خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنى(6)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2013-10-25 17:35

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا قاراپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكا كېڭەيتىش قوشۇنىنى مۇقىملاشتۇرۇشى ۋە كۈچەيتىشى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكا كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمەت خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىدىغان كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ خىزمەت شارائىتى، مائاش تەمىناتى ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى ۋە ياخشىلىشى، ئۇلارنى يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.

    52 – ماددا يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالاقىدار مەكتەپلەر، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپلىرى، يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار، ئاممىۋى پەن – تېخنىكا تەشكىلاتلىرى شۇنىڭدەك ئالاقىدار پەن – تېخنىكا خادىملىرى دېھقانلارنىڭ ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ئۇلارغا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلسا بولىدۇ، تېخنىكا ئۆتۈنۈش، تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىش، تېخنىكا ھۆددە ئېلىش، تېخنىكا مەسلىھەتى بېرىش ۋە تېخنىكىنى پاي قىلىپ قوشۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىپ، قانۇنلۇق مەنپەئەتكە ئېرىشسىمۇ بولىدۇ. يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالاقىدار مەكتەپلەر، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپلىرى، يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار، ئاممىۋى پەن – تېخنىكا تەشكىلاتلىرى شۇنىڭدەك ئالاقىدار پەن – تېخنىكا خادىملىرى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالاقىدار مەكتەپلەر، يېزا ئىگىلىك تېخنىكا كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان كارخانىلىرىغا دۆلەت باج، كىرېدىت قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىدۇ.

    دۆلەت دېھقانلار، تەمىنات – سودا كوپىراتىپى ۋە باشقا كارخانا، كەسپىي ئورۇن قاتارلىق يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش خىزمىتىگە قاتنىشىدىغانلارغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

    53 – ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ئارىسىدا داۋاملىق تەربىيە تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مائارىپ، كادىرلار تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ داۋاملىق تەربىيە پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

    54 – ماددا دۆلەت يېزىلاردا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قانۇن بويىچە يولغا قويىدۇ ھەمدە مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. دۆلەت يېزىلاردا قۇرغان ئادەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تۇتاش بېرىدۇ، مەكتەپ بىناسى قاتارلىق ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى سېلىش ۋە ئاسراش خىراجىتىنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىمىلىرى بويىچە بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

    55 – ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك كەسپىي مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى دۆلەتنىڭ كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامە تۈزۈمى ھەققىدىكى بىرتۇتاش بەلگىلىمىسى بويىچە، يېزا ئىگىلىكىدىكى كەسىپلەرنى تۈرگە ئايرىش، كەسپىي ماھارەت باھالاش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ، يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى باشقۇرىدۇ.

    56 – ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، دېھقانلارنى ئىلغار يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى قوللىنىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، دېھقانلارنىڭ پەن – تېخنىكا تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇشىنى قوللايدۇ، يېزا ئىگىلىك ئەمەلىي تېخنىكىسى، دېھقانلارنى يېشىل گۇۋاھنامە ئېلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تەربىيەلەپ، دېھقانلارنىڭ مەدەنىيەت، تېخنىكا ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ.

    8 – باب يېزا ئىگىلىك بايلىقى ۋە يېزا ئىگىلىك مۇھىتىنى ئاسراش

    57 – ماددا يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشتا يەر، سۇ، ئورمان، ئوتلاق، ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە ئۇلارنى ئاسراش، سۇ ئېنېرگىيەسى، پاتقاق گازى، قۇياش ئېنېرگىيەسى، شامال ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ھاسىلىي ئېنېرگىيە ۋە پاكىز ئېنېرگىيەنى مۇۋاپىق ئېچىپ ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىپ، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش شەرت.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىك بايلىقىنىڭ رايون ئايرىمىسى ياكى يېزا ئىگىلىك بايلىقىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىدىغان ۋە ئاسرايدىغان رايون ئايرىمىسىنى بېكىتىپ، يېزا ئىگىلىك بايلىقىنى كۆزىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى لازىم.

    58 – ماددا دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرى تېرىلغۇ يەرنى ئاسرىشى، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى، دېھقانچىلىق يوپۇقىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىپ، ئورگانىك ئوغۇتنى كۆپرەك ئىشلىتىشى، ئىلغار تېخنىكىنى قوللىنىپ، يەر قۇۋۋىتىنى قوغدىشى ۋە ئاشۇرۇشى، يېزا ئىگىلىك يېرىنىڭ بۇلغىنىشى، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ۋە ئاجىزلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەدبىر قوللىنىپ، دېھقانلارنىڭ ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەر سۈپەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىنى قوللىشى ھەمدە تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى قەرەللىك كۆزىتىپ تۇرۇشى لازىم.

    59 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، كىچىك ۋادىلارنى ھەر تەرەپلىمە تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، سۇ – تۇپراق ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تىزگىنلىشى لازىم. سۇ – تۇپراق ئېقىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللىنىشى ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش پەيدا قىلىدىغان سۇ – تۇپراق ئېقىپ كېتىشنى تىزگىنلەشكە مەسئۇل بولۇشى شەرت.

    ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، يەرنىڭ قۇملىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە قۇملىشىپ كەتكەن يەرنى ياخشىلىشى لازىم. گوۋۇيۈەن ۋە يېرى قۇملىشىپ كەتكەن جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشى ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويۇشى لازىم.

    60 – ماددا دۆلەت ئومۇمىي خەلق مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئاممىنى كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، ئورمان يېرى ۋە ئورماننى قوغداش، ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئورماندىكى كېسەل، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە تەشكىللىشى، ئورماننى كەلسە – كەلمەس كېسىش، ئوغرىلىقچە كېسىشنى چەكلەپ، ئورماننىڭ قاپلاش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.

    دۆلەت تەبىئىي ئورماننى قوغداش رايونلىرىدا كېسىشنى مەنئى قىلىش ياكى كېسىشكە چەك قويۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئورمان بىنا قىلىش ۋە ئورماننى قوغداشنى كۈچەيتىدۇ.

    61 – ماددا ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئوتلاق قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، دېھقانلار (چارۋىچىلار) ۋە دېھقانچىلىق (چارۋىچىلىق) ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى سۇنئىي ئوتلاق، ئوت – چۆپ بازىسى قۇرۇش ۋە تەبىئىي ئوتلاقنى ياخشىلاشقا يېتەكلەپ ۋە تەشكىللەپ، چارۋىنى ئوت – چۆپكە قاراپ بېكىتىپ، چارۋا سىغىمچانلىقىنى تىزگىنلەش، رايون بويىچە نۆۋەتلەشتۈرۈپ بېقىش، بېقىشنى توختىتىپ تۇرۇش ۋە بېقىشنى مەنئى قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى قوغدىشى، ئوتلاقنىڭ چېكىنىشى، قۇملىشىشى ۋە شورلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم.

    62 – ماددا ئورمان، ئوتلاقنى بۇزۇپ يەر ئېچىش، تاغنى ئۆرتەپ يەر ئېچىش شۇنىڭدەك دۆلەت ئېچىشنى مەنئى قىلغان يانتۇلۇقتا يەر ئېچىش مەنئى قىلىنىدۇ، ئېچىلغان يەرنى تەدرىجىي ھالدا تېرىلغۇدىن ئورمانغا ۋە ئوتلاققا قايتۇرۇش كېرەك.

    كۆل ياقىلاپ ئېتىز بەرپا قىلىش شۇنىڭدەك دۆلەت دائىرىلەپ ئېچىشنى مەنئى قىلغان سۇلۇق يەرنى دائىرىلەپ يەر ئېچىش مەنئى قىلىنىدۇ. دائىرىلەپ ئېچىلغانلىرىنى پەيدىنپەي تېرىلغۇدىن كۆلگە ۋە سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش كېرەك.

    گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان يىرىك پىلان دائىرىسىدە، تېرىلغۇ يەرنى بوشاتقان دېھقانلارغا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ياردەم پۇل بېرىش كېرەك.

    63 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، بېلىق تۇتۇشقا چەك قويۇش، تۇتۇشنى مەنئى قىلىش، تۇتۇشنى توختىتىپ تۇرۇش تۈزۈمىنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىپ، بېلىقچىلىق بايلىقىنى كۆپەيتىشى، بېلىقچىلىق سۇ رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسرىشى لازىم.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار