تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى :
يېقىندا، مالىيە مىنىستىرلىكى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆي-زېمىن سودىسى ھالقىسىدىكى يەر خېتى بېجى، تىجارەت بېجى ئېتىبار سىياسىتىنى تەڭشىدى. مەركىزى بانكىمۇ تېخى يېرىم ئاي بۇرۇن شەخسلەر ئولتۇراق ئۆي قەرز پۇلى ئالدىن تاپشۇرۇلىدىغان پۇل سوممىسىنىڭ نىسبىتى تۆۋەنلەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمدى بۇنىڭغا ئىلگىرى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىتىلگەن قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى ۋە كەڭرى بولغان جامائەت فوندى قەرز پۇلى سىياسىتى قوشۇلۇپ ئۆي بازىرى يېڭى بىر نۆۋەتلىك دولقۇنىنى كۈتۈۋالىدىغان بولدى. خوش، سىزنىڭمۇ بۇ 2016-يىللىق ئۆي سېتىۋېلىش قوشۇنىغا قوشۇلغىڭىز بارمۇ؟ ئېتىبارلار داۋاملاشماقتا!
يەر خېتى بېجىدا ئېتىبار بېرىش
يېڭى نۆۋەتلىك ئۆي سېتىۋېلىشتىكى باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ۋە سېلىشتۇرمىسى
يېڭى سىياسەت (تۇنجى يۈرۈش ئۆي)
شەخسلەر بىردىنبىر بولغان ئائىلە تۇرالغۇ ئۆيى (ئائىلە ئەزالىرىنىڭ دائىرىسى ئۆي سېتىۋالغۇچى، جورىسى ۋە ئۆيدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۆۋەندىكىلەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش) سېتىۋالغاندا، كۆلىمى 90 كىۋادرات مېتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولسا، %1 باج نىسبىتى بويىچە كېمەيتىپ يەر خېتى بېجى ئېلىنىدۇ؛ كۆلىمى 90 كىۋادرات مېتىردىن يۇقىرى بولسا، %1.5 باج نىسبىتى بويىچە كېمەيتىپ يەر خېتى بېجى ئېلىنىدۇ.
ئۈرۈمچىدە ھازىر يولغا قويۇۋاتقان سىياسەت
شەخىسلەر بىردىنبىر بولغان ئائىلە تۇرالغۇ ئۆيى سېتىۋالغاندا، كۆلىمى 90 كىۋادرات مېتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولسا، %1 باج نىسبىتى بويىچە كېمەيتىپ يەر خېتى بېجى ئېلىش؛ كۆلىمى 90-140 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆيلەردىن % 1.5 باج نىسبىتى بويىچە كېمەيتىپ يەر خېتى بېجى ئېلىش. تۇنجى يۈرۈش ئۆي كۆلىمى 140 كىۋادرات مېتىردىن ئېشىپ كەتكەنلەردىن، % 3 باج نىسبىتى بويىچە يەر خېتى بېجى ئېلىش كېرەك.
يېڭى ئۆزگىرىش
ئۈرۈمچىدە 140 كىۋادرات مېتىردىن يۇقىرى كۆلەمدىكى ئۆيلەرنىڭ يەر خېتى بېجى %3 تىن %1.5 كە چۈشتى. مىسال: بىر يۈرۈش 145 كىۋادرات مېتىرلىق تۇرالغۇ ئۆينىڭ ھەربىر كىۋادرات مېتىرىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 7500 يۈەن بويىچە ھېسابلىغاندا، ئىلگىرى 32625 يۈەن يەر خېتى بېجى تاپشۇراتتى، يېڭى سىياسەت ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن، پەقەت 16312 يۈەن تاپشۇرسىلا بولىدۇ. يەنى، 16 مىڭ يۈەننى ئاز تاپشۇرىدۇ دېگەن گەپ.
يېڭى سىياسەت (ئىككىنچى يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغاندا)
شەخسلەر ئىككىنچى يۈرۈش شارائىتىنى ياخشىلاش خاراكتېرلىك ئائىلە تۇرالغۇسى سېتىۋالغاندا، كۆلىمى 90 كىۋادرات مېتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولسا، %1 باج نىسبىتى بويىچە كېمەيتىپ يەر خېتى بېجى ئېلىش ؛ كۆلىمى 90 كىۋادرات مېتىردىن يۇقىرى بولسا، %2 لىك باج نىسبىتى بويىچە يەر خېتى بېجى ئېلىش. ئائىلىنىڭ ئىككىنچى يۈرۈش شارائىتىنى ياخشىلاش خاراكتېرلىك تۇرالغۇسى بولسا بىر يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆيى بار بولغان ئائىلىلەرنىڭ ئائىلە ئىككىنچى يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆي سېتىۋېلىشىنى كۆرسىتىدۇ .
ئۈرۈمچىدە ھازىر يولغا قويۇۋاتقان سىياسەت
تۇنجى يۈرۈش بولمىغان ئولتۇراق ئۆيلەرگە %3 باج نىسبىتى بويىچە يەر خېتى بېجى تاپشۇرۇشى كېرەك.
يېڭى ئۆزگىرىش
شەخسلەر ئىككىنچى يۈرۈش شارائىتىنى ياخشىلاش خاراكتېرلىك تۇرالغۇ سېتىۋالماقچى بولۇپ، كۆلىمى 90 كىۋادرات مېتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولسا، يەر خېتى بېجى %3 تىن %1 كە تۆۋەنلىدى.
شەخسلەر ئىككىنچى يۈرۈش شارائىتىنى ياخشىلاش خاراكتېرلىك ئائىلە تۇرالغۇسى سېتىۋالغاندا، كۆلىمى 90 كىۋادرات مېتىردىن يۇقىرى بولسا، يەر خېتى بېجى %3 تىن % 2 كە تۆۋەنلىدى. مىسال: شەخسلەر سېتىۋالغان ئائىلە ئىككىنچى يۈرۈش تۇرالغۇسىنىڭ ھەربىر كىۋادرات مېتىرىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 7500 يۈەن بويىچە ھېسابلىغاندا، تۇرالغۇ ئۆيلەرگە بۇرۇن 20250 يۈەن يەر خېتى بېجى تاپشۇرغان. يېڭى سىياسەت ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن، پەقەت 6750 يۈەن تاپشۇرسىلا بولىدۇ. يەنى، 13 مىڭ 500 يۈەن ئاز تاپشۇرىدۇ.
شەخسلەر ئالغىنىغا 2 يىلدىن ئاشقان تۇرالغۇ ئۆيىنى ساتسا تىجارەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش
يېڭى سىياسەت
شەخسلەر سېتىۋالغىنىغا ئىككى يىل بولمىغان تۇرالغۇ ئۆيلەرنى ساتسا، تولۇق سوممىسى بويىچە تىجارەت بېجى ئېلىنىدۇ. 2 يىلدىن ئاشقانلاردىن تىجارەت بېجى ئېلىنمايدۇ.
ئۈرۈمچىدە ھازىر يولغا قويۇۋاتقان سىياسەت
شەخسلەر سېتىۋالغىنىغا ئىككى يىل بولمىغان تۇرالغۇ ئۆيلەرنى ساتسا، تولۇق سوممىسى بويىچە تىجارەت بېجى ئېلىنىدۇ. شەخسلەر سېتىۋالغىنىغا 2 يىلدىن ئاشقان غەيرىي ئادەتتىكى تۇرالغۇ ئۆينى (140 كىۋادرات مېتىرنىڭ يۇقىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ساتسا، ئۇنىڭ سېتىش كىرىمىدىن ئۆزى ۋاقىتتىكى سېتىۋالغان پۇلىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى پەرق سوممىسى بويىچە تىجارەت بېجى ئېلىنىدۇ. سېتىۋالغىنىغا 2 يىلدىن يۇقىرى بولغان ئادەتتىكى تۇرالغۇ ئۆينى (140 كىۋادرات مېتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ساتقاندا تىجارەت بېجى ئېلىنمايدۇ.
يېڭى ئۆزگىرىش
شەخسلەر سېتىۋالغىنىغا 2 يىلدىن يۇقىرى بولغان 140 كىۋادرات مېتىر ئېشىپ كەتكەن تۇرالغۇ ئۆينى ساتقاندا، تىجارەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدۇ.
مىسال 145 كىۋادرات مېتىرلىق تۇرالغۇ: ئىككى يىل بۇرۇن بۇ بىر يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆينى باھاسى 6000 بويىچە يۈەن سېتىۋالغان، ئىككى يىلدىن كېيىن سېتىلغان باھاسى: 7500 يۈەن بويىچە ھېسابلاندى، بۇرۇن ھازىرقى ئېھتىياج بويىچە پۈتۈشۈش باھاسىدىن ئەينى ۋاقىتتا سېتىۋالغان چاغدىكى باھاسىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن %5.5 تىجارەت بېجى باج نىسبىتى بويىچە 11963 يۈەن تىجارەت بېجى تاپشۇراتتى، يېڭى سىياسەت ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن، تىجارەت بېجى ئېلىنمايدۇ.
جامائەت فوندى ئېتىبار سىياسىتى
جامائەت فوندى قەرز پۇلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى ئۆستۈرۈلدى
2015-يىلى 10-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش نازارىتى، مالىيە نازارىتى، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتى، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى، جۇڭگو بانكا نازارەتچىلىك جەمئىيىتى شىنجاڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق بەش تارماق بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، شەخسى تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز پۇلى نىسبىتى %85 تىن تۆۋەن بولغان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شۇ يەردىكى ئۆي باھاسى سەۋىيەسى ۋە قەرز پۇل ئېھتىياجىغا ئاساسەن تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز پۇلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىنى ۋاقتىدا ئۆستۈرۈشىنى، ھەمدە ئەمەلىي قەرز پۇل تارقىتىش سوممىسىنىڭ چېكىنى بېكىتىشتىكى نامۇۋاپىق چەكلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئەڭ يۇقىرى قەرز پۇل سوممىسى پىرىنسىپ جەھەتتە ئادەتتىكى تاۋار ئۆيلەرنىڭ ئومۇمىي ئۆي پۇلىنىڭ %80 دىن تۆۋەن بولمايدىكەن.
جامائەت فوندى پۇلىنى ئالدىن تاپشۇرۇش ئۇسۇلى تېخىمۇ كۆپەيدى
بەش تارماق بىرلىكتە تارقاتقان ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆي سېتىۋالغاندا ئالغان قەرز سوممىسى ئۆزىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قەرز ئېلىش چېكىگە يەتمىسە، شۇنداقلا بۇ قەرزىنى قايتۇرۇپ بولالمىغان بولسىمۇ، يەنىلا 2-قېتىملىق قەرز ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئىشلىتىپ ئالغان قەرز پۇلىنى تۇنجى قېتىم ئۆي سېتىۋېلىشقا ئىشلەتكەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قەرز پۇل سوممىسى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈلسە ۋە قەرز قەرەلى مۇۋاپىق ئۇزارتىلسا بولىدۇ. ئۈرۈمچى، ئىلى، تارباغاتاي قاتارلىق جايلاردىكى قەرز قايتۇرۇشنىڭ ئەڭ ئۇزاق مۇددىتى 25-30 يىلغىچە ئۇزارتىلىدۇ. تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇرالغۇ سېتىۋالغاندا ئاتا-ئانىسىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ. ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇرالغۇ ئۆي سېتىۋالغاندا ئاۋۋال تۇرالغۇ ئۆي فوندى ھېساباتىدىكى قالدۇق بىلەن تۇنجى چىقىمنى تۆلىگەندىن كېيىن، يەنە تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ
بېجىرىش مۇددىتى قىسقارتىلىپ، تەستىقلاش ھالقىلىرى ئازايتىلدى
بۇنىڭدىن باشقا، ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇش ۋە ئېلىشتىكى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھالقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان تاۋار ئۆي سېتىۋېلىشقا تۇرالغۇ جامائەت فوندى بىلەن تۇنجى پۇل چىقىم قىلىش كەسپىنى بېجىرىش، تۇنجى پۇل تۆلەشتە تاپشۇرىدىغان ماتېرىياللارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىغا يەتكەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ پەقەت كىملىك كۆرسىتىپلا تۇرالغۇ ئۆي فوندىنى ئېلىش كەسپىنى يولغا قويۇپ، پېنسىيەگە چىققان ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئېلىش شەرتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ ئۆيى يوق ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇرالغۇ جامائەت فوندى بىلەن ئۆي ئىجارىسى تۆلىگەندە، كىملىك ئىسپاتى ۋە جورىسىنىڭ ئۆيى يوقلۇق ئىسپاتىدىن سىرت، باشقا ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قەرز پۇل ئىلتىماس ماتېرىيالى تولۇق بولسا، 10 كۈن ئىچىدە تەستىقلاش لازىم.
تۇرۇشلۇق جايىدىن باشقا جايدا قەرز پۇل ئېلىش تېخىمۇ قولايلىق بولدى
جامائەت فوندى بىلەن باشقا جايدا قەرز پۇل ئېلىش سىياسىتى جەھەتتە، خەلققە يېڭى ئەركىن تاللاش ھوقۇقى بېرىلگەن. مەسىلەن، ئىشچى-خىزمەتچىلەر A شەھەردە تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇپ B شەھەرگە بېرىپ ئۆي سېتىۋالسا بولىدۇ، ھەم B شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىگە بېرىپ تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرزى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، شۇنداقلا A شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن شەخسىي قەرز ئامانەتنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. يەنە B شەھەرلىك ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش تارماقلىرىغا بېرىپ ئۆيىنى رەنىگە قويۇش رەسمىيىتى بېجىرسە بولىدۇ .
ئەمدى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەردىكى جامائەت فوندى قەرز پۇلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىنى كۆرەيلى :
قۇمۇل ۋىلايىتى: 600 مىڭ يۈەن
تارباغاتاي ۋىلايىتى: 400 مىڭ يۈەن
بايىنغولىن ئوبلاستى: 500 مىڭ يۈەن
ئۈرۈمچى: 500 مىڭ يۈەن
بورتالا : 450 مىڭ يۈەن
خوتەن ۋىلايىتى : 350 مىڭ يۈەن
ئاقسۇ ۋىلايىتى : 400 مىڭ يۈەن
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى : 250 مىڭ يۈەن
تۇرپان ۋىلايىتى : 350 مىڭ يۈەن
ئالتاي ۋىلايىتى : ئەر-خوتۇن خىزمەتچى 400 مىڭ يۈەن، يەككە ئىشچى-خىزمەتچىلەر 300 مىڭ يۈەن
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى : 350 مىڭ يۈەن
ئىلى ئوبلاستى: 450 مىڭ يۈەن
قەشقەر ۋىلايىتى: 400 مىڭ يۈەن
قاراماي: 700 مىڭ يۈەن
ئۆيگە ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇل تۆۋەنلىدى
تۇنجى يۈرۈش ئۆي سېتىۋالىدىغانلار ئالدىن تۆلەيدىغان پۇل ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئومۇمي ئۆي پۇلنىڭ %20 تى بولىدۇ. ئىككىنچى يۈرۈش ئۆيگە ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇل ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئومۇمىي ئۆي پۇلىنىڭ %30 تى بولىدۇ.
جۇڭگو خەلق بانكىسى ھۆكۈمەت تورى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېلان قىلغان «جۇڭگو بانكا كەسپىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ شەخسىي تۇرالغۇ قەرز سىياسىتىنى تەڭشەشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» تا دېيىلىشىچە ،«سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش» تەدبىرىنى يولغا قويمىغان شەھەرلەردە، ئاھالىلەرنىڭ تۇنجى قېتىم ئادەتتىكى سودا خاراكتېرلىك شەخسى تۇرالغۇ ئۆي سېتىۋالغاندا، ئەڭ دەسلەپكى پۇل تاپشۇرۇش نىسبىتى پىرىنسىپ جەھەتتىن % 25 بولۇپ، ھەر قايسى جايلار 5 ئاساسى نۇقتا ئۆرلىتىپ چۈشۈرسە بولىدىكەن؛ بىر يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆيى بار ھەمدە مۇناسىپ ئۆي سېتىۋېلىش قەرز پۇلىنى تۆلەپ تۇرۇپ، ئائىلىسىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم ئولتۇراق ئۆي قەرز پۇلى بىلەن ئادەتتىكى تۇرالغۇ ئۆي سېتىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغان شەخسلەرنىڭ ئەڭ دەسلەپكى پۇل تاپشۇرۇش نىسبىتى % 30 تىن تۆۋەن بولمايدىكەن.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ھازىر مەملىكەت بويىچە سېتىۋېلىشقا چەك قويۇلغان شەھەر پەقەت بەش بولۇپ بۇلار بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېن ۋە سەنيا شەھىرىدىن ئىبارەت. ئۈرۈمچى شەھىرىدە 2014 - يىلى 10ـ ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ شەخسلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش سىياسىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئاھالىلەر قانچىلىك ئۆي سېتىۋالسا بولىدىكەن. ھەمدە تاۋار ئۆي-جاينىڭ سېتىلىش باھاسىنى تەكشۈرتۈپ ئەنگە ئالدۇرۇش ھاجەتسىز ئىكەن. ئاپتونوم رايونىمىز «ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» دە، 2-يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆينىڭ ئەڭ دەسلەپكى پۇل تاپشۇرۇش نىسبىتىنى %30 تىن %20 كە تۆۋەنلىتىلگەنلىكىنى، ھەمدە قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى يۇقىرىتىلمايدىغان بولغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەنلىتىلدى
تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرزىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەنلەپ ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى.
1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن بۇرۇن تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى قەرزى ئالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر يېڭى تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز ئۆسۈم ئۆلچىمى بويىچە پۇل قايتۇرسا بولىدىكەن. تەڭشەلگەندىن كېيىن، جامائەت فوندى قەرز پۇلىنىڭ مۇددىتى 5 يىل ئىچىدىكى (بەش يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئۆسۈم نىسبىتى %2.75، قەرز پۇل مۇددىتى 5 يىلدىن ئاشقانلىرىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى %3.25 بولدى.
بۇنىڭدىن باشقا، 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى، مەركىزىي بانكىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشىگە ئەگىشىپ، قەرز پۇل ئاساسى ئۆسۈم نىسبىتى يىل بېشىدىكى %6.15 تىن ھازىرقى %4.9 كە تۆۋەنلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۆي قەرزى ئۆسۈم نىسبىتى 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالدى. مۆلچەرلىنىشىچە، 2015-يىلى بەش قېتىملىق كەينى-كەينىدىن ئۆسۈم تۆۋەنلىتىشتىن كېيىن، ئۆي سېتىۋالغۇچىلار ئەگەر 20 يىلدا قايتۇرىمەن دەپ 1 مىليون يۈەن ئۆي قەرزى ئالغان بولسا جەمئىي 170 مىڭ يۈەنگە يېقىن ئۆسۈمنى تېجەپ قالغان بولىدىكەن.