ئوتتۇرا بوي، چاچلىرى ئاقارغان ، سۈر ھەيۋەتلىك ئادەم ئىدى. ئۇ زامانلاردا ھازىرقىدەك ئەمەلدارلار مەكتەپكە كىرسە، ئوقۇتقۇچىلار قېچىپ كېتىدىغان ئىش يوق بولسا كېرەك. بىز بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنى كۈرۈش ئۈچۈن، ئىشخانا ئالدىدا ساقلاپ تۇردۇق.
ئۇ ئەمەلدار شۇ چاغدا مەن ۋە بىر قانچە ئوقۇتقۇچىلاردىن كارىدۇردا تۇرۇپلا مۇنداق سوئال سورىغان؟
1) تۇرمۇشۇڭلار قانداقراق؟
2) قانداق قىينچىلىقىڭلار بار؟
بەلكىم خىزمەتكە تەۋە باشقا سۇئاللارنى مەكتەپ مۇدىرىدىن سورىغان بولسا كېرەك…..
ئۇنىڭدىن كېيىنكى 15 يىل مابەينىدە مەن بىرەر باشلىقنىڭ مەكتەپكە كېلىپ «تۇرمۇشۇڭلار قانداقراق؟» دېگەن سۇئالنىڭ ئىشىغا «تەييارلىق قانداقراق؟»،«تاماق ئورۇنلاشتۇردۇڭلارمۇ» دەپ سورايدىغان بۇلۇپ كەتكىنىنى ھېس قىلدىم. بولۇپمۇ 2009-يىللاردىكى دۆلەتنىڭ «ئىككى ئاساسەن» مۇپەتتىشى مەزگىلىدە، مائارىپقا مەسئۇل نۇرغۇن ئەمەلدارلار، باشلىقلار تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈش ئۈچۈن مەكتەپلەرگە مەجبۇرى يوسۇندا كۆپ قېتىم كەلدى. لېكىن ئۇلارنىڭ ئېلىپ كەلگىنى «جاپا چەكتىڭلار، غەيرەت قىلىڭلار» ئەمەس، «مەكتەپ مۇدىرى نېمە ئىش قىلدىڭ؟ ئارخىپ نېمىشقا تۈگىمەيدۇ» دېيىش ۋە كېچە كۈندۈز ئىشلەپ، نېرۋىسىدىن كېتىپ قالاي دېگەن ئوقۇتقۇچىلارغا ئايىغى چىقمايۋاتقان ئارخىپنىڭ ئېغىر يۈكى ھەققىدىكى تەھدىتلەرنى بولۇشىچە سېلىپ، يەنە ئىزا تارتماي «چۈشلۈك خىزمەت تامىقى»نى ھوزۇرلۇنۇپ يەپ كېتىشلىرى بولدى. ھەتتا «مەكتەپ مۇدىرى دەرس ئاڭلاپ نېمە ئىش قىلىدۇ؟» دەيدىغان خېلى باشلىقلارنىمۇ ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆردۈم.
2. مەكتەپ مۇدىرلىرى نەزىرىدىكى مائارىپ
2000-يىللاردىن بۇرۇنقى مەكتەپ مۇدىرلىرى ناھايىتى پىرىنسىپچان، مەكتەپلەردىن مىنۇت نېرى بولمايدىغان، ئادەتتە ئەتىگىنى بۇرۇن كېلىپ، سىنىپلارنى ئارىلايدىغان، كۈندۈزلىرىمۇ قايسى ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتۈۋاتىدۇ، قايسى ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتمەي تاپشۇرۇق ئىشلەتكۈزۋاتىدۇ دېگەنلەرنى سىنپىلارنى سىرتتىن ئايلىنىپ تەكشۈرۈپ، دەرس ۋاقتىنى بىكار ئۆتكۈزگەن، دەرس ۋاقتى ئوقۇغۇچىلارنى سوتلاش بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىغانلارنىڭ تاناۋىنى تارتىدىغان، يىغىننى ناھايتى ئاز، ساز لېكىن قاتتىق ئاچىدىغان، مەكتەپنىڭ چوڭ چوڭ سان-ساناق، ئىمتىھان، دەرس ئاڭلاشتەك ئىشلىرىنى بىۋاستە تۇتۇدىغان، ماۋسۇملۇق، يىللىق خىزمەتلەرنى مىدىر-سىدىر قىلماي ئولتۇرۇپ خۇلاسە قىلىدىغان كەسىپچانلار ئىدى.
ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، مائارىپ -قىلچىلىك ساختىلىقنى كۆتۈرمەيدىغان، ئادەم تەربيلەيدىغان، بوش تورۇشقا بولمايدىغان مۇھىم كەسىپ ئىدى.
ھازىرقى مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ كۈنى مائارىپ ئىدارىسى، يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەت، مائارىپ ئىشخانلىرىنىڭ بىر بىرىدىن مۇھىم، بىر بىرىدىن جىددى يىغىنلىرى ۋە ماۋسۇم بېشىدىن تەتىلگىچە ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىدىغان چوڭ كىچىك، ۋەھىمىلىك ۋە ۋەھىمىسىز تەكشۈرۈشلەر بىلەن ئۆتىدۇ. مەكتەپ مۇدىرى دەرس ئاڭلايمەن دېسىمۇ، دەرس ئۆتىمەن دېسىمۇ، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى قىلىمەن دېسىمۇ، ئۇنىڭ ھەر قانداق ئۇلۇغۋار ئارزۇلىرى پەقەت كۆڭلىدە، «ئەتە قىلارمەن» بىلەن ئۈتۈپ كېتىۋېرىدۇ. يەنە شۇنداق مەكتەپ مۇدىرلىرىمىزمۇ باركى، ئۇلار ئۈچۈن بۇ ناھايتى چوڭ ئەمەل ھېساپلىنىدۇ.مۇقىملىق، ئەخلاقى تەربىيە- سېكرىتارنىڭ ئىشى، سان-ساناق، ئوقۇتۇش- ئىلمى بۈلۈمنىڭ ئىشى، دەرس ئاڭلاش- ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپىسىنى ئىشى، بىخەتەرلىك ۋە تازىلىق- ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىشى. خىزمەتنى خۇلاسە قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى خىزمەتنى خۇلاسە قىلىش- رەھبەرلىك گۇرۇپپىنىڭ ئىشى. ئ ۇ مەسئۇلىيەتنى بىرمۇ بىر ئەمىللەشتۈرگەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلار يۈرۈشۈپ بەرسىلا بولىدۇ….
3. ئوقۇتقۇچىلار نەزىرىدىكى مائارىپ
مەن يېڭى خىزمەتكە چىققان ۋاقىتلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەسۋىرى مۇنداق ئىدى.
مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى شەرتسىز ئورۇندايدۇ. ئەتىگىنى ئىشقا كېچىكمەيدۇ. كەچتە ھېچكىم كەچ ئىشلەپ قالمايدۇ. كونسىپىكنى ئائىلىسىدە تۈزۈپ كېلىدۇ. خىزمەت ۋاقتىدا پاراڭ سېلىپ ئولتۇرىدىغانلار يوق دېيەرلىك. دەرسكە قوڭغۇراق چېلىنىشتىن بۇرۇن، سىنىپ ئالدىغا بېرىپ بولىدۇ. كۆپىنچە ئوقۇتقۇچىلار چۈشلۈك ئارامدىن باشقا ۋاقىتلاردا سىنىپ ئالدىدا بولىدۇ. سىنپلار ئارا مۇسابىقىگە قاتتىق ئەھمىيەت بېرىدۇ. ھەر خىل ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇللىرى بىلەن بالىلارنى ئەتىگەن كېلىشكە، تىرىشىپ ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈىدۇ. سىنىپلار ئارا مۇسابىقە ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بارلىقىنى بېغىشلايدۇ. تەسادىپى ئىمتىھاندا لاياقەتلىك نسىپىتى 59 پىرسەنت چىقىپ قالسا، پىشقەدەم ئايال ئوقۇتقۇچىلار ھۆڭرەك ئېتىپ يىغلاپ كېتىدۇ. ئەر ئوقۇتقۇچىلار قىزارغىنىدىن يەردىن ئۆستۈن قارىيالمايدۇ. ئادەم بار يەرگىمۇ بارالمايدۇ. يىغىنلاردا سۆز قىلىش پۇرسىتى بولمايدۇ. ئۆزىگە يانداشتۇرۇلغان ياش ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەشتە، تەلەپنى قاتتىق قۇيۇدۇ. ھەم ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. مەكتەپنىڭ ئىچىدىكى چوڭ كىچىك ئىشلاردا ئادىللىق ئاساس قىلىندۇ. ئازراق ئۇيان بۇيان بۇلۇپ قالسا، ئۇلار مەكتەپ مۇدىرىغا يۈز خاتىرە قىلىپ ئولتۇرمايدۇ.
ھازىرقى ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان تەسىراتىم مۇنداق:
ئىشچىمۇ – ئوقۇتقۇچى، چارۋىچىمۇ – ئوقۇتقۇچى؛ دوختۇرمۇ- ئوقۇتقۇچى؛ تېخنىكمۇ- ئوقۇتقۇچى؛ ياشمۇ- ئوقۇتقۇچى، پىشقەدەممۇ – ئوقۇتقۇچى؛ ئىشقىلىپ، ھازىر ئوقۇتقۇچىلىق قوشۇنىمىز- بىر مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسىغا ئوخشايدۇ. ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى «ئىمتىھان»دىن ئۆتكەنلەر بار؛بۇغۇ مەيلى؛ يوقتىن ياخشى؛ لېكىن ، يەنە ئويلۇنۇشقا تېگىشلىك مەسىلە- پىشقەدەملەر -ئەپسۇسلۇق بىلەن باش چايقاۋاتىدۇ؛ ئوتتۇرا ياشلىقلار – سىتاژىنى كۈندە بىر ھېساپلاپ، پېنسىيەگە چىقىش يىلىنى ھېساپلاش بىلەن ئاۋارە؛ ياشلارچۇ؟ كېلەر يىلى يەنە نەدە بىز بېىردىغان مەمۇرلۇق ياكى ياخشىراق يەرنىڭ ئىمتىھانى باركىن دەپ «بەيدۇ» تورىنى ئىزدەش بىلەن ئاۋارە؛
يېڭىدىن تەقسىملەنگەنلەر مەكتەپكە كىرگەن پېتى ئۇدۇل سىنىپقا كىرىپ دەرس ئۆتۈشكە مەجبۇر؛ ئۇنى پىشقەدەملەرگە يانداش قىلىدىغانغا – كاللا يوق! ھازىرقى ياشلارنى ئالى مەكتەپتە بىلىم، ئەخلاق ئەمەس، ئىجتىمائى مۇناسىۋەت ئىلمىنى ئۆگەنگەن ۋە تەتقىق قىلغان دوكتۇرمىكىن دەپ قالىسىز! ئېغىراق خىزمەتكە دۇچ كەلگەندە، ئۇلاردا چوڭلارغا يول قۇيۇش دەيدىغان ئېدىيە ئەمەس، باراۋەر بولۇش دېگەن ئېدىيە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرۇدۇ.
4. ئوقۇغۇچىلار نەزىرىدىكى مائارىپ
يەنە شۇ 18 يىل بۇرۇنقى ئوقۇغۇچىلار ھەققىدىكى تەسىراتىمنى ئاۋال دەي.
مەكتەپكە كېچىكمەيدۇ. كېچىكسە سەۋەپ كۆرسەتمەي، نەق گەپنى دەيدۇ. ئىشقىلىپ، قۇلىقىنى سوزساڭمۇ، شاپىلاق بىلەن قۇلۇڭ ئاغرىغۇچە ئۇرساڭمۇ، ھەتتا ئوڭ كېلەلىسەڭ تەپسەڭمۇ، بېشىنى يەرگە قىلىپ كۆز ياشلىرى ۋە پوتلىسىنى ئېقىتىپ تۇرۇدۇ. ئەڭ ياخشى يېرى، مۇئەللىم بار يەردە ۋاقىراشمايدۇ. مۇئەللىمنىڭ ئالدىدىن ئۆتمەيدۇ. مۇئەللىم دەرۋازىدىن چىقىۋاتقان ياكى كىرىۋاتقان بولسا، ئۇلارغا يول بېرىدۇ. ھەر سائەتلىك دەرستە مەيلى بىلسۇن، ياكى بىلمىسۇن، كۆزى سەندە بولىدۇ. شۇ زامانلاردىكى 50 نەچچە يۈەنلىك كىتاپ پۇلى ۋە دەپتەر پۇلى، 20 يىۋەن ئوقۇش بەدەل پۇلىنى تۇرمۇشى ئەڭ نامرات دىھقانمۇ بىر ئامال قىلىپ تاپشۇرۇدۇ. بازار كۈنى بازارغا چىقىپ قالساڭ، ئوقۇغۇچىلىرنىڭ ئۇچراپ قالسا، ساڭا قۇغۇن تاۋۇز، ئۈزۈم ۋە باشقا يەل يېمىشلەرنى تەڭلەيدۇ. بالىلار مۇئەللىملەر بىلەن توپ ۋە باشقا ئويۇنلارنى ئويناشقا بەك ئامراق؛ بەزى پىشقەدەم مۇئەللىملەر تېخى ئۇلارنى دەرياغا سۇ ئۈزۈشكىمۇ ئېلىپ بارىدۇ؛
بۈگۈنكى بالىلىرىمىزچۇ؟
ئەتىگىنى مەكتەپكە ماڭغاندىن تارتىپ ، مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيگە كىرگۈچە بولغان ئارىلىقتىكى يولدا ئۇچرىغانلىقى ئەخلەت يېمەك-ئىچمەكلەرنى يەپ تۇرۇدۇ. ناۋادا بىر سائەت ئىچىدە بۇ نەرسىدىن ئازراق ئىستىمال قىلمىسا، جىم تۇرالماي ئىچى پۇشۇپ ياكى ئاتا-ئانىسى بىلەن قىزىرىشىپ قالىدۇ ياكى ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالىدۇ.
ناۋادا مەكتەپتە توك يوق ياكى ئوقۇتقۇچى يوق دەرسكە كىرەلمىسە، ئۇلار يايلاقتىكى بىر توپ ئۆچكىلەردەك مەيدانلاردا يۈرۈۋېرىدۇ. چۈنكى سىنىپقا ھەيدەش- ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى؛
تاپشۇرۇق ئىشلىمەسلىك- ئادەتتىكى ئىختىيارى مەسىلە؛ چۈنكى ئۇنى بىلسە ئىشلىگۈلۈك، بىلمىسە، مۇئەللىم ناھايتى بىر نەچچە مىنۇت تەنقىد قىلىدۇ.ياكى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ «تۆۋەن باھالىق تاپشۇرۇقلارنى ئوقۇغۇچىغا قايتىدىن ئىشلىتىش »بەلگىلىمىسىنىڭ راھىتىدە، ئوقۇتقۇچى دوسكىغا يېزىپ بەرگەن تەييار جاۋاپنى كۆچۈرۈپ يېزىپ قۇيۇدۇ.
ئىمتىھاندىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز؛ چۈنكى، مېھرىبان ئوقۇتقۇچىلار ھەر قاماللاپ يا سۇئالنى بىلىۋېلىپ، تەكرار قىلىپ بېرىدۇ ياكى «ئاجىزنى كۈچلۈككە چېتىش» تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچىلار ئۆگەنسىمۇ، ئۆگەنمىسىمۇ، ئىمتىھاندا بىر ئامال قىلغىلى بولىدۇ. ھازىرقىدەك ئىسلاھات دەۋرىدە ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسىمۇ ھېچكىمنىڭ يۈزى قىزارمايدۇ.
5. مەكتەپلەر
ئىلگىركى ۋاقىتلاردا، مەكتەپتە قۇرۇلۇش ئىنتايىن كونا؛ئاساسەن كېسەك قۇرۇلمىلىق كونا ئۆيلەر؛ ئۇرۇندۇقلارنى كۈندە رېمنۇت قىلىسەن. نۆۋەتچىلىك ۋاقتىڭدا ھەر 40 مىنۇتتا قولۇڭدا چالىدىغان قوڭغۇراقنى دەل ۋاقتىدا چېلىشىڭ كېرەك. بىر مىنۇت كېيىن ياكى ئىلگىرى چالساڭ، ھېچكىم ساڭا يۈز خاتىرە قىلمايدۇ. ئىشخانىدا چوڭلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتسەڭ بولمايدۇ. ئۇلار ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئولتۇرۇشۇڭ، ئۇلار ئېغىز تەگكەندىن كېيىن ئېغىز تېگىشىڭ، ئۇلار سۆزلىگەندىن كېيىن سۆزلىشىڭ كېرەك. ئەڭ زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىسى – بىر دانە پىريۇكسىيە ئاپاراتى، بىر دانە ئاۋاز كۈچەيتكۈچ ۋە لابا؛ تەنتەربىيەنى پۈشتەككە ئويناپ كۆنگەن.
رەڭلىك بورمۇ – مەكتەپتىكى ئەڭ چوڭ يېڭىلىق تاراتقۇچى ۋاستە بۇلۇپ، شاپىگىراف دەيدىغان باسما ئۈسكۈنىسىمۇ ناھايتى ئەتىۋارلىق ھېساپلىناتتى.
ھازىرقى مەكتەپلەرنىڭ ھالىنى ئېشەك تارتالمايدۇ دېسەك ئارتۇقچە كەتمەس.
مەكتەپ دەرۋازىسىدا يۇقىرىسى مەركەزدىن، تۆۋىنى يېزىلىق مائارىپ ئىشخانىسىدىن بەرگەن يوغان شەرەپ تاختايلىرى،
مەكتەپ ئىچى بەئەينى باغچىغا ئوخشايدۇ. كىرگەن ئادەمنىڭ چىققۇسى كەلمەيدۇ. مەكتەپ ئىچى تورلاشقان، ئۇچۇرلاشقان. ئىشخانىلەر ۋە سىنىپلار ناھايتى ئازادە ۋە كۆركەم ؛ كىرگەنلا ئادەم – بۇ مەكتەپنىڭ تەرەققىياتىغا قول قويماي تۇرالمايدۇ؛ ئەپسۇس،مەكتەپ مەيدانلىرىدىكى شۇئاردىن ، بۇ يەردە تەربىيلەنگەن بارلىق بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە ئالىم ، ھېچبولمىسا، مالىم بولىدىغانلىقىغا قايىل بولماي تۇرالمايسىز….
كەنىت ئوقۇتۇش نۇقتىلىرى – 1990-يىللاردىكى مەسچىتكە ئوخشايدۇ. چۈنكى ئۇ چاغلاردا مەسچىتنىڭ ئىچى ئاقارتىلىپلا قوياتتى. ھازىر قائىدە تۈزۈم ۋە باشقا تەشۋىقاتلار بار؛ كەنىت مەكتەپلەرگە يىلدا بىرەر قېتىم «ئۆرگىلىپ چۆرگىلىپ ، سەن تۇرۇپ سەن چىق» دېگەندەك باشلىقلار بېرىپ قالمىسا، خۇداغا مىڭ شۈكرى، بىر ئىككى ئوقۇتقۇچى شۇ يىراق چەت جايدا زېرىكمەي، تېرىكمەي، مەكتەپنى تاشلاپ قېچىپ كەتمەي، بالىلارنى ئاق تاشلاپ قويماي ئىشلەۋېرىدۇ. بالىلارمۇ يىراقتىكى تۇققاندىن يېقىندىكى خوشناڭ ياخشى دەپ، مەكتەپكە بېرىۋېرىدۇ. كەنىت تەشكىلىمۇ، ئائىلە باشلىقلىرىمۇ مەكتەپنىڭ بۇ ھالىگە بىر نەرسە دېمەيدۇ.
خۇلاسە كالام، ئەسلىدە مائارىپنىڭ تەرەققىياتى زامان ، ماكان تەرەققىياتى بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىشى كېرەك ئىدى. 1960-يىللاردىكى يەر ئىسلاھاتى مەزگىلى، 1970-يىللاردىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى مەزگىلى، 1980-يىللاردىكى ئىسلاھات ئېچىۋېتىش مەزگىللىرىدە، دۆلىتىمىزنىڭ، رايونىمىزنىڭ، يۇرتىمىز، مەھەللىمىزنىڭ، دېھقانلىرىمىزنىڭ، ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ، مەكتەپلىرىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى شۇنچە ناچار تۇرسىمۇ، بارلىق مەكتەپلەر ئورتاق تەرەققى قىلغان ئىكەن. مەكتەپ تەرەققى قىلغانسېرى، شۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ئۆسكەن، داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار، ئاكتىپ ئوقۇتقۇچىلار كۆپلەپ يېتىشكەن ئىكەن؛
بىراق ھازىر تەرەققىيات بىلەن سۈپەتنىڭ تەتۈر تاناسىپلىق تەرەققىيات مۇناسىۋىتى بىزنى چوڭقۇر ئويغا سېلىشى كېرەك.
ھازىرقى ئەمەلدارلار نەزىرىدىكى تولىمۇ كالتا مائارىپ قارىشى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدىكى مائارىپقا مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن قاراش مەسلىسى بىر ئىجتىمائى مەسىلە سۈپىتىدە دۆۋېلىنىش ئىچىدە تۇرماقتا؛
سىزگە بىر سۇئال:
ناۋادا سىز بىر بالىڭىزنى ياخشى ئوقۇتۇپ، قالغان 4 بالىڭىزنى ئوقۇتمىسىڭىز، «بەش بالامنىڭ ساپاسى يۇقىرى» دېيەلەمسىز؟