قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
«قۇربان» سۆزى «قۇربانلىق قىلىش» مەنىسىدە بولۇپ، قۇربان ھېيت ھىجرىيە بويىچە زۇلھەججە ئېيىنىڭ 10-كۈنى يەنى ھەج تاۋاپنىڭ ئاخىرقى كۈنى بولىدۇ. ئۇيغۇرلاردا روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت، بولۇپمۇ قۇربان ھېيىت مۇناسىۋىتى بىلەن، باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش مۇراسىم ۋە ئادەتلەردىن سىرت، نۇرغۇن ئېسىل ئەنئەنە ۋە ياخشى ئادەتلەر شەكىللەنگەن.
ھېيتتىن بۇرۇن ھەممە ئائىلىدە چوڭ تازىلىق قىلىدۇ، ھويلا-ئارامنى پاكىزلايدۇ، ئائىلە ئەزالىرى ئىمكان بار بىرەر قۇردىن يېڭى كىيىم كىيىدۇ ياكى يېڭىراق كىيىملەرنى يۇيۇپ ھېيتلىق كىيىم قىلىدۇ، بولۇپمۇ كىچىك بالىلارغا يېڭى كىيىم قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنى چىرايلىق ياساندۇرۇپ قويىدۇ، ھېيت-ئايەم كۈنلىرى ئۆز-ئارا ھېيتلىشىدۇ، ئۇرۇق-تۇغقان، ئەل-ئاغىينە ۋە قولۇم-قوشنىلار ئارىسىدا ئازارلىشىپ يۈرگۈچىلەر ھېيىت-ئايەم مۇناسىۋىتى بىلەن بىر-بىرىنىڭ ئۆيىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھېيتلاپ كىرىپ، ئوتتۇرىدىكى ئاداۋەتلەرنى يۇيۇپ تاشلايدۇ ھەمدە ياخشىلىشىپ قالىدۇ. ئۇرۇق-تۇغقانلار شۇ ئائىلىدىكى كىچىك بالىلارغا ھېيتلىق تۇتقۇزۇپ قويىدۇ، بۇ بايرام ھازىر مىللىي بايرامغا ئايلىنىپ قالدى. شۇڭا، مۇسۇلمانلارنىڭ خۇشال-خۇرام ھېيت ئۆتكۈزۈۋېلىشى ئۈچۈن، ئارامغا قويۇپ بېرىش قانۇنلۇق بولۇپ قالدى.
(ئەسلى مەنبەسى: شەمشىدىن ھاجى، مىلادىيە ۋە ھىجرىيە كالېندارى سېلىشتۇرمىسى، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2008-يىل بېيجىڭ)
مەنبە: ئالىم ئەھەت بىلوگى