خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنى(2)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2013-10-25 17:35

    2 – باب يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تۈزۈلمىسى

    10 – ماددا دۆلەت يېزىلاردا يەر ھۆددىگەرلىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، يەر ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرىدۇ، دېھقانلارنىڭ ھۆددە ئالغان يەردىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ.

    يېزىلاردىكى يەر ھۆددىگەرلىك ئۇسۇلى، مۇددىتى، ھۆددە بەرگۈچى بىلەن ھۆددە ئالغۇچىنىڭ ھوقۇق – مەجبۇرىيىتى، يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە يۆتكەش قاتارلىقلاردا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى›› ۋە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنى›› تەتبىقلىنىدۇ.

    يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ئائىلە ھۆددىگەرلىكى ئاساسىدا، كوللېكتىپ مۈلكىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، ئەزالىرىغا ئىشلەپچىقىرىش، تېخنىكا، ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلىپ، كوللېكتىپ بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا تەشكىللەپ، ئىقتىسادىي كۈچىنى زورايتىشى كېرەك.

    11 – ماددا دۆلەت دېھقانلارنى ئائىلە ھۆددىگەرلىكى ئاساسىدا، كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۇيۇشۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

    دېھقانلارنىڭ كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى ئۆز ئەزالىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇشى، ئىختىيارىي قاتنىشىش، خالىمىسا چىقىپ كېتىش، دېموكراتىك باشقۇرۇش، پايدا ئېشىنچىسىنى قايتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن دائىرىدە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت ۋە مۇلازىمەت پائالىيەتلىرىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

    دېھقانلارنىڭ كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى كۆپ خىل شەكىلدە بولسا، قانۇن بويىچە قۇرۇلسا ۋە ئۆزىنى قانۇن بويىچە تىزىملاتسا بولىدۇ. ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مال – مۈلۈك ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇشتا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىغا چېقىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    12 – ماددا دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرى دېموكراتىك باشقۇرۇش، ئەمگەككە قاراپ تەقسىم قىلىش بىلەن پايغا قاراپ پايدا تەقسىملەشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، مەبلەغ، تېخنىكا، ماددىي بۇيۇم قاتارلىقلارنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن پاي قىلىپ قوشۇپ، قانۇن بويىچە كارخانا قۇرسا بولىدۇ.

    13 – ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىدە كۆپ خىل شەكىلدىكى كەسىپلەشكەن ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرىدۇ، دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

    دۆلەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، ئوبوروت مۇلازىمىتى كارخانىسى، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ دېھقانلار ياكى دېھقانلارنىڭ كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى بىلەن توختام تۈزۈش ياكى كارخانا قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پايدىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان، خەۋپ – خەتەرنى تەڭ ئۈستىگە ئالىدىغان ئورتاق مەنپەئەت گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى كەسىپلەشكەن ئىگىلىككە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى يېتەكلىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

    14 – ماددا دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرى قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملار بويىچە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ساھە جەمئىيەتلىرىنى قۇرۇپ، ئەزالىرىغا ئىشلەپچىقىرىش، ماركېتىڭ، ئۇچۇر، تېخنىكا، تەربىيەلەش جەھەتلەردە مۇلازىمەت قىلىپ، ماسلاشتۇرۇش رولى ۋە تەلەپچانلىق رولىنى ئوينىسا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسىدا قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشنى ئىلتىماس قىلىپ، ئەزالىرىنىڭ ۋە ساھەسىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىسا بولىدۇ.

    3 – باب يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى

    15 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇددەتلىك يىرىك پىلانى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي نىشانى ۋە يېزا ئىگىلىك بايلىقىنىڭ رايون ئايرىمىسىغا قاراپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.

    ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، تەدبىر قوللىنىپ رايون ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ رايونلار بويىچە مۇۋاپىق جايلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىنى تەڭشەشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرىدۇ.

    16 – ماددا دۆلەت دېھقانلار ۋە دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى بازار ئېھتىياجى بويىچە تەڭشەپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىقنى ماس راۋاجلاندۇرۇپ، سۈپەتلىك، ھوسۇللۇق، ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارا رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەيدۇ ۋە مەدەت بېرىدۇ.

    11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30 – يىغىنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنى››غا تۆۋەندىكىچە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى:

    1. 51 – ماددىنىڭ 1 – تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹دۆلەت قۇرغان يېزا ئىگىلىك تېخنىكا كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرى يېزا ئىگىلىك تېخنىكا سىناق – ئۈلگە بازىسىنى تايانچ قىلىپ، جامائەتكە ئېھتىياجلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىنى كېڭەيتىش ۋە ئۇنىڭدا ئۈلگە كۆرسىتىش قاتارلىق جامائەت پاراۋانلىقى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىغا يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇلازىمىتىنى ھەقسىز قىلىشى كېرەك››.

    2. 52 – ماددىنىڭ 1 – تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالاقىدار مەكتەپلەر، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپلىرى، يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار، ئاممىۋى پەن – تېخنىكا تەشكىلاتلىرى شۇنىڭدەك ئالاقىدار پەن – تېخنىكا خادىملىرى دېھقانلارنىڭ ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ئۇلارغا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلسا بولىدۇ، تېخنىكا ئۆتۈنۈش، تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىش، تېخنىكا ھۆددە ئېلىش، تېخنىكا مەسلىھەتى بېرىش ۋە تېخنىكىنى پاي قىلىپ قوشۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىپ، قانۇنلۇق مەنپەئەتكە ئېرىشسىمۇ بولىدۇ. يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالاقىدار مەكتەپلەر، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپلىرى، يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار، ئاممىۋى پەن – تېخنىكا تەشكىلاتلىرى شۇنىڭدەك ئالاقىدار پەن – تېخنىكا خادىملىرى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك››.

    3 – تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹دۆلەت دېھقانلار، تەمىنات – سودا كوپىراتىپى ۋە باشقا كارخانا، كەسپىي ئورۇن قاتارلىق يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش خىزمىتىگە قاتنىشىدىغانلارغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ››.

    بۇ قارار 2013 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

    ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنى›› مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىلگەندىن كېيىن قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.

    (1993 – يىل 7 – ئاينىڭ 2 – كۈنى 8 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2 – يىغىنىدا ماقۇللاندى

    2002 – يىل 12 – ئاينىڭ 28 –كۈنى 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى

    2009 – يىل 8 – ئاينىڭ 27 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10 – يىغىنىنىڭ ‹‹بىر قىسىم قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار››ىغا ئاساسەن 1 – قېتىم تۈزىتىلدى

    2012 – يىل 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 30 – يىغىنىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن 2 – قېتىم تۈزىتىلدى)

    دېھقانچىلىقتا سورتنى سەرخىللاشتۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش مەركەز قىلىنىپ، زىرائەت قۇرۇلمىسى، سورت قۇرۇلمىسى ۋە سۈپەت قۇرۇلمىسى تەڭشىلىدۇ.

    ئورمانچىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، تەبىئىي ئورماننى قوغداش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، ئىھاتە ئورمان سىستېمىسى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، تېز ئۆسىدىغان ھوسۇللۇق ئورمان، سانائەت خام ئەشيا ئورمىنى ۋە يېقىلغۇ ئورمىنى بەرپا قىلىش قەدىمى تېزلىتىلىدۇ.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار