12 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى
90 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى قاتارلىق مال – مۈلۈك ھوقۇقى ياكى باشقا قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر زىيان سېلىشنى توختىتىشى، ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈشى؛ زىيان – زەخمەت يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
دۆلەت خادىملىرىدىن ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ ياكى باشقا ناملار بىلەن دېھقانلارنىڭ ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىرى زىياننى تۆلەپ بېرىشى ھەمدە ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان ئۇلارغا مەمۇرىي چارە كۆرۈشى كېرەك.
91 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 19 –، 25 –، 62 –، 71 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن ياكى مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
92 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان قىسىپ قالغان، ئىشلىتىۋالغان مەبلەغنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان ياكى ئىشلەيدىغان ئورنى مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:
(1) مۇشۇ قانۇننىڭ 33 – ماددىسىنىڭ 3 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاشلىق سېتىۋېلىش مەبلىغىنى قىسىپ قالغان، ئىشلىتىۋالغانلار؛
(2) مۇشۇ قانۇننىڭ 39 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مالىيە مەبلىغى ۋە كىرېدىت مەبلىغىنى قىسىپ قالغان، ئىشلىتىۋالغانلار؛
(3) مۇشۇ قانۇننىڭ 86 – ماددىسىنىڭ 3 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى قىسىپ قالغان، ئىشلىتىۋالغانلار.
93 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 67 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دېھقانلاردىن ياكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىدىن قانۇنغا خىلاپ ھالدا ھەق ئالغان، جەرىمانە ئالغان، ئۇلارغا سېلىق سالغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان توسۇشى ھەمدە بۇ ھەقتە ئېلان چىقىرىشى كېرەك؛ پۇل ئالغان ياكى ئادەم، نەرسە ئىشلەتكەنلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە پۇلنى قايتۇرۇشقا ياكى ئىشلەتكەن ئادەم كۈچى، نەرسىنى باھاغا سۇندۇرۇپ پۇلنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇشى ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان ياكى ئىشلەيدىغان ئورنى بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا مەمۇرىي چارە كۆرۈشى كېرەك؛ قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
94 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا يىغقان مەبلەغ، باج ياكى ھەقلەرنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ:
(1) مۇشۇ قانۇننىڭ 68 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يېزىلاردا مەبلەغ توپلىغان، ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش پائالىيىتىنى قانۇنسىز ئۇيۇشتۇرغانلار؛
(2) مۇشۇ قانۇننىڭ 69 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دېھقانلاردىن قانۇنغا خىلاپ ھالدا باج ئالغانلار؛
(3) مۇشۇ قانۇننىڭ 70 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يېزا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتىپى ئارقىلىق دېھقانلاردىن نورمىدىن، تۈردىن ئاشۇرۇپ ھەق ئالغانلار.
95 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 73 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دېھقانلارنى ئەمگەك ئورنىغا پۇل چىقىرىشقا زورلىغانلارنى يېزا (بازار)لىق خەلق ھۆكۈمىتى تۈزىتىشكە ھەمدە قانۇنغا خىلاپ ئالغان پۇلنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ.
96 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 74 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دېھقانلارنى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى ھەقلىق مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىشقا زورلىغانلارنى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتى تۈزىتىشكە ھەمدە قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئالغان ھەقنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
97 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىگە قاتناشقان ۋە ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
13 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
98 – ماددا بۇ قانۇندىكى دېھقانلارغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر دۆلەت دېھقانچىلىق مەيدانى، چارۋىچىلىق مەيدانى، ئورمانچىلىق مەيدانى، بېلىقچىلىق مەيدانى قاتارلىق كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ھۆددىگەر ئىشچى – خىزمەتچىلەرگىمۇ تەتبىقلىنىدۇ.
99 – ماددا بۇ قانۇن 2013 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]