دۆلەت تۇتمىچىلىق قىلىدىغان دېھقان (بېلىقچى)لار ۋە يېزا ئىگىلىك (بېلىقچىلىق) ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى ياكى باشقا كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەيدۇ ۋە ئۇنى قوللايدۇ، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش يىرىك پىلانى بويىچە، ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى، كەسىپنى ئۆزگەرتكەن دېھقانلار (بېلىقچىلار)غا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ياردەم پۇل بېرىش كېرەك.
64 – ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك جانلىقلار تۈرى بايلىقىنى قوغداش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغدايدۇ، ئاز ئۇچرايدىغان، يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ئەتىۋارلىق جانلىقلار بايلىقى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئەسلىي ماكانىنى نۇقتىلىق قوغدايدۇ. جانلىقلار تۈرى بايلىقىنى چېگرا سىرتىدىن كىرگۈزۈشتە، قانۇن بويىچە تىزىملىتىش ياكى تەستىقلىتىش ھەمدە مۇناسىپ بىخەتەرلىك، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش لازىم.
يېزا ئىگىلىكىدە گېنى يۆتكىلىدىغان جانلىقلارنى تەتقىق قىلىش، سىناق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، تىجارەت قىلىش ۋە باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىشتە، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، بىخەتەرلىك، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق يولغا قويۇش كېرەك.
65 – ماددا ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى بىيولوگىيەلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ياكى ئۈنۈمى يۇقىرى، زەھىرى، قالدۇقى ئاز دېھقانچىلىق دورىسى، چارۋا دورىسىنى ئىشلىتىپ، ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەردىكى كېسەل، ھاشارات، ياۋا ئوت – چۆپ، چاشقان زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تۈگىتىشكە يېتەكلىشى لازىم.
يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يىغىۋېلىنغاندىن كېيىنكى شاخ – شۇمبىلار ۋە باشقا قالدۇق ماددىلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش، ئۇلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشى ۋە ئېكولوگىيەنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
چارۋا، قۇش قاتارلىق ھايۋانلارنى كۆلەملەشتۈرۈپ باقىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر قىغ – ماياق، يۇندى شۇنىڭدەك باشقا تاشلاندۇقلارنى زىيانسىزلاندۇرۇشى ياكى ئۇلاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشى لازىم، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر يەمچۈك، ئوغۇت، دورا قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتىپ، مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ۋە ئېكولوگىيەنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم.
66 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ يۇندى، كېرەكسىز گاز ۋە قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى بۇلغاشنى تۈگىتىشىگە ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى لازىم. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى يۇندى، كېرەكسىز گاز ۋە قاتتىق تاشلاندۇق بىلەن بۇلغاش ھادىسىسى پەيدا قىلغانلارنى مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى؛ دېھقانلارنى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى زىيانغا ئۇچراتقان ئالاقىدار جاۋابكارلار قانۇن بويىچە تۆلەم تۆلىشى كېرەك.
9 – باب دېھقانلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش
67 – ماددا ھەرقانداق ئورگان ياكى ئورۇن دېھقانلار ياكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىدىن مەمۇرىي، كەسپىي ھەق ئېلىشتا، قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلىنىشى شەرت. ھەق ئېلىش تۈرى، دائىرىسى ۋە ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىشى كېرەك. قانۇن – نىزام ئاساسى بولماي تۇرۇپ ئېلىنىدىغان ھەقنى دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
ھەرقانداق ئورگان ياكى ئورۇن دېھقانلار ياكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىغا جەرىمانە جازاسى بېرىشتە، قانۇن – نىزام، قائىدىلەردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلىنىشى شەرت. قانۇن – نىزام، قائىدە ئاساسى بولمىغان جەرىمانىنى دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
ھەرقانداق ئورگان ياكى ئورۇننىڭ دېھقانلار ياكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىغا ھەرقانداق شەكىلدە سېلىق سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. قانۇن – نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرىدىن سىرت، ھەرقانداق ئورگان ياكى ئورۇن ھەرقانداق شەكىلدە دېھقانلار ياكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىدىن ئادەم، پۇل، نەرسە تەلەپ قىلسا سېلىق سالغانلىق بولىدۇ. دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرى ھەرقانداق شەكىلدىكى سېلىقنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
68 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى شۇنىڭدەك ئۇلارغا قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىدىن ھەرقانداق شەكىلدە مەبلەغ توپلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
ھەرقانداق ئورگان ياكى ئورۇننىڭ قانۇن – نىزام ئاساسى بولماي ياكى گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتماي تۇرۇپ، يېزىلاردا ھەرقانداق شەكىلدىكى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.
69 – ماددا دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرى باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ. باج ئورگانلىرى ۋە باج پۇلىنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ قالغۇچى، ۋاكالىتەن ئالغۇچى ئورۇنلار قانۇن بويىچە باج ئېلىشى، قانۇنغا خىلاپ ھالدا باج سېلىقى سالماسلىقى شۇنىڭدەك قانۇنغا خىلاپ باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق باج ئالماسلىقى كېرەك.
70 – ماددا يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدا گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئېلىنىدىغان ھەقلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دېھقانلار ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا ھەق ئېلىشقا يول قويۇلمايدۇ. ھەرقانداق ئورگان ياكى ئورۇننىڭ يېزىلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئارقىلىق دېھقانلاردىن ھەق ئېلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.
71 – ماددا دۆلەت دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يېرىنى قانۇن بويىچە ئېلىپ ئىشلىتىشتە، دېھقانلارنىڭ ۋە يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىشى، دېھقانلارغا ۋە يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىغا ئالغان يەر ئۈچۈن قانۇن بويىچە تولۇقلىما بېرىشى لازىم، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئالغان يەر ئۈچۈن بېرىلىدىغان تولۇقلىما پۇلىنى قىسىپ قېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
72 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ۋە يېزا ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ۋە يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى يۆتكەش جەريانىدا دېھقانلارنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىغا چېقىلىشىغا، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تۈرلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئارىلىشىۋېلىشىغا، دېھقانلارنى بېكىتىلگەن ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى سېتىۋېلىشقا ياكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بەلگىلەنگەن يول بويىچە سېتىشقا مەجبۇرلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
73 – ماددا يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ياكى جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قىلىش ئۈچۈن، ئەزالىرى (كەنت ئاھالىلىرى)دىن پۇل، ئەمگەك كۈچى ئېلىشقا توغرا كەلسە، ئەزالار (كەنت ئاھالىلىرى) يىغىنى ياكى ئەزالار (كەنت ئاھالىلىرى) ۋەكىللىرى يىغىنىغا قاتناشقانلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ئالسا بولىدۇ.
يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە پۇل، ئەمگەك كۈچى ئېلىشتا، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن يۇقىرى كونترول ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ، ئەمگەك ئورنىغا پۇل چىقىرىشقا زورلاش مەنئى قىلىنىدۇ.
كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مۇھىم ئىشلارنى دېھقانلارغا ئاشكارىلىشى ھەمدە مالىيە، ھېسابات تۈرلىرىنى قەرەللىك ئېلان قىلىپ، دېھقانلارنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى لازىم.
74 – ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس دېھقانلار ياكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىغا ئىشلەپچىقىرىش، تېخنىكا، ئۇچۇر، مەدەنىيەت، سۇغۇرتا قاتارلىق جەھەتلەردە ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشتا، ئىختىيارلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى شەرت، دېھقانلارنى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىشقا زورلاشقا يول قويۇلمايدۇ.
75 – ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغۇچى ئورۇنلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشتا دەرىجىسىنى، باھاسىنى چۈشۈرۈشىگە، بېرىلىدىغان پۇلدىن ھەرقانداق ھەقنى تۇتۇپ قېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا باج پۇلىنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ قېلىش، ۋاكالىتەن ئېلىش بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]