مائارىپنىڭ غەلىبىسى ۋە ھالاكىتى (3)

 سۇ بېشىدىن لاي……
   ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئايلا قالغاندا، «شەھەردە قېلىش»تىن بىشارەت بەرگەن ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ ئاچقان «پال»لىرى توپتوغرا چىقىپ،  شەھەردە ئىشقا چۈشتى. يېزىمىزدا ئانچە مۇنچە ئەمىلى، پۇلى، يۈزى بارلارنىڭ بالىلىرى يېزىمىزغا قايتىپ كەلدى. نامراتلار تىلەپ تاپىدۇ دېگەندەك، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئېلىم تەھسىل قىلىپ، ئەڭ چەت، ئەڭ يىراق ، ئەڭ جاپالىق جايلاردا مىللىتىمىز ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى ئاغزىمىزدىن چۈشۈرمەيدىغان ئىككىمىز،  ئاغزىمىزدىن «سائەت» چىققاندەك،يېزىمىزدىن مۇساپىر بۇلۇپ،  باشقا يېزىنىڭ بىر كەنت مەكتىپىگە تەقسىم قىلىنىپ قالدۇق.


كېيىن قانداق بولدىكىن، تەقدىرىمىز ئۆزگىرىپ، يەنىلا ئۆز يېزىمىزغا تەقسىم قىلىنىپ، ھەر كۈنى بېرىپ كېلىش ئۈچۈن 24 كېلومېتىر يولنى ۋەلسىپىت بىلەن باسىدىغان كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىگە يول ئالدۇق.
  ھېلىھەم تۇنجى مەكتەپكە بارغان كۈنۈم مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمىسا كېرەك.
1993-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى تەقسىمات بويىچە بىزنى ئالغىلى كەلگەن مەكتەپ مۇدىرى ۋەلسىپىتىنى مىنىپ ئالدىمىزدا كېتىپ باراتتى.مەن  ئارقىدىن ۋەلىسپىتىمنى  مىنىپ ، ناھايتى ھاياجانلىق ۋە  يۈرىكىم قېپىمىزدىن چىقىپ كېتىدىغان خوشاللىق بىلەن ئارقىدىن كېتىپ باراتتىم.
تۇنجى خىزمەتكە چۈشكەن شۇ دەقىقىلەردە ، جاھان ئاجايىپ گۈزەل ، ھاۋا ئىنتايىن خۇشپۇراق تۇيۇلماقتا ئىدى. چۈنكى ئەمدى ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىندىكى ئۆچرەت تۇرۇپ تاماق ئالىدىغان جاپالىق قورساق ئۇرۇشىدىن، تاماق بېلىتىمىز تۈگەپ كېتىپ، ياتاقداشلىرىمىزدىن پارچە نان قەرز ئالىدىغان قەرزدارلىق كۈنلىرىمىزدىن، ئەڭ مۇھىمى ئىنتايىن قورقۇنچلىق ئايلىق، چارەكلىك، ماۋسۇملۇق ئىمتىھانلاردىن، ئەڭ خوشاللىقى ھەر كۈنى دەرسكە كىرگەندە «مۇئەللىم نومۇرۇمنى چاقىرىپ سۇئال سوراپ قالارمۇ » دەيدىغان دەككە دۈككە ئەندىشىدىن مەڭگۈلۈك خوشلاشقان ئىدىم.
ئالدىمدا، مەكتەپ مۇدىرىمىز ۋەلسىپىتىنى مېىنىپ كېتىپ باراتتى.
مەكتەپكە يېقىن قالغاندا، ئۆستەڭ بويىدىكى بىر ئەسكى كەپە ئالدىدا توختاپ، مەكتەپ مۇدىرى بىلەن ئىككىمىز بۇ كەپىگە كىردۇق. بۇ كەپە شۇ يەردىكى بىردىنبىر تاماق مەنبەسى ئىكەن. بىز 4 تال سامسىنى 2 دىن  يىگەندىن كېيىن مەكتەپكە كىرىپ كەتتۇق. شۇ كىرىپ كەتكەنچە بۇ كۈندە 24 كىلومېتىر يولنى ۋېلسىپىتتە ماڭىدىغان بۇ مەكتەپتە 5 يىل ئىشلەپ كەتتىم.
تۇنجى قەدەمدە ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسىگە كىرىشىمگە ، ئىش ئۈستىلى ئۈستىدە ئولتۇرۇپ تاماكا چېكىۋاتقان، سوغۇق سۇ بىلەن نان يەۋاتقان، مۈگدەپ ئولتۇرغان ساناقلىق بىر قانچە مويسپىت ئوستازلار كۆزۈمگە چېلىقتى.
دېمىسىمۇ بۇ كەنت مەكتىپىدە نە ياشلاردىن ئەسەر يوق. پەقەت مەن ۋە يەنە بىر تەقسىم قىلىنغان ئىككى «نامرات»لار بۇ يەرنىڭ ئەڭ ياش ئوقۇتقۇچىلىرى ئىدۇق. يېڭى خىزمەتكە چۈشكەندىكى ئالەمشۇمۇل خوشاللىق، قورسىقىمىزدىكى يېتەرلىك بىلىم ئۇماچلىرى بىلەن ، مەكتەپتە قۇيۇن چىقىرىپ ، ئۆزىمىزنى پەرۋانىلەردەك خىزمەتكە ئۇرۇپ يۈرگەن بولساقمۇ، لېكىن «تەجرىبىلىك، پىشقەدەم»لەر پات پات كۈندىلىك خاتىرە ئوقۇپ ئىشتىن چۈشۈشتە، «چېچىنى ئۇزۇن قۇيۇۋاپتۇ، بالىلار بىلەن بەك يېقىنلىشىپ كەتتى، چوڭلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالدى، بۇرۇتقا چاپلاشقان ئۇماشتەك» دېگەندەك گەپلەر بىلەن ، نۆۋەتچىلىك كەلگەندە، قەستەن ئۆتكۈزمەسلىك بىلەن بىزنىڭ يېڭىلىق تارقىتىشىمىزغا كاشىلا تۇغدۇرۇپ تۇراتتى. بىر ماۋسۇمدىن كېيىن بىزنىڭ تۈرتكىمىزدە، باشلىرىدىن قۇلاقچا، كىر قاسماق شەپكىلەر، تۇماقلار پەيدىن پەي يوقاشقا باشلىغان بالىلارنىڭ يېڭىچە روھى قىياپىتىنى كۆرگەن،  بەزى «پىشقەدەم» ئۇستازلار بىلەن يەنىلا كېلىشەلمىدۇق. چۈنكى بىزنىڭ يېڭى مىتوتلىرىمىز، يېڭىچە پىكىر ئويلىرىمىز، بالىلار بىلەن ئويناپ كۈلۈپ، سەكرەپ تاقلاپ يۈرۈشلىرىمىز بىلەن بۇ سەھرا بالىلىرىنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىپ، كېيىملىرى رەتلىك، پاكىز بولۇشتىن سىرت، يالاڭباش يۈرۈدىغان بالىلارمۇ خېلى كۆپيىشكە باشلىغان ئىدى. بەش خىل مۇسابىقە بولامدۇ ئىشقىلىپ مۇسابىقە ياكى ئوقۇتۇش نەتىنجىلىرىمىز مەكتەپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، يىل ئاخىرىدىكى چوڭ خۇلاسىدە «بۇرۇتقا چاپلاشقان ئۇماش»لىق سالاھىيتىمىز تېخىمۇ ئاشكارلاندى. شۇنداق بولسىمۇ بىز يا ئىلغار بولالمىدۇق ياكى ياخشى گەپلەرگە ئەمەس، خىزمەت باھالاشتىكى تەرەپ تەرەپتىن كەلگەن «تەربىيە» ۋە «يوشۇرۇن ھوجۇم»لارغا ئۇچراپ، تۇنجى قېتىم مائارىپقا تەلپۈنگەن قەلبىمىز زىدىلەنگەن ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك تۈمەن «تەدبىرلىرى» بىزنىڭ ياشلارغا خاس روھىمىزغا تەسىر كۆرسىتەلمىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ پىشقەدەملەرنىڭ نۇرغۇنلىرى تۇيۇقسىز ۋاپات بۇلۇپ كەتتى. ھازىرقى خىزمەت مۇھىتىمىز ئىنتايىن ئەركىن، پىشقەدەم بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق، ئۇلار ياشلار ئۈچۈن توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۇچراپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ مەكتەپلەردە ئېھتىيات بىلەن يۈرۈشمەكتە.لېكىن ئۇلارنىڭ كۆزىنى ئالىچەكمەن قىلىۋېتىدىغانلارنىڭ سانى ئاز ، بەكلا ئاز…..
بۈگۈنكى كۈنلەردە شۇ ۋاقىتلارنى ئويلىسام، مائارىپ ئىدارىسىدىكى ناتوغرا تەقسىمات ۋە بەزى پىشقەدەملەرنىڭ 90-يىللاردىكى ياشلارنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە توسالغۇ بولۇشىمۇ، مائارىپىمىزدىكى يېڭىلىقنىڭ تولىمۇ ئاستا، يېڭىلىق سادىر قىلغۇچىلارنىڭ تولىمۇ ئاز، ئىسلاھاتنىڭ تولىمۇ كالتا بولۇشىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئامىللارنىڭ بىرسى ئىكەن.
گەرچە ئۇلارنىڭ ئەلپازىدىن، خىزمەت مۇھىتىدىن بەكمۇ مەيۇسلەنگەن،  خوشاللىقلىرىم ئاللىقاياقلارغا كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن دەل شۇ پىشقەدەملەرنىڭ تەربىيەسى ، ۋە تەنقىدىى ئىچىدىن مەن يېڭىچە يول تېپىشقا مەجبۇر بولغان ۋە مېنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرىم ، ئوي خىياللىرىمنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئاساس سېلىنغان ئىدى.

uigur ھەققىدە

ئوقۇ، نادان بىلەن يۈرمە! (مەھمۇد قەشقىرى بوۋىمىز ئۈگۈتلىرىدىن)
بۇ يازما مېنىڭ يازمىلىرىم كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم دەپ خەتكۈچلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈچلىۋېلىڭ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش