ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-04-20

    شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ2 (مۇبالىغە) - [رەشىد ئەدەبىي تەرجىمىلىرى]

    شېئىرىي سەنئەتلەر

    مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا بەدىئيات مەسىلىسى ھەمىشە شېئىر ئەھلىنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇپ كەلگەن. ئۇ ياكى بۇ ئىجادكارنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدە سۆز بولغاندا، ئۇنىڭ نېمىلەرنى تەسۋىرلىگەنلىكى ئەمەس، ئاساسەن قانداق تەسۋىرلىگىنىگە ئىتىبار بېرىلگەن. جۈملىدىن ئەدەبىي ئەسەرلەردە شېئىرىي سەنئەتلەردىن پايدىلىنىش مەقسىتى ھەممە ئەسەرلەردە بەدىئىي سەنئەتكارلىقنىڭ ئاساسىي تەلەپلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە باھالانغان.

    مەلۇمكى، شېئىرىي سەنئەتلەر بەدىئىي ئەسەردە ئىپادىلەنگەن غايىلەرنىڭ ھاياتىيراق، تەسىرچانراق ئىپادىلىنىشىگە، لىرىك ۋە ئىپىك تىمساللارنىڭ(سىمۋوللارنىڭ) يارقىنراق گەۋدىلەندۈرۈلىشىگە، مىسرالار، بېيىتلەر، بەندلەرنىڭ لەفزىي نەزاكىتى(ئاھاڭدارلىقى)، مۇزىكىلىقى، جەزبىدارلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان.

    مەيلى قايسى شائىر ئىجادىغا ياكى قايسى بەدىئىي ئەسەرگە باھا بېرىشتە ئىجادكارنىڭ غايىسى ئۆز ئەكسىنى تاپقان ئىجتىمائىي-سىياسىي، پەلسەپىۋى-ئەخلاقىي، مەرىپىي-تەربىيەۋى مەسىلىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە كەڭلىكى، بەدىئىي تىمساللارنىڭ جۇلاسى بىلەن بىر ۋاقىتتا، قوللىنىلغان شېئىرىي سەنئەتلەرنىڭ رەڭمۇرەڭلىكى، مەنتىقىي ئاساسلىنىشى، ئەسەر مەزمۇنىنى ئېچىشتىكى ئورنى ۋە ئەھمىيىتى كەبى مەسىلىلەرگە ھەم ئالاھىدە دىققەت قىلىنغان.

    ئەدەبىياتىمىز تارىخىي يەنە شۇنىڭدىن دەلالەت بېرىدۇكى، شېئىرىي سەنئەتلەر شائىر بەدىئىي سالاھىيىتىنى كۆز-كۆز قىلىش، ئۇنىڭ خىلمۇخىل سەنئەتلەردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىش ئۇسۇللىرىنى نامايىش قىلىش ئەمەس، بەلكى ئىجادكار بەدىئىي تەپەككۇرىنىڭ كەڭلىكى، يۈكسەك ئىجتىمائىي-ئەخلاقىي غايىلىرىنى جۇلالاندۇرۇش سەنئەتكارلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ كەلگەن.

    (ئۇيغۇچىلاشتۇرغۇچىدىن: كېيىنكى قىسىملاردا كلاسسىك شېئىرىيەت ئىلىمىدىكى شېئىرىي سەنئەتلەر بىر – بىرلەپ تونۇشتۇرۇلغان.)

    1.مۇبالىغە

    مۇبالىغە - ئەرەب تىلىدا «كاتتىلاشتۇرۇش»، «كۈچەيتىش» مەنىسىنى بىلدۈرۈپ، ئەدەبىي ئەسەردە تەسۋىرلىنىۋاتقان بەدىئىي تىمسالنىڭ ھالىتى ياكى ھەرىكىتىنى ئاشۇرۇپ، كۈچەيتىپ ئىپادىلەش سەنئىتى دېمەكتۇر. بۇ خىل تەسۋىردە بەدىئىي تىمسال خۇسۇسىيەتلىرى تېخىمۇ نەپىس(ياقالراق) نامايەن بولىدۇ. ئوقۇرمەن كۆز ئالدىدا يارقىنراق گەۋدىلىنىدۇ. ئەلىشىر نەۋايىنىڭ

    مېھر ئەمەس، ئاھىم ئوتىدىن كۆككە ئەتمىش بىر شاراب،

    ئەيب ئەمەستۇر گەر دېسەم:«دەم ئۇرسام ئەفلاك ئۆرتىنۇر».

    دېگەن بېيىتىدە ئاشىقنىڭ سۆيگىنىنىڭ پىراقىدا چەككەن ئىزتىراپلىرى يەنىمۇ كۈچەيتىپ تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، كۆكتىكى قۇياش ئاشىق يەردە چەككەن ئاھ ئوتىنىڭ بىر ئۇچقۇنى ئىمىش. بۇ خىل كۆچەيتىلگەن تەسۋىر ئارقىلىق ئاشىق قىياسەن روھى-ھالىتى، ئىچكى دۇنياسى، قەلبىدە مەۋج ئۇرغان ئېھتىراسلىرى تەسۋىرلىنىپ، جەزىبىلىك ئىپادىلەنگەن. ئوقۇرمەن ئەلۋەتتە بۇ خىل تەسۋىرنىڭ شەرتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ، ئۇنىڭ ۋاستىسىدە يارىدىن ئايرىلغان ئىنسان كەچمىشلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسىنى ئەقلەن ئاڭلايدۇ ھەمدە ئاشىق قەلبىنىڭ ئىزتىرابلىرى ھەقىقەتەن ھەم نىھايەت دەرىجىدە كۈچلۈك ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ ھاسىل قىلىدۇ.

    مۇبالىغە تەبلىغ، ئىفراق، غۇلۇۋۋ دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ.

    داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ.

     

     

    ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ 

    «شەرق» نەشرىيات-مەتبەئەسى ھەسسىدارلىق شىركىتى باش تەھرىراتى تاشكەنت 2001-يىل نەشرى

     

    ئۆزبىكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى :

     

     

    ئوبۇلقاسىم مەمەت (شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى فىلولوگىيە  ئىنىستىتۇتى ماگىستېرانتى)

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن (شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ماگىستىرانتى)

    (ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچىدىن: بۇ يەرگە ئىككى ئىلىك قوشۇمچە قىلىدىغىنىمىز، مەزكۇر تەرجىمە تامام بولغان بولسىمۇ، تۈزىتىپ يوللاش، ئوقۇرمەنلىرىمىزگە قەدەممۇ - قەدەم چۈشەنچە بېرىش مەقسىتىدە ھەپتىدە بىر بۆلۈكتىن قىلىپ ئەزىزتۈرك بىلوگىغا يوللىنىدۇ. بۇ تېمىنى باشقا بېكەتلەرگە يوللاش رەت قىلىنىدۇ. )

     

     

     

     

     

    分享到: