-
2011-04-24
ئولتۇرۇپ مەن بىلەن يىغلايالامسەن؟ - [ئارامگاھ]
ئولتۇرۇپ مەن بىلەن يىغلايالامسەن؟
مۇزىكا بىلەن سۈرەت، شېئىر دىكلىماتسىيەسى تولىمۇ كۈچلۈك تەسىر كۈچى پەيدا قىلغان. ھاياجاندىن شېئىرىي تۇيغۇدا ياندىم. «ئولتۇرۇپ مەن بىلەن يىغلايالامسەن؟» نەقەدەر شېئىرىي گەپ ھە؟!! قېنى تېڭشاپ بېقىڭ!
ئايلانسام گەر نۇرسىز يۇلتۇزغا،
كۆككە قاراپ مېنى ئىزدەمسەن؟
تىزلىرىمنى قۇچاقلاپ بىر كۈن،
تۈگۈلۈپ قالسام كۆڭلىڭ بۇزامسەن.ئۈششۈك تىگىپ مۇزلىسام ئەگەر،
مىھرىڭ بىلەن باغرىڭ ياقامسەن؟
يارىلىرىمنى تېڭىپ قولۇڭدا،
ئولتۇرۇپ تەڭ كۆز ياش تۆكەمسەن؟ -
تۈركىيەسەنئەتچىلىرى ئورۇنلىشىدا ئۇيغۇرچە ناخشا ـ ئالتۇن تارتايمۇ
بۇ سىن فىلىمدە تۈركىيەنىڭ بىر سەنئەت پروگراممىسدا ئېيتىلغان ئۇيغۇر خەلق ناخشىسى «ئالتۇن تارتايمۇ»نىڭ ئۆزگىچە يەنە بىر جۇلاسى چاقنىغان. فىلىم بېشىدىكى رىياسەتچىنىڭ سۆزلىرىدىن كىشى قەلبى لەرزىگە كېلىدۇ. ئاۋۋال ئەزەربەيجان خەلق ناخشىسى ئاندىن ئۇيغۇر خەلق ناخشىسى «ئالتۇن تارتايمۇ» ئېيىتلىدۇ. «بىزنى بىز قىلغان بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز. تىلىمىز ھەر خىل بولسىمۇ، دىلىمىز بىردۇر» دېگەن كەلىمىلەرگە سىڭىپ كەتكەن قېرىنداشلىق تۇيغۇسى بىزنى سۆيۈندۈرىدۇ. ئۇلارغا ھەم ئاسانلىق بولسۇن. قېنى تېڭشاپ بېقىڭ!
-
2011-04-24
تۈركىيە ناخشىسى ـ ئۇزۇن بىر تار كوچىدىمەن - [ئارامگاھ]
تۈركىيە ناخشىسى ـ ئۇزۇن بىر تار كوچىدىمەن
بۇ ناخشىنى تۈركىيە فىلىمى «بۆرىلەر ۋادىسى - پىستىرما»دا باش پىرسۇناژ پولات ئەلەمدارغا يانداش بەرگەن بولۇپ، فىلىمدا ئاجايىپ كەيپىيات ياراتقانىدى. بۇ سىن فىلىمدە بۇناخشىنى تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سەنئەتچىلەر ئورۇندىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، قارىغاندا بۇ ناخشىنىڭ تۈركلەر ئارىسىدىكى تەسىرىنى نامايەن قىلسا كېرەك. قېنى تېڭشاپ بېقىڭ!
-
تۈركىيە سەنئەتچىلىرى ئورۇندىغان ئۇيغۇرچە ناخشا ـ ھەسرەت چەكتىم
بۈگۈن تور ئارىلاۋىتىپ تۈركىيە سەنئەتچىلىرى ئورۇندىغان «ھەسرەت چەكتىم» دېگەن ئۇيغۇر خەلق ناخشىسىنىڭ سىن فىلىمىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئۇيغۇر سەنئەتچىلەر ئېيىتقىنى بىلەن ئۇلارنىڭ ئېيىتقىنىنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆزگىچە تەمى بولىدىكەن. قېنى تېڭشاپ بېقىڭ!
