ئەينى ۋاقىتتا ئاي شارىدا زادى قانداق ئاۋاز ئاڭلانغان؟-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...
ئورنىڭىز : باش بەتخەۋەر > خەلقئارا >

ئەينى ۋاقىتتا ئاي شارىدا زادى قانداق ئاۋاز ئاڭلانغان؟

مەنبە : ئەرقال تورى       ئاۋاتلىقى 2482   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 28-02-2016

خەۋەر كۈرۈش ئۈستى 660-90 ئوڭ

ئەينى ۋاقىتتا ئاي شارىدا زادى قانداق ئاۋاز ئاڭلانغان؟

 2-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتى (BBC) قاتارلىق خەلقئارالىق چوڭ تاراتقۇ شىركەتلىرى NASA ئاي شارىدا ئاڭلانغان بىرئاۋازنى ئاشكارىلىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەردى.

ئامېرىكىلىقلار 1969-يىلى «11-نومۇرلۇق ئاپوللو» دەپ ئاتالغان ئالەم ئۇچقۇرى بىلەن ئايغا قونىدۇ.  ئۇنىڭدىن ئىككى ئاي بۇرۇن 3 نەپەر NASA خادىمى «10-نومۇرلۇق ئاپوللو» بىلەن ئاي شارىغا بېرىپ، ئۇنى ئوربىتلاپ ئايلىنىدۇ.  ئۇلار ئاينىڭ يەر شارىغا قارىمۇ-قارشى تەرىپىگە ئۆتكەندە ئۇلارنىڭ يەر يۈزى بىلەن بولغان رادىيو ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلىدۇ. يەنى، ئۇلارنىڭ يەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئاي شارى توسۇۋالىدۇ.  دەل شۇ چاغدا NASAنىڭ ھېلىقى 3 خادىمى قۇلىقىغا تىقىۋالغان تىڭشىغۇچىلاردا بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان، تاشقىي دۇنيادىن كەلگەن مۇزىكىدەك بىر خىل ئاۋازنى ئاڭلايدۇ. بۇ ئاۋاز بىر سائەتتەك ۋاقىت داۋام قىلىپ، NASA خادىملىرى ئاي شارىنىڭ يەر شارى يۈزىگە قارايدىغان تەرىپىگە ئۆتكەندە ئاندىن يوقاپ كېتىدۇ.  
شۇ جەرياندا NASA نىڭ ھېلىقى 3 خادىمى بۇ ئىشنى NASA غا دوكلات قىلىش-قىلماسلىق ھەققىدە ئۆز-ئارا پىكىرلەشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىمۇ ئاۋاز ساقلايدىغان ئەسۋابقا ئېلىنىپ قالىدۇ.  
NASA بۇ ئىشلارنى مەخپىي تۇتۇپ، 2008-يىلى ئۇلارنى سىرتقا تارقاتسا بولىدىغان مەلۇماتلار قاتارىغا كىرگۈزىدۇ. ئەمما ھېلىقى ئاۋازلار قاچىلانغان لىنتا ئۇ چاغدا تېپىلماي، ئەمدى تېپىلىدۇ. بۇ ئىشلار ئامېرىكىنىڭ «NASA نىڭ چۈشەندۈرۈلمىگەن ھۆججەتلىرى» دېگەن تېلېۋىزور پروگراممىسىدا 2-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە بېرىلگەن.
 
قىسقىسى، بۇ ئىش ئاشۇنداق بىر ھېكايىدەك ئىش بولۇپ، NASA بۇ ئىشقا قارىتا ھازىرغىچە ھېچ قانداق پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن.

خەلقىم تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Halkim.Cn
خەلقىم ئۈندىدار سالونىغا قوشۇلۇڭ

Copyright @2016-2017 Halkim.cn All Rights Reserved

نەشىر ھوقۇقى : تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى خەلقىم تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت لايىھە گۇرپىسىغا مەنسۈپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان كۆپ ساندىكى فىلىم ، ناخشا قاتارلىق مەزمۇنلار توردىن يېغىۋىلىنغان بولۇپ ، ئەگەر قانۇنلۇق

ھوقۇق - مەنپەتىڭىزگە دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، 24 سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆

توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى : E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823 TEL:18197718000

تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备15001465号-2 . 新ICP备15001833号-2