دېلو تۈرلىرىدىن ئەخلاق كىرزسىمىزگە نەزەر

تۇنياز ئوسمان
نەچچە يىل بۇرۇن ئۇيغۇرلار يېڭى ئەسىرگە قانداق ھالەتتە كىردۇق دېگەن مەنىدە مۇنازىرىلەر بولغانلىقى ئېسىمدە. مەيلى نېمە تالىشايلى، بىر نەرسە ئايانكى ئۆزىمىزنى يېتەرلىك دەرىجىدە تونۇپ يەتمەي تۇرۇپلا؛ يېڭى  ئەسىرنىڭ قانداق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى چۈشىنىپ ئۈلگۈرمەي تۇرۇپلا؛ يېڭى ئەسىردە ئۆزىمىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىمىز ئۈستىدە ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىپ بولماي تۇرۇپلا، تەييارلىقسىز بىر ھالەتتە يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويدۇق.  يېڭى ئەسىر باشلانغاندىن كېيىن ئۇنى تەبرىكلەپ، مەدھىيىلەپ ناخشا- ئۇسۇل ئۇقۇپ كەلسەكمۇ، قارىغۇلارچە  ئۈمىدلىنىپ كەتسەكمۇ، داۋامىنى ئوقۇي

كاتېگورىيە: نادىر ماقالىلار | خەتكۈش: | ئىنكاس يازاي

ئەنئەنىۋى مېھماندارچىلىق

ئاپتورى: ئەزىز نەسىن

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: چوپانىي

 ئىستانبۇلنىڭ ئەتراپىدىكى بىر شەھەردە بىر كىتابپۇرۇش دوستۇم بار ئىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن دەسلەپ مەكتۇپلىشىپ تونۇشقان، ھازىرغىچە مەكتۇپلىشىپ كېلىۋاتىمىز. ئۇنىڭ مەكتۇپلىرىدىن بىلىشىمچە، ئۇ ئىلغار پىكىرلىك بىر ياش ئىدى. ھەر يىلى باھار كەلگەندە ئۇ مېنى كىتابپۇرۇشلۇق قىلىدىغان شەھەرگە مېھمانغا چاقىراتتى. مەن ئۇنىڭغا ئىشلىرىمنىڭ كۆپلۈكىنى ھەم ھارغىنلىقىمنى، شۇڭا بارالمايدىغانلىقىمنى ئېيتىپ مەكتۇپ يازاتتىم. شۇنداقتىمۇ ئۇ مېنى تەكلىپ قىلىشتىن پەقەتلا ۋاز كەچمەيۋاتاتتى. ئۇمۇ مەكتۇپىدا ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ مەن بىلەن تونۇشۇشقا تەشنا ئىكەنلىكلىرىنى، شۇ سەۋەبتىن مېنى زارىقىپ كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى يازاتتى. راستىنى ئېيتقاندا، ماڭا ناتونۇش بولغان ئۇ شەھەرگە مېنىڭمۇ بەكمۇ بارغۇم، بېرىپ ئۇ يەردە بىر – ئىككى كۈن تۇرۇپ كەلگۈم بار ئىدى. ئەمما ئىشلىرىمنىڭ جىقلىقىدىن پەقەتلا ۋاقىت چىقىرالمايۋاتاتتىم. داۋامىنى ئوقۇي
كاتېگورىيە: ئەدەبىي ئەسەرلەر | ئىنكاس يازاي

ئۇيغۇر مىللىتى

ئۇيغۇرلار ئېلىمىزدە ياشىغۇچى قەدىمقى مەدەنىيەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى.
ئۇيغۇرلار خەنزۇ تارىخنامىلىرىدە «يۈەنخې»، «چۇخۇ»، «ۋېيخې»،«خۇيخې»«خۇيگۇ(خۇيخۇ)» قاتارلىق ناملار بىلەن ئتالغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ 96.2 پىرسەنتى ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ؛ نۇپۇسى 7 ىليۇن 194 مىڭ؛ قالغان قىسمى قازاقىستان (186مىڭ)، ئۆزبېكىستان (36 مىڭ)، قىرغىزىستان (30مىڭ) جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى (50 مىڭ)، تۈركىيە قاتارلىق داۋامىنى ئوقۇي

كاتېگورىيە: ئۆزلۈك ۋە كىملىك | ئىنكاس يازاي

يىللارغا جاۋاپ (لۇتپۇللا مۇتەللىپ)

يىللارغا جاۋاب

ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،
يىللار شۇ ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.
ئاققان،سۇلار،ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،
يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى. داۋامىنى ئوقۇي

كاتېگورىيە: ئەدەبىي ئەسەرلەر | ئىنكاس يازاي

مۇئەلىممەن (تاھىر قاسىم)

مېنى شۇنداق ئاتايدۇ ئەل، مۇئەللىمدۇر ئاتاق نامىم،
تەسەددۇق ئەل-ۋەتەن، پەرزەنتلىرىگە بۇ ئەزىز جانىم.
قاراڭغۇ دىلنى يورۇتماق، ئۈچۈن يانغاچ ئۆمۈر شامىم،
نادانلىققا مىنۇت تاقەت، قىلالماس قىلچە ۋىژدانىم،
شۇڭا مۇنبەردە جان بەرمەك، ئەبەتلىك ئارزۇ ئارمانىم. داۋامىنى ئوقۇي

كاتېگورىيە: ئەدەبىي ئەسەرلەر | ئىنكاس يازاي

ياشنىسۇن ، گۈللىسۇن، ئۇيغۇر تىلى

ياشنىسۇن ، گۈللىسۇن ئۇيغۇر تىلى
ئابدۇرېھىم زۇنۇن

بىل شۇنى ، ئۇيغۇر ئۈچۈن پۇتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى،  
مەڭگۇ پاتماس زەر قۇياش ، نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى،  
بىپايان تىل كۆكىدە چولپان ، ئۈكەر ئۇيغۇر تىلى،  
مەنىلەرگە باي ، تېرەندۇر شۇ قەدەر ئۇيغۇر تىلى ،  
بولدى تارىختىن بېرى بىزگە پەدەر ئۇيغۇر تىلى.   داۋامىنى ئوقۇي

كاتېگورىيە: ئەدەبىي ئەسەرلەر | ئىنكاس يازاي

ئاقسۇغا كاۋىچى لەقىمىنىڭ قۇيۇلۇشى

ئاقسۇ قۇمباشقا كاۋىچى دېگەن لەقەمنىڭ قۇيۇلۇشى ھەققىدە ئۇلۇغ شائىرىمىز موللا شاكىر «زەپەرنامە»دە مۇنداق شېئىرى بايانلارنى قىلغان.

بۇ قۇمباش دېگەن كەنتىدە بىر دېھقان،
تېرىلغۇ زىرائەت قىلىپ ئۇل زامان.
تېرىپ ئەردىلەر بىر ئېتىزغا قۇغۇن،
ئاڭا تەربىيە ئەيلەدى كۈن-تۈن،
چۈشۈپتۇ ئېتىزدا ئىككى كاۋا زور داۋامىنى ئوقۇي

كاتېگورىيە: ئۆزلۈك ۋە كىملىك | ئىنكاس يازاي

ئوغۇزنامە

….ئاشۇنداق بولسۇن دىيىشتى. ئۇنىڭ تۇرقى مانا مۇنداق: ( بۇقىنىڭ رەسىمى سىزىلغان)، شۇندىن كېيىن شادلىققا مۇيەسسەر بولدى. بىر كۈنى ئايخاننىڭ كۈزى يۇرىدى، ئۇ بىر ئوغۇل تۇغدى. ئوغۇلنىڭ يۈز- چىرايى كۆك ئېدى. ئاغزى چوغدەك قىزىل، كۆزلىرى ھال، چاچلىرى، قاشلىرى قارا ئېدى. ئۇ ھۆر پەرىلەردىنمۇ چىرايلىقراق ئېدى. ئۇ ئوغۇل ئانىسىنىڭ ئوغۇزىنى بىر قېتىم ئىمىپلا ئىككىنچىلەپ ئانىسىنى ئەممىدى. خام گۆش، ئاش، مەي سورىدى، تىلى چىقىشقا باشلىدى. قىرىق كۈندىن كېيىن چوڭ بولدى، داۋامىنى ئوقۇي

كاتېگورىيە: ئۆزلۈك ۋە كىملىك | ئىنكاس يازاي

ئانا – تىلىم

      (نەسىر)
                                      ئەخمەت ئىمىن
ئەي ئانا تىلىم-ئانامنىڭ تىلى!
ئانا تىلىم!ئەي ئانام بەرگەن تىل!
مەن سىنى ئانامدەك ئەزىزلەيمەن!سىنى ئاڭلىسام،ئانامىنىڭ ئوتلۇق يۈرەك خىتابىنى ئاڭلىغاندەك بولىمەن؛ سىنى سۆزلىسەم،شۇ خىتابقا جاۋاپ سادايىمنى ياڭراتقاندەك بولىمەن.
ئانام ماڭا تۇنجى قېتىم“بالام-باغرىم“ دىگىنىدە سەن بىلەن-دەل مۇشۇ ئۇيغۇر تىلى بىلەن سۆزلىگەن.مەنمۇ تۇنجى قېتىم“ئانا ئانام“دىگىنىمدە،سەن بىلەن-مۇشۇ تەۋەرۈك تىل بىلەن سۆزلىگەن. داۋامىنى ئوقۇي

كاتېگورىيە: ئەدەبىي ئەسەرلەر | ئىنكاس يازاي

تەنھا ھەقىقەت ۋە كۈپۈك شان-شەرەپ

ئابدۇقادىر جالالىدىن

پىكرى مۇھىت قويۇق بولمىغان جەمئىيەت ئۆزىنىڭ ئانچە كۆپ بولمىغان پىكىرلىك ئادەملىرىنى يېتىم قالدۇرىدۇ،ئۇلارغا ئازار بېرىدۇ. نام-ئاتىقى بارلىرى نام-ئاتاقتىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلىدىغانلارنىڭ ئىزدەش ئوبىيكىتى بولۇپ قالىدۇ.ئۇلارنىڭ كەم ئۇچرايدىغان مېھنەتلىك مەنىۋىيىتى تىرىكچىلىك توزانلىرى ئارىسىدا قېلىپ،كۆزگە چېلىقمايدىغان مەۋھۇم نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.ھاجەتنى راۋا قىلىشنى نېگىز قىلغان كىشىلىك ئالاقە تورى ئادەملەرنى سەمىمىيلىكتىن،چىن ئىنسانىي مۇھەببەتتىن داۋامىنى ئوقۇي

كاتېگورىيە: نادىر ماقالىلار | ئىنكاس يازاي

ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىقى

(ئەركىن سىدىق، 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى)

      دۇنياغا مەشۇر فىزىكا ئالىمى ئالبېرت ئېينىستېين (Albert Einstein، 1879-1955) مۇنداق دېگەن: «بىز ھازىرغىچە بەرپا قىلغان بۇ دۇنيا بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزنىڭ مەھسۇلاتىدۇر. شۇڭلاشقا ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇرىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ، بۇ دۇنيانى ئۆزگەرتەلمەيمىز.» 19- ئەسىردە ياشىغان ئىككى قېرىنداش «William Hare» بىلەن «Charles Hare» مۇنداق دېگەن: «ئادەم بىر يەلكەنلىك كېمە، بىلىم كېمىنى ھەيدەش بولۇپ، داۋامىنى ئوقۇي

كاتېگورىيە: نادىر ماقالىلار | ئىنكاس يازاي

ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز…

ئامېرىكا يەسلىسىدىكى ئۇيغۇرچە خەت

ھەممە ئىش ئالدىن پىلانلىنىدىغان ئامېرىكىغا “تۇيۇقسىز”كېلىپ قالغان قىزىمنى يەسلىگە ئورۇنلاشتۇرالماي بېشىم قاتتى. مەن ئائىلەمنىڭ كېلەلەيدىغان ياكى كېلەلمەيدىغانلىقىغا بىر نەرسە دېيەلمىگەچ قىزىمنىڭ يەسلى ئىشىنىمۇ ئويلىشالمىغان ئېدىم. توختىماي سۈرۈشتۈرۈش نەتىجىسىدە ئاخىرى يەسلى مەسىلىسىمۇ ھەل بولدى. مەكتىپىمىزنىڭ بالىلار تەرەققىيات مەركىزىنىڭ يەسلىسى قىزىمنى قوبۇل قىلدى. قىزىم گەرچە ئامېرىكا پۇقراسى داۋامىنى ئوقۇي

كاتېگورىيە: نادىر ماقالىلار | ئىنكاس يازاي

بۈركۈتنىڭ بوينىدىكى توخۇ

پۇرسەت ئۆزى كېلىپ ئېشىكىڭنى چەكمىسە، پۇرسەت كېلىدىغان ئىشىكتىن بىرنى ئۆزۈڭ ئاچ (لېي.كروكېر)

سەن ئۈچۈن تەر تۆكۈدىغان ئادەمنى تاپ!
مۇنداق پەرز قىلىپ باقايلى. ئىرادەڭ ناھايتى يۈكسەك بولسىمۇ، لېكىن تەلىيىڭ ئوڭدىن كەلمىگەچكە، ماڭدامدا بىر كاشىلىغا ئۇچراپ بىر قەدەممۇ ئالغا ئىلگىرلىيەلمىدىڭ. خوش، ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟
باشقىلاردىن نارازى بۇلۇپ، پەرۋاردىگارىغا داد-پەرياد ئېيتقۇلۇقمۇ؟
يوقسۇ، پەقەت ھاماقەتلەرلا شۇنداق قىلىدۇ! لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر ئەشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا، ئەقىل بىلەن كاللا ئىشلىتىپ باقماي، ھە دېسىلا، باشقىلارنى ياكى ئۆزىنى ئەيىپلەشكە ئادەتلەنگەن. بىلىشىڭ داۋامىنى ئوقۇي

كاتېگورىيە: مېنىڭ يازمىلىرىم | ئىنكاس يازاي

ئەركەكلىك زېمىنىدىكى سېغىنىش

( جۇڭگۇ يازغۇچىلار جەمىئىيتى ۋە «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلى تەھرىراتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ھەرمىللەت قەلەمكەشلىرىنىڭ 76-يىلدىن كىيىن تۇغۇلغانلىرىدىن ۋەكىللىك ھالدا 2010-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىچكى مۇڭغۇلغا كىلىپ، ئۇ يەردە بىر قانچە كۈن، مەملىكەت ئىچىدىكى داڭلىق مەدەنىيەتشۇناس ۋە ئەدەبىياتشۇناس مۇتەخەىسسىسلەرنىڭ لىكسىيەلىرىنى ئاڭلاش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ساياھەت پائالىيەتلىرىدە بولدۇق. بۇ نەسىرنى چىڭگىزخان تۇپرىغىدا، ئۇنىڭ تارىخىنى ۋاراقلاپ تۇرۇپ، مەدەنىيەت ئۆرنەكلىرىنى كۈرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۆز زىمىنىدا قالدۇرغان روھى ئىزنالىرىنى ھىس قىلىپ تۇرۇپ يازدىم…) داۋامىنى ئوقۇي

كاتېگورىيە: نادىر ماقالىلار | ئىنكاس يازاي

ئارتۇقچىلىق، ئاجىزلىق، تەنقىد ۋە پۇرسەت

ئارتۇقچىلىق، ئاجىزلىق، پۇرسەت، ۋە تەھدىت

ئەركىن سىدىق

2010-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى

(1-قىسىم)

مەن ئالدىنقى قېتىمقى ماقالەمنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا كوۋېي ئەپەندىنىڭ كىتابىدىن ئېلىنغان مۇنداق بىر مەزمۇننى بايان قىلغان ئىدىم: ھەر بىر ئادەم تۇغۇلغاندىلا بىر قىسىم سوۋغات (ئىنگلىزچە «gift») بىلەن بىللە تۇغۇلىدۇ. بۇ سوغاتلار تالانت، ئىقتىدار، ئىمتىياز، ئەقىل ۋە پۇرسەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئەگەر سىز ئۆزىڭىز ئۇلارنى بايقاش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىشلىتىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسىڭىز، ئۇلار ئىچىڭىزدە مەڭگۇ يۇشۇرۇنۇپ تۈرىۋېرىدۇ. بۇ تۇغما سوۋغاتلارنىڭ ئەڭ مۇھىمىدىن مۇنداق 3 خىلى بار: داۋامىنى ئوقۇي

كاتېگورىيە: نادىر ماقالىلار | ئىنكاس يازاي