ئاقسۇ مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى ۋە ئاقسۇ مائارىپى

ئاقسۇ ۋېلايەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى ۋە ئاقسۇنىڭ مەدەنىيەت مائارىپ  ئىشلىرى ھەققىدە ئىزدىنىش
ئاپتورى: توختى ھاشىم
قاراتال مەركىزى مەكتەپتىن: ياسىنجان تەييارلىغان.
ئۇيغۇرلار ئەمگەكچان، باتۇر، پاراسەتلىك مىللەت بۇلۇپ، ئۆزىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق «تارىم مەدەنىيىتى» بىلەن ئاسىيادىكى «خۇاڭخې-چاڭجىياڭ مەدەنىيىتى»،«ئافرىقىدىكى«نىل دەرياسى مەدەنىيىتى»، ئامېرىكىدىكى «مايا مەدەنىيىتى»، ياۋرۇپادىكى «رىم-يۇنان مەدەنىيىتى» قاتارىدا ئىنسانىيەت مەدەنىيەت غەزنىسىگە شانلىق تۆھپىلەرنى قوشقان قەدىمى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى.
        يېقىنقى زامان تارىخنى ۋاراقلىساقمۇ، مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك جاھانغا تونۇلغان ئۇلۇغ مۇتەپەككۈرلىرى ۋە ئاماننىساخاندەك ئۇلۇغ مۇقامشۇناس سەنئەتكارلىرى بىلەنمۇ پەخىرلىنىشكە ھەقلىق.
ئاقسۇ ۋېلايەتلىك مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى 1934-يىلى ئاقسۇنىڭ ۋالىسى، مەرىپەتپەرۋەر زات نىياز شەرىپىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاتاقلىق ئالىم ۋە پىداگوك مەمتىمىن قارى ھاجى (سۇپىزادە) نىڭ بىۋاستە تەشكىللىشى بىلەن قۇرۇلغان ئىدى. بۇ ئۇيۇشما بىر مىللىي، ئىجتىمائىي،مەدەنىي ۋە ئاممىۋى تەشكىلات بۇلۇپ، كۈرەش نىشانى: مىللەتنى نادانلىق ۋە جاھالەت ئۇيقۇسىدىن ئۇيغۇتۇپ، مىللى مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن مەدەنىيەت دولقۇنىنى قوزغاپ، يېڭى مائارىپ سېستىمىسىنى تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت ئىدى.
ئاقسۇ ۋېلايەتلىك مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى 1934-يىلدىن 1949-يىلىغىچە بولغان 15 يىللىق تارىخىدا يۈكنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈپ، ئاقسۇ رايونىنىڭ مەدەنىي-مائارىپ ۋە ئەدەبىيات –سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا  تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدى.
1. «پۇلى بارلار، پۇل چىقىرىش، كۈچى بارلار كۈچ چىقىرىش»چاقىرىقى ئاستىدا ، قاينام تاشقىنلىق بىلەن شەھەر يېزىلاردا پەننى مەكتەپ ئاچتى.
2. خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى يولغا قۇيۇپ، جەمىيەتتىكى ئىگە-چاقىسىز،يېتىم-يېسىرلارنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ، دارىلئېتام مەكتىپى قۇردى. دارىلئاجىزىن تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالدى.
3. مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، ئەدەبىيات-سەنئەتنى يولغا قۇيۇپ، يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان مىللى مەدەنىيەتنى قۇتقۇزۇش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى.
  1937-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە بولغان ئاقسۇ ۋېلايەتلىك مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورنى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ غەربىي دەرۋازىسىدىكى «يېڭى بىنا» دەپ ئاتىلىدىغان جايدا بۇلۇپ، ئىسمى جىسمىغا لايىق مەدەنىيەت يۇرتى ئىدى. بۇ جايدا 500 كىشلىك كۇلۇب،10 نەچچە ئائىلىلىك ياتاق بىناسى،بەش ئېغىزلىق ئىشخانا،ئىسكىلات، سەككىز سىنىپلىق ئوقۇتۇش بىناسى،دارىلئېتام ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياتاق بىناسى ۋە ئاشخانا، 500 كۇۋادىرات مېتىرلىق پارلىق مۇنچا بۇلۇپ، 5000 كۇۋادىرات مېتىردىن ئارتۇق قۇرۇلۇشى بار ئىدى.
ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىنمۇ 1937-يىلىدىن 1939-يىلىغىچە مۇشۇ «يېڭى بىنا» دا تۇرغان ئىدى. 1941-يىلى 4-ئايدا ئاقسۇ ۋېلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە يېپىلدى. 1942-يىلىدىكى سايلامدا توختى ھاشىم(ئاپتور) ئۇيۇشمىنىڭ رەئىسلىكىگە، ئاقسۇنىڭ ۋاڭى پاشا غوجا مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلانغانىدى.
1941-يىلىدىن 1942-يىلىغىچە ئاقسۇ ۋېلايەتلىك مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىدا، كاتىبات ئىشخانىسى، مائارىپ بۆلۈمى، مالىيە بۆلۈمى، تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە بىر مۇستەقىل ھېسابات يۈرگۈزىدىغان سودا ئاپاراتى بار ئىدى.
مائارىپ بۈلۈم باشلىقلىقىنى توختى ھاشىم ، نەزەر كېرەم، جالام تورقىبوف قاتارلىق كىشىلەر ئۆتىگەن ئىدى. مائارىپ بۆلۈمىدە بىر نەپەر مەكتەپلەر مۇپەتتىشى بولۇپ، ئابلا توختى مۇپەتتىشلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىدى.
مائارىپ بۆلۈمىنىڭ ئاساسى ۋەزىسىپى ئاقسۇ ۋېلايەتلىك ئۇيۇشمىغا بىۋاستە قاراشلىق ئاقسۇ ناھىيەسىنىڭ يېزىلىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تۇتۇش، ھەر قايسى ناھىيلىك ئۇيۇشمىلارنىڭ قارمىقىدىكى مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك قاتارلىق ئوقۇتۇش قوراللىرىنى ھەل قىلىپ بېرىشتىن ئىبارەت ئىدى. ئوقۇتۇش قوراللىرى ئۆلكىلىك ئۇيۇشما ۋە ۋېلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئېلىناتتى. يەنە ۋېلايەتلىك ئۇيۇشمىغا قاراشلىق ئىككى سىنىپلىق دارىلئېتام مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئىشلەيتى. يەنە بىر جەھەتتە چوڭلارنىڭ يازلىق ۋە قىشلىق ساۋات چىقىرىش كۇرۇسلىرىنى ئېچىشمۇ خىزمەتنىڭ مۇھىم سالمىقىنى تەشكىل قىلاتتى.
1941-،1942-يىللىرى ئاقسۇ ۋېلايىتى بويىچە ئۇيۇشمىلار باشقۇرغان باشلانغۇچ مەكتەپلەر 200 ئەتراپىدا بولۇپ، ئوقۇغۇچىلىرى 15 مىڭغا يەتكەن ئىدى. چوڭلارنىڭ ساۋات چىقىرىش سىنىپلىرىمۇ 500 دىن ئارتۇق بۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلىرى 30 مىڭدىن ئاشقانىدى ؛ (ساۋات چىقىرىش كۇرۇسلىرى مەكتەپلەر ئۈستىگە يۈكلەنگەن قۇشۇمچە ۋەزىپە بۇلۇپ، ئوقۇتقۇچىلار ھەقسىز خالىس ئىشلەيتتى.ئوقۇغۇچىلىرىمۇ تۇراقسىز بۇلۇپ، بىر قاراردا ساۋات چىقارغانلارنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن ساۋاتسىزلار قۇبۇل قىلىنىپ تۇراتتى)؛ ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى مەكتەپلەر ھەر بىر ناھىيە بازىرىدا بىرەردىن بۇلۇپ، «شەنلى مەكتەپ» دەپ ئاتىلاتتى. تەمىناتى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېرىلەتتى. ئۇيۇشمىلار قارمىقىدىكى مەكتەپلەر «خۇيلى مەكتىپى» دەپ ئاتىلاتتى. ھۆكۈمەت بىر تىيىن پۇل بەرمەيتتى. ئۇيۇشمىلار ئۆشرە-زاكات،ۋەخپى يەرلەرنىڭ ئىجارە ھەققى ۋە شەخىسلەر ئىئانە قىلغان پۇل، ماددى نەرسىلەر بىلەن مەكتەپ باشقۇراتتى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىغا پۇل بېرەلمەي، ئاشلىق بېرىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولاتتى. يۇقۇرقىلاردىن پۈتۈن جەمىيەتتىكى ئوقۇش-ئوقۇتۇش، مەدەنىي ئاقارتىش ۋە چوڭلارنىڭ ساۋات چىقىرىش ۋەزىپىلىرىنىڭ %90 دىن كۆپرەكىنى ئۇيۇشمىنىڭ ئۈستىگە ئالغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
يەنە «يېڭى يىل»، «12-ئاپرىل»،«1-ماي»،«4-ماي»،«7-ئىيۇل»،«18-سىنتەبىر» قاتارلىق بايرام ۋە خاتىرە كۈنلەردە ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەش قاتارلىق ئىشلارمۇ مائارىپ بۈلۈمىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئىدى.
ۋېلايەتلىك ئۇيۇشمىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، 1940-يىلى ئاقسۇ شەھەر ئىچى (ۋالى مەھكىمە يېنى) گە بىر زامانىۋى كۇلۇب سېلىنىپ، 1942-يىلى ئاساسى گەۋدىسى پۈتكەن ئىدى. كۇلۇب 1000 كىشلىك لايىھەلىنىپ، تاملىرى پىششىق خىشتىن، ئاستى تاختايلىق بۇلۇپ، ئۈستى قاڭالتىر تۆمۈر بىلەن يېپىلغانىدى. سەھنىسى چوڭ دىرامىلارنى ئويناش ئۈچۈن كاتتا قىلىنغاچقا، «غېرىپ-سەنەم»،«لەيلى-مەجنۇن» قاتارلىق دىرامىلار مۇۋاپىقىيەتلىك ئوينالغانىدى.
تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ خىزمىتىگە چاۋارۇف قاتارلىق كىشىلەر مەسئۇل بۇلۇپ ئىشلىگەنىدى. تەشۋىقات بۈلۈم قارمىقىدا سانايىنەپسە ۋە كىنو قۇيۇش گۇرۇپپىسى بار ئىدى. سانايىنەپسىدە شىتاتلىق خادىم، ئارتىستلاردىن 10 كىشى ئەتراپىدا بۇلۇپ، مۇھەممەتنىياز سابىتۇف مەسئۇل ئىدى. ئاتاقلىق سەنئەتچىلەر ئائىلىسىدىن ئاۋۇتۇم،ساۋۇتۇم ۋە ئازادەملەر كامالەتكە يەتكەن سازاندىلەر ئىدى. سانايىنەپسىنىڭ شىتاتى ئاز بولسىمۇ، جەمىيەتتىكى ئىقتىدارلىق سانئەت خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىپ، «غېرىپ-سەنەم»،«لەيلى-مەجنۇن»،«تاھىر-زوھرە»،«ئارشىن-مال ئالان» قاتارلىق چوڭ دىرامىلارنى مۇۋاپىيەتلىك ئوينىغاندىن تاشقىرى ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش ئاساسى تېما قىلىنغان دىراما، ئىپىزوت،ناخشا-ئۇسۇللار ئوينىلاتتى. بايرام، خاتىرە كۈنلەردىكى پائالىيەت يېڭى سېلىنغان 1000 كىشلىك كۇلۇبتا ئۆتكۈزۈلەتتى. ئادەتتىكى كۈنلەردە بېلەتلىك ۋە بېلەتسىز ئۇيۇنلار ئۇيۇشما يېنىدىكى 500 كىشلىك كۇلۇبتا ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك قۇيۇلۇپ تۇراتتى.
كىنو قۇيۇش گۇرۇپپىسىدا بىر كىنو ئاپاراتى ۋە بىر بېنزىن بىلەن ھەركەتلىنىپ توك ھاسىل قىلىدىغان دىۋىژۇك بۇلۇپ، كىنو لېنتىلىرىنى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇنسۇ ناھىيەسىدىكى سودا شىركىتى «سوۋ-سىن تورگ» دىن پۇل تۆلەپ ئېلىپ كىنو قوياتتى. ئادەتتە 1000 كىشلىك چوڭ كۇلۇبتا ھەپتىسىگە 1-2 قېتىم كىنو قويغاندىن تاشقىرى، تۆت چاقلىق خادىك ھارۋىلار بىلەن ئاقسۇ ناھىيەسىنىڭ يېزىلىرىغا ۋە ئاقسۇ ۋېلايىتىنىڭ ھەر قايسى ناھىيەلىرىگە بېرىپ، بېلەت سېتىپ كىنو قوياتتى. «لېنىن ئۆكتەبىردە»،«چاپايۇف» ۋە «گۈزەل ۋاسىلىتسا» قاتارلىق فىلىملەرنى كىشىلەر ياقتۇرۇپ كۆرەتتى.
        1941-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ گېرمانىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ۋەتەن ئۇرۇشى ئاساسى تېما قىلىنغان «غەلىبە بىزگە مەنسۇپ» تېمىسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم-ژورناللار كۆپرەك قۇيۇلىدىغان بولدى.
        1941-يىلىنىڭ 9-،10-ئايلىرى جۇڭگو-سوۋىت دوستلۇق جەمىيىتى ئاقسۇ شۆبىسى تەرىپىدىن ، سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەتەن ئۇرۇشىغا ئائىت چوڭ تىپتىكى فوتو سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ۋېلايەتلىك ئۇيۇشمىنىڭ بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن ، كونىشەھەر، ئۈچتۇرپان،ئاۋات ناھىيەلىرىگە ئاپىرىپ كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلدى.
        1942-يىلىدىن كېيىن ئۇيۇشما ئىقتىسادىنىڭ ۋەيران بولۇشى ۋە جاللات شىڭ شىسەينىڭ سىياسى جەھەتتىكى زىيانكەشلىكى تۈپەيلىدىن،ئۇيۇشما چېكىنىپ، زۇۋاللىققا يۈزلەندى. 1945-يىلى 9-ئايدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق شائىرى، ۋەتەنپەرۋەر جەڭچى لۇتپۇللا مۇتەللىپ باشچىلىقىدىكى «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى»نىڭ ئەزالىرى قولغا ئېلىنىپ، گومىنداڭ جاللاتلىرى تەرىپىدىن قىرغىن قىلىندى.
        1943-يىلى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ئالۋان سېلىقىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشى بىلەن، مال باھاسى ئۆرلەپ، پۇل پاخاللىشىپ، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت سېپىدىكى خادىملار كۈندۈلىك تۇرمۇشىنى قامداشقىمۇ مۈمكىن بولماي، مائارىپ سېپىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى.
        1945-يىلى 8-ئايدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى 3 ۋېلايەت ئىنقىلابى مىللى ئارمىيىسى ۋە ئاقسۇ خەلقىدىن قورقۇپ، سېپىل ئىچىگە مۆكۈنۈۋېلىش بىلەن ، سېپىل سىرتىدىكى خەلقنىڭ ئۆي-جايلىرى،دەل-دەرەخ،باغۋارانلىرىنى،جۈملىدىن ئاقسۇ ۋېلايەتلىك مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىدىن ئىبارەت بۇ زامانىۋى بىلىم يۇرتىنىمۇ ئوت قۇيۇپ كۆيدۈرۈپ، كۈلگە ئايلاندۇرۋەتتى.
توختى ھاشىم
ئاپتور: شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئىنىستىتوتىدىن
شىنجاڭ تارىخى ماتىرياللىرى 42-سانىدىن ئېلىندى

uigur ھەققىدە

ئوقۇ، نادان بىلەن يۈرمە! (مەھمۇد قەشقىرى بوۋىمىز ئۈگۈتلىرىدىن)
بۇ يازما مېنىڭ يازمىلىرىم كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم دەپ خەتكۈچلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈچلىۋېلىڭ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش