خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنى(5)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2013-10-25 17:35

    ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يېزا ئىگىلىك مالىيە مەبلىغى ۋە كىرېدىت مەبلىغىنى قىسىپ قېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان مالىيە مەبلىغى ۋە كىرېدىت مەبلىغى قاتارلىقلارنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىپ نازارەت قىلىشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشى لازىم.

    40 – ماددا دۆلەت باج، باھا، كىرېدىت قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت سېلىنمىسى ۋە كىچىك ئېتىز – ئېرىق سۇ ئىشلىرى قاتارلىق ئاساسىي قۇرۇلۇش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ.

    دۆلەت دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىختىيارلىق ئاساسىدا قانۇن بويىچە كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەبلىغى غەملىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

    41 – ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي مەبلەغنى يېزا ئىگىلىكىگە سېلىشقا ئىلھام بېرىدۇ، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى مەبلەغ ئىئانە قىلىپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشى ۋە يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا، مائارىپ فوندى تەسىس قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

    دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىدە تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولىدۇ.   

    42 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى يېزا ئىگىلىك ئۇچۇرىنى توپلاش، رەتلەش ۋە ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىغا بازار ئۇچۇرى مۇلازىمەتلىرىنى ۋاقتىدا قىلىشى كېرەك.

    43 – ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىكىگە ئائىت سانائەت تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىدۇ ۋە يۆلەك بولىدۇ.

    دۆلەت باج، كىرېدىت ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە سودا ئىشلىرىغا ئىلھام بېرىپ ۋە يۆلەك بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ماددىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

    دۆلەت ماكرولۇق تەڭشەش تەدبىرى قوللىنىپ، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى، دېھقانچىلىق يوپۇقى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى ۋە يېزا ئىگىلىك دىزېلى قاتارلىق ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوتتۇرىسىدا مۇۋاپىق سېلىشتۇرما باھانى ساقلاپ قالىدۇ.

    44 – ماددا دۆلەت تەمىنات – سودا كوپىراتىپى، يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتى، باشقا تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئالدىدىكى، ئىشلەپچىقىرىش داۋامىدىكى ۋە ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى كۆپ خىل شەكىلدىكى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت ئىشلىرىغا مەدەت بېرىشى لازىم.

    يېزا ئىگىلىك، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، قاتناش – تىرانسپورت، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىدە رايون ھالقىپ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا مەدەت بېرىشى لازىم.

    45 – ماددا دۆلەت يېزا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئامانەت – قەرز تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى ۋە يېزا پۇل مۇئامىلىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ.

    ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، كىرېدىت سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشى، يېزا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ياخشىلىشى، دېھقانلارنىڭ ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت پائالىيەتلىرىگە كىرېدىت جەھەتتە مەدەت بېرىشى لازىم.

    يېزا ئامانەت – قەرز كوپىراتىپلىرى يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار ۋە يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشنى مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت پائالىيىتىگە ئالدىن كىرېدىت مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

    دۆلەت ياردەم ئۆسۈم بېرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى دېھقانلارنىڭ ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت پائالىيەتلىرىگە قەرز پۇل بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

    46 – ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

    دۆلەت سىياسەتلىك يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا تۈزۈمىنى پەيدىنپەي ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. دېھقانلارنىڭ ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت پائالىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان ھەمكارلىق سۇغۇرتا تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ ۋە يۆلەك بولىدۇ، سودا خاراكتېرلىك سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا كەسپىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

    يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىدا ئىختىيارلىق پىرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ. ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ دېھقانلارنى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا مەجبۇرلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    47 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى، ئۇلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىشى، ئىجتىمائىي ياردەم ۋە قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرۇشى؛ ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقتىن ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتىگە ئىگە بولمىغانلىرىنى قۇتقۇزۇشى ۋە يۆلىشى كېرەك.

    7 – باب يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى ۋە يېزا ئىگىلىك مائارىپى

    48 – ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى، يېزا ئىگىلىك مائارىپى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا، مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىمىلىرى بويىچە يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا خىراجىتى ۋە يېزا ئىگىلىك مائارىپ خىراجىتىنى پەيدىنپەي كۆپەيتىشى كېرەك.

    دۆلەت كارخانا قاتارلىق ئىجتىمائىي كۈچلەرنى يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە جەلپ قىلىدۇ، دېھقانلار، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇن قاتارلىقلارنى قانۇن بويىچە يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا، مائارىپ ئىشلىرىنى يولغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

    49 – ماددا دۆلەت ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسى قاتارلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدايدۇ، يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات، مائارىپ ئورۇنلىرىنى يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا ئۇل تەتقىقاتى ۋە ئەمەلىي تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ ئايلىنىشىنى ۋە كەسىپلىشىشىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ.

    گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى يېزا ئىگىلىكىدىكى چوڭ – چوڭ ئاچقۇچلۇق تېخنىكا تۈرلىرىدە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇشى لازىم. دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى، مائارىپى جەھەتتىكى خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چەت ئەلدىن ئىلغار تېخنىكا كىرگۈزۈشكە ئىلھام بېرىدۇ.

    50 – ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئىشلىرىغا يۆلەك بولۇپ، ھۆكۈمەت يۆلەش بىلەن بازار ئارقىلىق يېتەكلەش بىرلەشتۈرۈلگەن، ھەقلىق مۇلازىمەت بىلەن ھەقسىز مۇلازىمەت بىرلەشتۈرۈلگەن، دۆلەت يېزا ئىگىلىك تېخنىكا كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرى بىلەن ئىجتىمائىي كۈچلەر بىرلەشتۈرۈلگەن يېزا ئىگىلىك تېخنىكا كېڭەيتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىلغار يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا تېزدىن قوللىنىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

    `51 – ماددا دۆلەت قۇرغان يېزا ئىگىلىك تېخنىكا كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرى يېزا ئىگىلىك تېخنىكا سىناق – ئۈلگە بازىسىنى تايانچ قىلىپ، جامائەتكە ئېھتىياجلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىنى كېڭەيتىش ۋە ئۇنىڭدا ئۈلگە كۆرسىتىش قاتارلىق جامائەت پاراۋانلىقى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىغا يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇلازىمىتىنى ھەقسىز قىلىشى كېرەك.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار