جۇڭگو ئاخبارات تورى 12-فېۋرال تېلىگىراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: رۇسىيە تاسسىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە فىدىراتسىيە ھايۋانات-ئۆسۈملۈكلەر تەكشۈرۈش كارانتېن ئىدارىسىنىڭ باشلىق ياردەمچىسى ئالىكىس ئالىكسىنكى روسىيىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ ئامېرىكىنىڭ دادۇرى ۋە قونىقىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ئالىكسىنكى مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ ئىمپورت قىلىشنىڭ توختىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان، لېكىن بۇ چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ مۆھلىتىنىڭ قاچانغىچە بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان. قانداق شارائىتتا ئاندىن بۇ چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقى سورالغاندا ئالىكسىنكى ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە ماس كەلگەن بىر بىخەتەر يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكىسپورت قىلىش تۈزۈلمىسى تۇرغۇزغاندا ئاندىن بۇ چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ ئەمەلدىن قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
رۇسىيە فىدىراتسىيە ھايۋانات-ئۆسۈملۈكلەر تەكشۈرۈش كارانتېن ئىدارىسى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلغان داۇر ۋە كۆممىقوناق قاتارلىقلار تەركىبىدە بۇلغانما ماددا بولغانلىقى سەۋەبلىك ئامېرىكىنىڭ بۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىىدىغانلىقى توغرىسىدا ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 2-ئاينىڭ 9-كۈنى كارانتېن ئىدارىسى ئامېرىكا تەرەپ بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىش قارارىنى يەنىلا ئۆزگەرتمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.