خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنى(3)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2013-10-25 17:35

    ئوتلاق قوغداش ۋە بەرپا قىلىش كۈچەيتىلىپ، چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلىدۇ، ئېغىل – قوتاندا بېقىش ئۇسۇلى كېڭەيتىلىپ، چارۋا، قۇش نەسلى ياخشىلىنىدۇ، يەم – خەشەك سانائىتى ۋە چارۋا، قۇش مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى پائال راۋاجلاندۇرۇلىدۇ.

    بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا، بېلىقچىلىق بايلىقىنى قوغداپ ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، تۇتمىچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى، ئوكيان بېلىقچىلىقى ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى سىياسەت بەلگىلەپ، مەبلەغ ئاجرىتىپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.

    17 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال تەرەققىياتى ۋە ئېتىز– ئېرىق سۇ ئىشلىرى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مۇھاپىزىتى، يېزا، كەنت يولى، يېزا ئېنېرگىيەسى ۋە ئېلېكتىر تورى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى زاپىسى ۋە ئوبوروتى، بېلىقچىلىق پورتى، ئوتلاق قاشاسى، ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەسلىي نەسلى – سورتى، سۈپەتلىك نەسلى – سورتى بازىسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ۋە يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ياخشىلاپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قوغدىشى ۋە ئۆستۈرۈشى لازىم.

    18 – ماددا دۆلەت ھايۋانات، ئۆسۈملۈك نەسلى – سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، يېڭىلاش ۋە سۈپەتلىك نەسىل – سورتنى كېڭەيتىپ ئىشلىتىشكە يۆلەك بولىدۇ، نەسىل – سورتنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش بىلەن ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇرۇقچىلىق قۇرۇلۇشى ۋە نەسىللىك چارۋا، قۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشقا ئىلھام بېرىدۇ. گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەخسۇس مەبلەغ تەسىس قىلىپ، ھايۋانات، ئۆسۈملۈك نەسلى – سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، كېڭەيتىش خىزمىتىگە يۆلەك بولۇشقا ئىشلىتىدۇ.

    19 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرى ئېتىز – ئېرىق سۇچىلىق ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، ئېتىز – ئېرىق سۇچىلىق ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، سۇنى تېجەپ ئىشلىتىپ، سۇ تېجەر يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، سۇغىرىشقا ئىشلىتىدىغان سۇ مەنبەسىنى يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىشنى قانۇن بويىچە قاتتىق كونترول قىلىشى، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئېتىز – ئېرىق سۇچىلىق ئەسلىھەلىرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشىنى ياكى بۇزۇۋېتىشنى مەنئى قىلىشى كېرەك.

    دۆلەت سۇ قىس جايلاردا سۇ تېجەر يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا نۇقتىلىق يۆلەك بولىدۇ.

    20 – ماددا دۆلەت دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلغار، ياراملىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلىتىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماشىنىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

    دۆلەت دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلغار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىشىغا يۆلەك بولىدۇ.

    21 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان مېتېئورولوگىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىشى، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنى كۆزىتىش ۋە بۇ ھەقتە ئالدىن مەلۇمات بېرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

    22 – ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى سىستېمىسى ۋە سۈپىتىنى پىرىيوم قىلىش، كۆزىتىش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ئالاقىدار تېخنىكا قائىدىسى، مەشغۇلات قائىدىسى ۋە سۈپەت، تازىلىق، بىخەتەرلىك ئۆلچىمى بويىچە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا، تىجارەت قىلىشقا تەشكىللەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

    23 – ماددا دۆلەت سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىسپات – بەلگە تۈزۈمىنى قانۇن بويىچە ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە مەدەت بېرىدۇ.

    دۆلەت سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ ۋە يۆلەك بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە تەدبىر قوللىنىپ، سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى لازىم.

    دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا قانۇن ياكى مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئالاقىدار بەلگىلەرنى ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ. بەلگىلەنگەن ئىشلەپچىقىرىش ئورنى ۋە ئىشلەپچىقىرىش قائىدە ئۆلچىمى تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا ئالاقىدار قانۇن ياكى مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسىنى ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ.

    24 – ماددا دۆلەت ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك يۇقۇم مۇداپىئە ۋە كارانتىن قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك يۇقۇم مۇداپىئە، كارانتىن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ھايۋانات يۇقۇملۇق كېسىلى ۋە ئۆسۈملۈكلەردىكى كېسەل، ھاشارات، ئوت – چۆپ، چاشقان زىيىنىنى كۆزىتىش، سىگنال بېرىش، ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىشنى كۈچەيتىدۇ، ئېغىر ھايۋانات يۇقۇمىنى ۋە ئۆسۈملۈكلەردىكى كېسەل، ھاشارات زىيىنىنى تېز تۈگىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىدۇ، بەلگىلەنگەن ھايۋانات يۇقۇمسىز رايونى قۇرۇپ، ئۆسۈملۈك ئاسراش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىدۇ.

    25 – ماددا دېھقانچىلىق دورىسى، چارۋا دورىسى، يەم – خەشەك ۋە يەم – خەشەك خۇرۇجى، ئوغۇت، ئۇرۇق، يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى قاتارلىق ئادەم ۋە چارۋىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت قىلىشتا، ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە تىزىملاش ياكى ئىجازەت بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

    ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى بىخەتەر ئىشلىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك، دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن ۋە ئىشلىتىشنى مەنئى قىلغان دېھقانچىلىق دورىسى، چارۋا دورىسى، يەم – خەشەك خۇرۇجى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ۋە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان باشقا مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

    يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلار ئىشلىگەن، ساتقان مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك، ناچىرىنى ياخشى قىلىپ، ساختىسىنى راست قىلىپ، لاياقەتسىزلىرىنى لاياقەتلىك قىلىپ كۆرسىتىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن دېھقانچىلىق دورىسى، چارۋا دورىسى، يەم – خەشەك خۇرۇجى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

    4 – باب يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئوبوروت قىلىش ۋە پىششىقلاش

    26 – ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش – سېتىش بازار ئارقىلىق تەڭشىلىدۇ. دۆلەت دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش – سېتىشنى زۆرۈرىيەتكە قاراپ ماكرولۇق تەڭشەيدۇ، مەركەزنىڭ ۋە يەرلىكنىڭ زاپاس ساقلاش، تەڭشەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ساقلاش – توشۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، بازارنى مۇقىملاشتۇرىدۇ.

    27 – ماددا دۆلەت بىرلىككە كەلگەن، ئېچىۋېتىلگەن، رىقابەتلىك، تەرتىپلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازار سىستېمىسىنى پەيدىنپەي بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. دۆلەت يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى ۋە دېھقانلارنىڭ كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قەرەللىك بازىرىنى قۇرۇشىغا يۆلەك بولىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، سودا تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يەرلىك قورۇقچىلىقنىڭ ۋە ناتوغرا رىقابەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

    28 – ماددا دۆلەت ھەر خىل شەكىلدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروت پائالىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. دېھقانلارنىڭ ۋە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش، توپ سېتىش، ساقلاش، توشۇش، پارچە سېتىش ۋە ۋاسىتىچىلىك قىلىشىنى قوللايدۇ. تەمىنات – سودا كوپىراتىپلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدىغان – ساتىدىغان باشقا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىغا بازار ئۇچۇرى يەتكۈزۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروت يوللىرىنى ئېچىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار