(74 – نومۇرلۇق)
‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 2012 – يىل 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2013 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ
2012 – يىل 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنى›› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى (2012–يىل 12–ئاينىڭ 28–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30–يىغىنىدا ماقۇللاندى)
مۇندەرىجە
1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
2 – باب يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تۈزۈلمىسى
3 – باب يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى
4 – باب يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئوبوروت قىلىش ۋە پىششىقلاش
5 – باب ئاشلىق بىخەتەرلىكى
6 – باب يېزا ئىگىلىكىگە سېلىنما سېلىش ۋە ئۇنى قوللاش، قوغداش
7 – باب يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى ۋە يېزا ئىگىلىك مائارىپى
8 – باب يېزا ئىگىلىك بايلىقى ۋە يېزا ئىگىلىك مۇھىتىنى ئاسراش
9 – باب دېھقانلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش
10 – باب يېزا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش
11 – باب قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش
12 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى
13 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1 – ماددا بۇ قانۇن يېزا ئىگىلىكىنىڭ خەلق ئىگىلىكىدىكى ئۇللۇق ئورنىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش، يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ پەن – مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىغا يېتىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
2 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان يېزا ئىگىلىكى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنى، جۈملىدىن ئۇنىڭغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئالدىدىكى، ئىشلەپچىقىرىش داۋامىدىكى، ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرى يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتى، يېزا ئىگىلىك كارخانىسى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باشقا تەشكىلاتلارنى كۆرسىتىدۇ.
3 – ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىكىنى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىدا 1 – ئورۇنغا قويىدۇ.
يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي نىشانى: سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېزا ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش، يېزا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي ساپاسى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ تەمىناتىغا ۋە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، خەلق ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئاھالىنىڭ كۆپىيىش، تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا كەسىپلەرگە ۋە شەھەر، بازارلارغا يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇش، شەھەرلەر بىلەن يېزىلارنىڭ پەرقىنى ۋە رايونلار پەرقىنى كىچىكلىتىش، باي، دېموكراتىك، مەدەنىي سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا بەرپا قىلىش، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش.
4 – ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېمەكلىك، سانائەت خام ئەشيالىرى ۋە باشقا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
5 – ماددا دۆلەت ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساس قىلىنغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرىدۇ.
دۆلەت يېزىلاردا ئائىلە ھۆددىگەرلىكى ئاساس قىلىنغان بىرتۇتاش باشقۇرۇش بىلەن تارقاق باشقۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن قوش قاتلاملىق ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئۇزاققىچە مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كوللېكتىپنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى زورايتىپ، دېھقانلارنى ئورتاق بېيىش يولىغا يېتەكلەيدۇ.
دۆلەت يېزىلاردا ئەمگەككە قاراپ تەقسىم قىلىش ئاساس قىلىنغان، كۆپ خىل تەقسىمات شەكلى تەڭ مەۋجۇت بولىدىغان تەقسىمات تۈزۈمىدە چىڭ تۇرىدۇ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
6 – ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىكىنى پەن – مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرىدۇ.
دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى تەڭشەيدۇ ۋە سەرخىللاشتۇرىدۇ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا، مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسرايدۇ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماشىنىلىشىشى ۋە ئۇچۇرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.
7 – ماددا دۆلەت دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ مال – مۈلكىنى ۋە باشقا قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى دەخلى – تەرۇزدىن ساقلايدۇ.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشى، سېلىقىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىشى كېرەك.
8 – ماددا پۈتۈن جەمئىيەت يېزا ئىگىلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىشى كېرەك.
دۆلەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.
9 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش خىزمىتىگە بىرتۇتاش مەسئۇل بولۇپ، ئالاقىدار تارماقلار ۋە پۈتۈن جەمئىيەتنى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىدىغان خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە تەشكىللەيدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق قاتارلىق يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئورمانچىلىق خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارىتىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]