خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنى(8)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2013-10-25 17:35

    يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغۇچى ئورۇنلار بىلەن ساتقۇچىلار ئوتتۇرىسىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت دەرىجىسىدە تالاش – تارتىش كۆرۈلسە، قانۇندا بەلگىلەنگەن ساپاغا ئىگە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ھاۋالە قىلىنسا بولىدۇ.

    76 – ماددا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەر ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ سۈپىتى تۈپەيلىدىن زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، شۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىسىنى ساتقۇچى تۆلەپ بېرىشى لازىم، تۆلەم سوممىسى مال پۇلى، مۇناسىۋەتلىك خىراجەت، ئېرىشىدىغان مەنپەئەتنىڭ زىيىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    77 – ماددا دېھقانلار ياكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرى ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىغا ئەھۋال ئىنكاس قىلىش ۋە قانۇنلۇق تەلىپىنى قويۇشقا ھوقۇقلۇق، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى دېھقانلارنىڭ ياكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇۋاپىق تەلىپىگە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ۋاقتىدا جاۋاب بېرىشى لازىم.

    78 – ماددا باشقىلار قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە چېقىلغان ئەھۋال كۆرۈلگەندە، دېھقانلار ياكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرى قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ، مۇناسىۋەتلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ياكى خەلق سوت مەھكىمىلىرى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى كېرەك.

    خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە ئەدلىيە مەمۇرىي مەسئۇل ئورگانلىرى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە دېھقانلارغا قانۇن ياردىمى بېرىشى كېرەك.

    10 – باب يېزا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش

    79 – ماددا دۆلەت شەھەر – يېزىلارنى ماس قەدەمدە راۋاجلاندۇرۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، يېزىلاردىكى 2 –، 3 – كەسىپنىڭ تەرەققىياتىغا يۆلەك بولۇپ، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ۋە ياخشىلاپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىقتىسادىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر بىلەن يېزىنىڭ پەرقىنى تەدرىجىي كىچىكلىتىدۇ.

    80 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ يېزا – بازار كارخانىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىشى، ئوشۇق يېزا ئىگىلىك ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكىشى لازىم.

    دۆلەت يېزا – بازار كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا – بازار كارخانىلىرىنى قۇرۇلما ياخشىلاش، تېخنىكا يېڭىلاش، ساپا ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەيدۇ.

    81 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى، رايون ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق شارائىتىغا قاراپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىلمىي پىلانلاش، يەردىن تېجەشلىك پايدىلىنىش پىرىنسىپى بويىچە، يېزا كىچىك بازار قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.

    يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بازار مېخانىزمىدىن پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلار مەبلىغىنى ۋە ئىجتىمائىي مەبلەغنى كىچىك بازار قۇرۇلۇشىغا جەلپ قىلىشى، 2 –، 3 – كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇشى، يېزا – بازار كارخانىلىرىنىڭ نىسپىي مەركەزلىك ھالدا راۋاجلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى لازىم.

    82 – ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، يېزىلاردىكى ئوشۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى شەھەر – يېزىلار، رايونلار ئارا مۇۋاپىق، تەرتىپلىك يۆتكىلىشكە يېتەكلەيدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر – بازارغا كىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى لازىم، نامۇۋاپىق چەكلىمە قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ، ئىلگىرى قويۇلغان چەكلىمىلەر بىكار قىلىنىدۇ.

    83 – ماددا دۆلەت يېزا ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى بەشتە كاپالەتلىك ئائىلىلەر، مېيىپ نامرات دېھقانلار، ياشانغان نامرات دېھقانلار ۋە ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان باشقا دېھقانلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

    84 – ماددا دۆلەت دېھقانلارنىڭ يېزىلاردىكى ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش ۋە باشقا تېببىي داۋالىنىش كاپالەت شەكىللىرىنى مۇستەھكەملىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، دېھقانلارنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

    85 – ماددا دۆلەت نامرات جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات شارائىتىنى ياخشىلىشىغا يۆلەك بولۇپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ نامرات جايلارنى يۆلەش ئومۇمىي نىشانى ۋە تەلىپى بويىچە، يۆلەش – ئېچىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

    ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى نامراتلارنى تەرەققىيات يولى بىلەن يۆلەش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، نامرات رايونلاردىكى دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، نامرات، قالاق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشكە تەشكىللىشى، نامرات جايلاردىكى دېھقانلارنى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە، شۇ جاينىڭ بايلىق مەنبەسىنى ئېچىشقا يېتەكلىشى لازىم. يۆلەش – ئېچىشتا، بايلىق مەنبەسىنى قوغداش، ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، نامرات جايلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ماس قەدەمدە راۋاجلىنىشىغا ۋە ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇش لازىم.

    86 – ماددا مەركەز ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك مالىيە يۆلەش – ئېچىش سېلىنمىسىنى يىللىق مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە يىلمۇيىل كۆپەيتىشى، نامرات جايلارغا مالىيەدىن يۆتكەپ قىلىنىدىغان چىقىم ۋە قۇرۇلۇش مەبلىغى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشى لازىم.

    دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، باشقا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ نامرات جايلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە قۇرۇلۇشىنى مەبلەغ سېلىپ قوللىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

    ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى قىسىپ قېلىشى، ئىشلىتىۋېلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى تەپتىش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

    11 – باب قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش

    87 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار پىلانلاش، يېتەكچىلىك قىلىش، باشقۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈپ، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى كېرەك.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش قوشۇنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، قانۇننى ئەتراپلىق ئىجرا قىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

    88 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇنىڭ قانۇن ئىجراچىلىرى قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق:

    (1) تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ياكى شەخستىن ئەھۋال چۈشەندۈرۈشنى، ئالاقىدار ھۆججەت، كىنىشكا، ماتېرىياللارنى بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛

    (2) تەكشۈرۈلىدىغان ئورۇن ياكى شەخسلەرنىڭ مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىش، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇش.

    يېزا ئىگىلىكىگە ئائىت مەمۇرىي قانۇن ئىجراچىلىرى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندا، تەكشۈرۈلىدىغان ئورۇن ياكى شەخسكە قانۇن ئىجرا قىلىش گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشى، قانۇن ئىجرا قىلىش تەرتىپىگە رىئايە قىلىشى كېرەك. ئالاقىدار ئورۇن ياكى شەخسلەر يېزا ئىگىلىكىگە ئائىت مەمۇرىي قانۇن ئىجراچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا ماسلىشىشى كېرەك، رەت قىلىشىغا ياكى توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    89 – ماددا يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت ئورۇنلىرى ئاپپارات، خادىم، مالىيە جەھەتتە ئۈزۈل – كېسىل ئايرىلىشى شەرت. يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا ۋە ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار