ئاشۇ يىللاردا بىز، شادىمان ۋە ئۈمىدۋار بولغان بىز!
-
سەھىپە:ئۇيغۇربەگنىڭ ئويلىرى، تۇرمۇش بايانلىرى
باھا:6 دانە
05-05-2012
كومپىيۇتېرىمنى مالتىلاۋېتىپ بۇرۇن چۈشكەن ياكى تارتقان نۇرغۇن رەسىملەرنى ئۇچرىتىپ قالدىم، بىلمەيمەن، تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىمنى تۇيۇقسىزلا ئەسلەپ قالغىنىمدىن قانچىلىك ئويلارغا چۆمگەنلىكىمنى بىلمەيمەن، ئەمما كۆزلىرىم بىر خىل ھەسرەت ئىچىدە ياشلانماقتا، بەلكىم دوستلىرىمنى سېغىنغاندىمەن، بەلكىم ئاشۇ غەمسىز چاغلىرىمىزنى ئەسلەۋاتقاندىمەن، ۋە ياكى يوقاتقان غايەم، غايىپ بولغان ئۈمىدلىرىم ئۈچۈن ئۆكسۈۋاتقاندىمەن. تۆۋەندىكى رەسىملەر بىز ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدىكى بىر كۈنى ساۋاقداشلار بىلەن چۈشكەن ئاز بىر قىسىم تاللانغان رەسىم …