-
2011-04-24
ئۆزبىكىستاندىكى ئۈچ گۆھەرنىڭ بىرى – سەمەرقەند - [ئارامگاھ]
ئۆزبىكىستاندىكى ئۈچ گۆھەرنىڭ بىرى – سەمەرقەند
ئۇشبۇ سىن فىلىمدە ئۆزبىكستاندىكى ئۈچ گۆھەرنىڭ بىرى دەپ تەرىپلىنىدىغان مەدەنيەت مەركىزى سەمەرقەنددىكى ئەسىرلەردىن بىرى ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇلۇغبەگ مەدرىسى(15-ئەسىرگە تەۋە)، تىلليە قارى مەدرىسى(15-ئەسرگە تەۋە)، بى بى خانىم مەسچىتى(14-، 15-ئەسىرگە تەۋە)، ئۇلۇغبەگ رەسەتخانىسى(15-ئەسىرگە تەۋە) تارىخىي ئىزلار، شۇنداقلا ئۆزبىكىستاندىكى ھەر كەسىپ ساھەلەردىكى ھۈنەرۋەن، كاسىپلارنىڭ تۇرمۇشى قىسقىچە ئەكىس ئەتكەن. قېنى ئارام ئالغاچ ئۇشبۇ مەدەنىيەت گۆھەرلىرىدىن ھوزۇر ئېلىڭ!
-
2011-04-23
«يېڭىچە ساۋاتسىزلىق»: جۇڭگۇدا «خەنزۇ تىل – يېزىق بايرىمى» تەسىس قىلىش كېرەكمۇ ؟!! - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]
«يېڭىچە ساۋاتسىزلىق»: جۇڭگۇدا «خەنزۇ تىل – يېزىق بايرىمى» تەسىس قىلىش كېرەكمۇ ؟!!
شىنخۇا ئاگىنتلىقىنىڭ 22-ئاپرىل شىئەن خەۋىرى: بۈگۈنكى كۈندە خەت – چەكنىڭ ئورنىنى ئېلخەت، كۈندىلىك خاتىرىنىڭ ئورنىنى بلوگ، قەلەمنىڭ ئورنىنى كومپىيۇتېر كونۇپكا تاختىلىرى ئىگەللىمەكتە. شۇ سەۋەبتىن بىر تۈركۈم كىشىلەر خەنزۇچە خەت يېزىشنى ئۇنتۇپ قېلۋاتىدۇ. بەزىلەر خەنزۇ تىل – يېزىق مەدەنىيىتى يوقاپ كېتىۋاتىدۇ دېگەن قاراشنى ياقىلىماقتا
-
«ئادانالىق ساقچى باشلىقى» فىلىمىنىڭ ئاساسىي ناخشىسى (ئۇيغۇرچە خەتلىك)
يېقىنقى بىر ئىككى يىلدىن بۇيان تۈركىيە فىلىملىرىنىڭ بىزدىكى كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرىلاپ، ئالاھىدە قىزغىنلىق شەكىللەندۈردى. «ئادانالىق ساقچى باشلىقى» فىلىمى ئەنە شۇنداق قىزغىنلىق قوزغاۋاتقان فىلىملەرنىڭ بىرى.
-
2011-04-23
مۇھەممەتئىلى زۇنۇن تەشنائى بىلەن سۆھبەت _2 - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]
مۇھەممەتئىلى زۇنۇن تەشنائى بىلەن سۆھبەت -2
قەلەم سەۋدالىقىدىكى « ساراڭلىقلار»
ئارامغا چىققۇچە تۆت شېئىرلار توپلىمى ، ئىككى ھېكايە ـ پوۋېستلار توپلىمى ، ئۈچ سەھنە ئەسەرلىرى توپلىمى قاتارلىق توققۇز توپلام چىقىرىپ ، ئوندىن ئارتۇق تېلېۋىزىيە سەنئەت تىياتىرى ، تېلېۋىزىيە سەنئەت فىلىملىرى ، نەچچە يۈزلىگەن ناخشا ـ لەپەرلەر يازغان تەشنائى ئەپەندى ئارامغا چىقىپ ، يەنە بىر چوڭ ئەدىبىي ئەسلىمە ، ئۈچ تېلېۋىزىيە تىياتىرى ، ئۈچ ئوپېرا، نۇرغۇنلىغان سەنئەت فىلىملىرى ۋە كۈي نەزمىلىرى ئىجاد قىلىپتۇ .
-
2011-04-23
مۇھەممەتئىلى زۇنۇن تەشنائى بىلەن سۆھبەت _1 - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]
مۇھەممەتئىلى زۇنۇن تەشنائى بىلەن سۆھبەت
قوشاقچى بالا ، دۇئاگوي ئانا
دۆلەتلىك 1 ـ دەرىجىلىك دراماتۇرگ ، ئاتاقلىق شائىر مۇھەممەتئىلى زۇنۇن ئەپەندى بىر قېتىملىق قاتتىق ئاغرىق تۈپەيلى ئاۋازى پەسىيىپ ، جاراڭلىق ھالىتىىنى يوقىتىپ قويغان بولسىمۇ ، سۆزى راۋان ھەم مەنتىقىلىق ئىدى . ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ يېرىمىنىلا ئاڭلاپ ئولتۇرساممۇ ، تەكرار سوئال قويۇۋىرىشنى بىئەپ كۆرۈپ ، دىققىتىمنى يىغىپ ، زەن قويۇپ تېڭشاشقا تىرىشاتتىم .
-
ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 4 (تەشبىھ)
تەشبىھ − شەرق ئەدەبىياتىدا كەڭ تارقالغان سەنئەتلەردىن بىرى بولۇپ، «ئوخشىتىش» مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىككى نەرسە ياكى چۈشەنچىنى ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى ھەقىقىي(رېئال) ياكى مەجازىي مۇناسىۋەتلەرگە ئاساسەن ئوخشىتىش سەنئىتىدۇر.
-
ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 3 (مۇبالىغە)
مۇبالىغە تەبلىغ، ئىفراق، غۇلۇۋۋ دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ.
تەبلىغ ئەقلەن ئىشىنىش مۇمكىن بولغان، ھاياتتا ھەم يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان مۇبالىغىلەردۇر.
ئەلىشىر نەۋايىنىڭ «كەلمىدى» رادىفلىق غەزىلىدىكى:
-
2011-04-21
بىزنىڭكىسى بىر ئاشىق ھېكايسى - [ئارامگاھ]
ھاياتتا ھېكايىلەر ناھايىتى كۆپ بولىدۇ. ئەمما شۇ ھېكايىلەرنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن ئاشىقنىڭ ھېكايىسى بەكرەك كىشىنىڭ كۆڭلىنى تارتىدۇ. تۆۋەندىكى ناخشىنى سۆيۈپ تۇرۇپ ئاڭلايمەن. ھەر ئاڭلىسام دىلىم سۆيۈنىدۇ. قېنى سىزمۇ ئاڭلاپ بېقىڭ.
-
شېئىرىي سەنئەتلەر
مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا بەدىئيات مەسىلىسى ھەمىشە شېئىر ئەھلىنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇپ كەلگەن. ئۇ ياكى بۇ ئىجادكارنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدە سۆز بولغاندا، ئۇنىڭ نېمىلەرنى تەسۋىرلىگەنلىكى ئەمەس، ئاساسەن قانداق تەسۋىرلىگىنىگە ئىتىبار بېرىلگەن.
-
2011-04-20
شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ ـ 1 - [رەشىد ئەدەبىي تەرجىمىلىرى]
شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ ـ 1
ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ
«شەرق» نەشرىيات-مەتبەئەسى ھەسسىدارلىق شىركىتى باش تەھرىراتى
تاشكەنت 2001-يىل
قولىڭىزدىكى كىتابچە كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا كەڭ قوللىنىلغان شېئىرىي سەنئەتلەر، ئارۇز ۋە قاپىيە ئىلمىدىن دەسلەپكى ئىخچام مەلۇمات بېرىشنى مەقسەت قىلغان.
-
2011-04-17
شېئىرىي تىل ۋە سۆز——3 - [ئەدەبىيات نەزىرىيىسى]
سۆزلەرنىڭ مەنە پۈتۈمى ھەققىدىكى تەتقىقات غەرب تىلشۇناسلىقىدا قۇرۇلمىزىم، تىل پىسخولوگىيىسى، سەنئەت لوگېكىسى قاتارلىق پەن ئېقىملىرىدىن پايدىلانغان ئاساستا ئۆزىگە خاس مېتودنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بۇ خىل مېتودنىڭ يەنە بىر يۈزى يەنىلا شېئىرىي تىل ئارقىلىق ئاشكارىلىنىدىغان مەنە ئېھتىماللىقىنى ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى قىلىپ تاللىۋالغان. بۇ خىل شېئىرىي ئىستراتېگىيە بىزگە ئارگېنتىنالىق مەشھۇر شائىر، يازغۇچى ۋە تەرجىمان ــ بورخېس (Jorge Luis Borges, 1889 - 1986) نىڭ «ئەتىرگۈل» ناملىق شېئىرىنى ئەسلىتىدۇ:
-
2011-04-17
شېئىرىي تىل ۋە سۆز——2 - [ئەدەبىيات نەزىرىيىسى]
ۋەھالەنكى، «تىل پارچىلاش ھەرىكىتى» دە تۇرغۇچىلار، ئەنئەنىۋىي قىممەتلەرنىڭ بىردىنبىر ھامىيسى سانالغان كونا كىملىك ياكى مەۋجۇت ھەقىقەتنى يېڭى تىل مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق بېزەيدۇ، ئۇلارغا ۋىجدانەن جاۋاب قايتۇرىدۇ. ئۇلار قارىماققا، ئۆزىنى تىلغا تولۇق تاپشۇرغاندەك قىلغان بىلەن، شېئىردا ھەرگىز غايىپ بولمايدۇ. ھەربىر مىسرا، ھەر بىر سۆزدە ئۇلارنىڭ ۋاسىتىگە ئايلانغان ھېسسىياتى ياكى ماشىنىلاشقان ئەقلى ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئوقۇرمەننى پىكىر قىلىشتىن، تۇيۇشتىن مەھرۇم قالدۇرۇپ، ئۆزىگە تەۋەلەندۈرۈپ ماڭىدۇ.
-
2011-04-16
شېئىرىي تىل ۋە سۆز——1 - [ئەدەبىيات نەزىرىيىسى]
شېئىرىي تىل ۋە سۆز
ئوسمانجان مۇھەممەت پاسئان
(ماقالە)
رەشىدتىن ئىلاۋە: مەزكۇر ماقالىنى بۈگۈن تور ئارىلاۋىتىپ ئۇچرىتىپ قالدىم. ياش قەلەمكەش ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئاننىڭ ئىزدىنىشىگە مەنسۇپ ماقالىنىڭ تېمىسى بىزنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى ئويلىنىشلىرىمىزغا تۈرۈتكە بولىدۇ. قېنى شېئىر ھەققىدىكى تەلقىنلىرىمىز ئۈزۈلمىگەي.
-
2011-04-16
ھايات تىترەپ كەلمەكتە تۈندىن - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
-
2011-04-15
كوچىلار تەنھالىق لىق تولغان ئېقىن - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
كوچىلار تەنھالىق لىق تولغان ئېقىن
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
كوچىلار تەنھالىق لىق تولغان ئېقىن،
شۇنچىلىك بىمەززە قاراش ئۆزگىگە.
خىيالىم بېغىدا تامچە شەبنەم مەن،
سەن خۇشبۇي گۈلۈمنىڭ يارقىن بەرگىدە.
-
2011-04-14
ھەبىبۇللا مىجىت : قەيسەر تۇرسۇننىڭ شېئىر ئىجادىيىتى ھەققىدە_4 - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]
قەيسەر تۇرسۇن شىئېرلىرىدا ماھىرلىق بىلەن قوللىنىلغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ بىرسى، تەكرارلاشتۇر. ھەر قانداق بىر شىئېردا تەكرارلاش ئۈنۈملۈك، ئۆز جايىدا قوللىنىلسا، ئېنىقكى شىئېرغا باشقىچە بەدىئى گۈزەللىك ۋە ئوتلۇق جەزىبە بېغىشلايدۇ.
ئەسلەش دىگەن ئۆز-ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش،
ئەسلەش دېگەن تىرىلدۈرۈش ھەممىنى.
قەيسەر تۇرسۇن شىئېرلىرىدىكى ھەر قانداق بىر ئۇقۇرمەن قايىل بۇلىدىغان ئۆزگىچىلىك-زىتلىق ئىچىدىن پەلسەپىۋى پىكىر دۇردانىلىرىنى سۈزۈپ چىقىش.
بىز بۇ يەردە دەۋاتقان زىتلىق، ھەرگىزمۇ شىئېرىي پىكىردىكى لوگىكىغا ئويغۇن كەلمەيدىغان زىتلىقنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى مىسرالار ئوتتۇرىسىدىكى مەنىلەرنىڭ زىتلىقنى كۆرسىتىدۇ. قەيسەر تۇرسۇن بىزدىكى مەزمۇن بىلەن شەكىلنىڭ ئورگانىك بىرلىكى ئۈستىدە ئۇزۇن يىل ئىزدەنگەن شائىرلارنىڭ بىرسى. ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئىدىيەنى ئىپادىلەشتە، شەكىلنىڭمۇ قانچىلىك زور رول ئوينايدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشى تولىمۇ نەتىجىلىك بولغان.