ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-04-20

    شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ ـ 1 - [رەشىد ئەدەبىي تەرجىمىلىرى]

    شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ ـ 1 

    ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ

    «شەرق» نەشرىيات-مەتبەئەسى ھەسسىدارلىق شىركىتى باش تەھرىراتى

    تاشكەنت 2001-يىل

    قولىڭىزدىكى كىتابچە كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا كەڭ قوللىنىلغان شېئىرىي سەنئەتلەر، ئارۇز ۋە قاپىيە ئىلمىدىن دەسلەپكى ئىخچام مەلۇمات بېرىشنى مەقسەت قىلغان. ئۇشبۇ نەزەرىيە بىلىملىرىنى پۇختا ئۆزلەشتۈرۈشكە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە يۇقىرى سىنىپلاردا ئۆگىنىلىدىغان ئۆزبىك شائىرلىرىنىڭ ئىجادى 220چە قىيىن سۇئاللار ھەمدە توغرا جاۋابلارنىڭ ئىزاھلىرى بېرىلدى.(بۇ قىسمىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندا قىسقارتىۋەتتۇق. ت)

    بۇ كىتابچە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ھەم ئوتتۇرا مەخسۇس مەكتەپلەر، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەمدە ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقان ئەدەبىيات كەسىپ ئوقۇغۇچىلرىغا ماس كېلىدۇ.

    مۇئەللىفتىن

    مەكتەپلەردە ئۆزبېك ئەدەبىياتىنى سۆز سەنئىتى سۈپىتىدە ئۆگىنىشنىڭ باشلىنىشى، دەرس جەريانىدىكى بەدىئىييەت مەسىلىلىرىگە كۈچەپ ئېتىبار بېرىلىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدىئىييەتتە−شېئىرىي سەنئەتلەر، ئارۇز ۋە قاپىيە ئىلىملىرىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ ئارتىپ بېرىشىغا سەۋەب بولماقتا. بەدىئىي سەنئەتلەر ھەققىدىكى سۇئاللارغا جاۋاب تېپىش بۇ ئىلىملەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشتىكى ئۇسۇللارنىڭ بىرى. بۇ خىل مەشىقلەر داۋامىدا ئوقۇغۇچىلار شېئىرىي سەنئەتلەرنىڭ تۈرلىرى، ھەرقايسى تەسۋىر ۋاستىلىرى(ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلار)نىڭ خۇسۇسىيىتى، ئەسەرلەردىكى ئورنى، لىرىك ۋە ئىپىك تىمساللار(ئوخشىتىشلار)نىڭ تەسۋىردىكى رولى(ئەھمىيىتى)، ئارۇز ۋەزنىگە خاس بەھىرلەر، ۋەزىنلەر، قاپىيە تۈزۈلۈشلىرى ۋە تۈرلىرى، قاپىيە سەنئەتلىرىنى ئاستا رەۋىشتە ۋە ئىزچىل تۈردە ئۆگىنىدۇ. مانا مۇشۇلارنى نەزەردە تۇتقان ھالدا ئۇشبۇ كىتابچىدە كلاسسىك(مۇمتاز) بەدىئىييەت ئىلمى بويىچە سىناق سۇئاللىرى ئۈلگە تەرىقىسىدە دىققىتىڭىزگە سۇنۇلدى.

    كىتابچىدىن ئورۇن ئالغان سىناق سۇئاللىرى 9−10-سىنىپلاردا ئىجادىي ئۆگىنىلىدىغان كلاسسىك(مۇمتاز) ئەدەبىياتىمىزدىكى نامايەندىلەرنىڭ ئەسەرلىرىدىكى شېئىرىي سەنئەتلەر ۋە ئەسەرلەردىكى ۋەزىن ۋە قاپىيە خۇسۇسىيەتلىرىگە دائىردۇر. ئۇلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابلارنى ئېنىقلاش جەريانىدا بەدىئىيەت ئىلمى بويىچە بىلىملىرىنى ئەتراپلىقراق سىناش، نەزەرىي چۈشەنچە ۋە ماھارەتلىرىنى كېڭەيتىپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان. شۇ مەقسەت بىلەن يەنە ئوقۇغۇچىلارغا ھەر خىل بىيىتلاردىكى بىرلا سەنئەتنى ئەمەس، بىر قانچە خىل سەنئەتنى ئېنىقلاش، بىرلا بېيىت، غەزەل ۋە مۇسەددەسنىلا ئەمەس، بىر نەچچە شېئىرىي ئەسەرنىڭ ۋەزنى ياكى قاپىيە ئالاھىدىلىكىنى بەلگىلەشكە ئائىت تاپشۇرۇقلارنى بېرىشنىمۇ مەقسەتكە مۇۋاپىق دەپ قارىدۇق.

    سۇئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلار شېئىرىي سەنئەتلەر، ئارۇز ۋە قاپىيە ئىلىملىرى بويىچە مۇئەييەن بىلىمگە ئىگە بولۇشلىرى شەرت، ئەلۋەتتە. مەكتەپتىكى دەرىسلەر، ئوقۇتقۇچىلار تەۋسىيەلىرىدىن كۆرە، ئۆگەنگەن مەخسۇس ئەسەرلەر بۇ خىل بىلىمنى ھازىرلاشقا(ئەسىلىسى:ھاسىل) ئىمكان بېرىدۇ. كىتابچىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدىئىيەت بويىچە ئىگىلىگەن بىلىملىرىنى مۇستەھكەملەش مەقسىتىدە شېئىرىي سەنئەتلەر، ئارۇز ئىلمى ۋە كىلاسسىك(مۇمتاز) قاپىيەگە دائىر قىسقىچە مەلۇمات بېرىش نىشان قىلىندى.

    سىناق سۇئاللىرىنى ئىشلەش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەزكۇر ساھەدىكى بىلىم ۋە ماھارەتلىرىنى مۇستەھكەملەش مەقسىتىدە ئىزاھلىق جاۋابلار كۆرسەتمىسىنى ئىلاۋە سۈپىتىدە بەردۇق. بۇ كۆرسەتمە ئوقۇغۇچىلار ئېنىقلىغان جاۋابلارنىڭ توغرىلىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشتىن سىرىت، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شېئىرىي سەنئەتلەر، شۇنداقلا ۋەزىن ۋە قاپىيە سەنئەتلىرىدىكى مەلۇماتلارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ بېرىشىغا ياردەم بېرىدۇ دەپ ئويلايمىز. (ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتا پەقەت نەزىرىيە بىلىملىرىلا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى. سىناق سۇئاللىرى قالدۇرۇلدى.)

    داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ.

    ئۆزبىكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى :

    ئوبۇلقاسىم مەمەت (شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى فىلولوگىيە  ئىنىستىتۇتى ماگىستېرانتى)

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن (شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ماگىستىرانتى)

    (ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچىدىن: بۇ يەرگە ئىككى ئىلىك قوشۇمچە قىلىدىغىنىمىز، مەزكۇر تەرجىمە تامام بولغان بولسىمۇ، تۈزىتىپ يوللاش، ئوقۇرمەنلىرىمىزگە قەدەممۇ - قەدەم چۈشەنچە بېرىش مەقسىتىدە ھەپتىدە بىر بۆلۈكتىن قىلىپ ئەزىزتۈرك بىلوگىغا يوللىنىدۇ. بۇ تېمىنى باشقا بېكەتلەرگە يوللاش رەت قىلىنىدۇ. )

     

     

     

    分享到: