ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىرانسپورتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىغا ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك . ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى رەسمىيەتنى ئاددىيلاشتۇرۇشى، يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇشقا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش قوراللىرىنى تۇتۇپ قېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
29 – ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى ۋە يېمەكلىك سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش سانائىتى ۋە يېمەكلىك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ رايونلار بويىچە مۇۋاپىق جايلىشىشىغا ۋە كۆلەم قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى ۋە يېزا – بازار كارخانىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلىشىغا ۋە ئۇنىۋېرسال تەرەققىي قىلدۇرۇپ پايدىلىنىشىغا يۆلەك بولۇشى كېرەك.
دۆلەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى بېكىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش ۋاسىتىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش جەريانىدىكى سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
30 – ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت – ئېكسپورت سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.
دۆلەت خەلقئارا بازار تەتقىقاتى، ئۇچۇر ۋە ماركېتىڭ مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش – سېتىش تەرتىپىنى ۋە ئادىل سودىنى قوغداش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىمپورتىدا سىگنال بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ، بەزى ئىمپورت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى دۆلەت ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىغا زور پايدىسىز تەسىر كۆرسەتكەندە ياكى كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغاندا، دۆلەت زۆرۈر تەدبىر قوللانسا بولىدۇ.
5 – باب ئاشلىق بىخەتەرلىكى
31 – ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى قوغدايدۇ ۋە ئۆستۈرىدۇ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
دۆلەت تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئاساسىي ئېتىزنى قانۇن بويىچە ئالاھىدە قوغدايدۇ.
32 – ماددا دۆلەت ئاشلىق چىقىدىغان ئاساسلىق رايونلارنى سىياسەت، مەبلەغ، تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردە نۇقتىلىق يۆلەپ، مۇقىم تاۋار ئاشلىق بازىلىرىنى قۇرۇپ، ئاشلىقنى يىغىپ ساقلاش، پىششىقلاش ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاپ، ئاشلىق چىقىدىغان ئاساسلىق رايونلارنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش سەۋىيەسىنى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ.
دۆلەت ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان جايلار بىلەن ئاشلىق كۆپ سېتىلىدىغان جايلارنىڭ مۇقىم سېتىۋېلىش – سېتىش ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىنى قوللايدۇ.
33 – ماددا ئاشلىقنىڭ بازار باھاسى زىيادە تۆۋەن بولغاندا، گوۋۇيۈەن بىر قىسىم ئاشلىق تۈرلىرىدە قوغدالما باھا تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلسا بولىدۇ. قوغدالما باھانى دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشقا، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە بېكىتىش لازىم.
دېھقانلار ئاشلىقنى قوغدالما باھا تۈزۈمى بويىچە ساتقاندا، دۆلەت ھاۋالە قىلغان سېتىۋالغۇچى ئورۇنلارنىڭ رەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مالىيە، پۇل مۇئامىلە تارمىقى قاتارلىق تارماقلارنى شۇنىڭدەك دۆلەت ھاۋالە قىلغان سېتىۋالغۇچى ئورۇنلارنى ئاشلىق سېتىۋېلىش مەبلىغىنى ۋاقتىدا، يېتەرلىك تەييارلاشقا تەشكىللىشى كېرەك، ھەرقانداق تارماق، ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئۇنى قىسىپ قېلىشىغا ياكى ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
34 – ماددا دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكى سىگنال تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تەدبىر قوللىنىپ، ئاشلىق تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. گوۋۇيۈەن ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىشانى ۋە ئاشلىقنىڭ زاپاس مىقدار كۆرسەتكۈچىنى بېكىتىشى ھەمدە ئېھتىياجىغا قاراپ، ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلارنى تەشكىللەپ، تېرىلغۇ يەر ۋە ئاشلىق زاپىسىنى ئېنىقلىشى لازىم.
دۆلەت ئاشلىقنى مەركەزنىڭ ۋە يەرلىكنىڭ زاپاس ساقلاش، تەڭشەش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، ساقلاش، توشۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ. دۆلەتنىڭ ئاشلىقنى زاپاس ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كارخانىلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە زاپاس ئاشلىقنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
35 – ماددا دۆلەت ئاشلىق خەۋپ – خەتەر فوندى تەسىس قىلىپ، ئاشلىقنى زاپاس ساقلاش، ئاشلىق بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئىشلىرىنى قوللاشقا ئىشلىتىدۇ.
36 – ماددا دۆلەت ئاشلىقنى قەدىرلەش ۋە تېجەشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ خەلقنىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسىنى ياخشىلايدۇ.
6 – باب يېزا ئىگىلىكىگە سېلىنما سېلىش ۋە ئۇنى قوللاش، قوغداش
37 – ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيەدىن سېلىنما سېلىش، باجدا ئېتىبار بېرىش، پۇل مۇئامىلىدە قوللاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، مەبلەغ سېلىنمىسى، پەن تەتقىقات ۋە تېخنىكا كېڭەيتىش، مائارىپ، تەربىيەلەش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى تەمىناتى، بازار ئۇچۇرى، سۈپەت ئۆلچىمى، پىرىيوم، كارانتىن، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت ھەمدە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش – ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا يۆلەك بولىدۇ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدۇ.
دۆلىتىمىز تۈزۈشكەن ۋە قاتناشقان ئالاقىدار خەلقئارا شەرتنامىلەرگە زىت كەلمىگەن ئەھۋالدا، دۆلەت دېھقانلارغا كىرىم مەدەت سىياسىتىنى يۈرگۈزىدۇ، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.
38 – ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك سېلىنمىسىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى پەيدىنپەي ئۆستۈرىدۇ. مەركەز مالىيەسى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك مالىيەنىڭ ھەر يىلى يېزا ئىگىلىكىگە سالىدىغان ئومۇمىي سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى شۇ دەرىجىلىك مالىيە دائىملىق كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مالىيە خامچوتىدا ئورۇنلاشتۇرغان يېزا ئىگىلىك مەبلەغلىرىنى ئاساسلىقى مۇنۇلارغا ئىشلىتىشى كېرەك: يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى قوللاپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى قوغداپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن، يۇقۇم مۇداپىئە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھايۋانات يۇقۇملۇق كېسىلى ۋە ئۆسۈملۈكلەردىكى كېسەل، ھاشارات، ئوت – چۆپ، چاشقان زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى كۈچەيتىش؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى، پىرىيوم قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش سىستېمىسى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى ۋە ئۇچۇر مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقاتى، مائارىپى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ۋە دېھقانلارنى تەربىيەلەشنى قوللاش؛ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا يۆلەك بولۇش؛ دېھقانلارنىڭ كىرىم سەۋىيەسىگە كاپالەتلىك قىلىش.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك مالىيەلەر دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق، ئېتىز– ئېرىق سۇ ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغان يېزا ئىگىلىك ئاساسىي قۇرۇلۇش سېلىنمىسىنى بىرتۇتاش غەملەپ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ماسلاشتۇرۇپ ئاشۇرۇشى كېرەك.
دۆلەت غەربىي رايوننى ئېچىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، غەربىي رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش سېلىنمىسىنى ئاشۇرىدۇ.
39 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەر يىلى مالىيە خامچوتىدا ئورۇنلاشتۇرغان يېزا ئىگىلىك مەبلىغىنى ۋاقتىدا، تولۇق ئاجرىتىپ بېرىشى لازىم. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك مەبلىغىنى تەقسىم قىلىش، ئىشلىتىش جەريانىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، مەبلەغ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى، مەبلەغ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]