مائارىپتىكى تېڭىرقاش
كونىلار «ئادەم باشتا يۈرىدۇ، ئەقىل كەينىدە» دەپ بىكار ئيېتىمىغان ئىكەن. ھەش پەش دىگۈچە مائارىپنىڭ ئىسسىق سوغۇقلىرىنى باشتىن كەچۈرگىنىمىگە 18 يىل بۇلۇپ قاپتۇ. 18 يىل – بىر ئادەمنىڭ ياشلىققا تولغان ئەڭ نەۋقىران، گۈزەل پەسلى. 18 يىل بەلكىم بىر ھاياتنىڭ 3 تىن بىر قىسمىدۇر؛ 90-يىللاردىكى قايناق ، جاپالىق كۈنلىرىمىز بولسۇن، 2000-يىللاردىكى جۇشقۇن، يېڭىلىق يىللىرى بولسۇن، 2010-يىللاردىكى تېڭىرقاش، تەمتىرەش قەدەملىرىمىز بولسۇن، ۋاقىت مېنى ناھايتى ئۇستىلىق بىلەن ئالداپ، 18 يىللىق ھاياتىمنى ئېلىپ بوپتۇ. بەس، مۇشۇنچىلىك تېڭىرقاش، مۇشۇنچىلىك خۇدىكسىرەش، مۇشۇنچىلىك ئەنسىرەشمۇ يېتەر ئەمدى؟ گەرچە 18 يىللىق ھايات بىلەن ، ئۈمۈر خاتىرىسىگە خۇلاسە يېزىش بالدۇرلۇق قىلسىمۇ، لېكىن ، 18 يىللىق خىزمەت ئەمىلىيىتىدە «مىللى مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى چىقىش يولى زادى نەدە؟ » دېگەن بۇ گۇڭگا سايە ماڭا ئىزچىل ئەگشىپ كەلدى.
يېڭى خىزمەتكە چىققاندىكى ياشلارغا خاس قىزغىنلىق، كېيىنكى چاغلاردىكى كەسىپتە ئىگىلىك تىكلەش مەزگىلىم، ۋە ھازىرقى ئويلۇنۇش ئىچىدە ئىلگىرلەش ھالىتىمدە بولسۇن، بۇ سايىدىن پەقەت قۇتۇلالمىدىم. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كېلىپ، دوختۇرخانىدىكى كېسەل كارۋىتىدا ياتقان چېغىمدا، ھاياتلىقنىڭ نەقەدەر قىسقا، ھەر بىر دەقىقىنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانسېرى تېخىمۇ جىددىلىشىدىغان، تېخىمۇ ئەنسىرەيدىغان، پىكىر خىياللىرىم كېچە كۈندۈز پەرۋاز قىلىدىغان بولۇپ قالدى.
2006-يىلى 3-ئايدا بىر قېتىملىق تەربىيلەشتە بىرەيلەننىڭ «مائارىپنى بىرسى توختىماي ئوڭ تەتۈر قوچىۋاتقاندەك بىلىنىۋاتىدۇ،،، شۇنچە تىرىشقانسېرى تېخىمۇ بۇزۇلۇپ، تېخىمۇ ئوساللىشىپ، سۈپەت چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ…ھەي….» دەپ ھەسرەتلىك تىنغانلىقىنى ئاڭلىغان ۋە ئۆزەممۇ چەكسىز خىياللار قاينىمىغا غەرىق بولغان ئىدىم.
«ئىنسان نېمە ئۈچۈن تۇغۇلدى؟ نېمە ئۈچۈن ياشايدۇ؟ » ھايات پەلسەپىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۈردىن، ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم نەرسىنىڭ ، ئەڭ كىچىك بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئەھمىيەتلىك ياشاش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. يەنە مۇشۇ ئىنسانلىق ماھىيەتنى ئىزدەش يولىدا، ئۆزەمنىڭ «مىللى مائارىپنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش يوللىرى»دىكى ئىزدىنىشلىرىمنىڭ نەتىنجىسىنى كۆرگەندەك ، مىللى مائارىپنىڭ چىقىش يولىنى تاپقاندەك بىر تۇيغۇغا كەلدىم. ناھايەن، بۇ ئېيتماققا ئاددى گەپ؛ ئەپسۇس، بۇ يەردە تاپقان يولۇمنى، بۇ يول ماڭا كەلتۈرگەن شان-شەرەپلەرنى، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەھمىيەتلىك خىزمەتلىرىنى بىر ئېغىزلا گەپ بىلەن خۇلاسە قىلىپ يەكۈنلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلىدۇ. چۇنكى بۇنداق ھەقىقەتنى پەقەت ھېس قىلىشقا بولىدىكەنكى، ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىدىكەنمىز.
1950-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە بولغان 60 يىل مابەينىدە، ئۆز مىللىتىنىڭ تەلىم-تەربىيە ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرۇپمۇ، ئاخىرىغا بېرىپ «سۈپىتى تۆۋەن» دېگەن قالپاقنى كىيىپ يۈرگەن مائارىپىمىزغا قاراپ ياكى ئىلگىرلەشنى ياكى چېكىنىشنى بىلمەي تېڭىرقاش ئىلكىدە تۇرۇۋاتقان ئۇستازلىرىمىز كۆرمىڭ بولسا كېرەك! ئەسلىدە ئائىلىدىن باشلىنىدىغان تەربىيەنىڭ كەمتۇكلىكى، جەمىيەت تەربىيەسىنىڭ بۇزۇقلىقى، مائارىپتكى تېڭىرقاشنى نەزىرىمىزگە ئىلماي تۇرۇپ، بارلىق سۈپەت ساپادىكى سەۋەنلىكلەرنى يەنى ساۋاتسىز قالسا بالىنىڭ دۆتلىكى، بالا يۇقۇرلاپ ئوقۇيالمىسا بالىنىڭ دۆتلىكى، بالا ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسە، بالىنىڭ دۆتلىكى، …. ئەيتاۋۇر بارلىق يارامسىزلىق، بارلىق كۈيۈمسىزلىق، بارلىق پەسەندىلىك بالىلارنىڭ گەجگىسىگە ئارتىقلىق.بىراق ئۇلۇغ بوۋىلىرىمىز مەھمۇد قەشقىرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپلار تۈزۈپ بەرگەن ئەۋلاد تەربىيلەش رىسالىسىگە نەزەر سالىدىغان ئۇيغۇرلىرىمىز قانچىلىك؟ ئائىلىسىنىڭ ئەنئەنىۋى تەربىيەسى كۈچلۈك بولغان ئائىلىلىرىمىز قانچىلىك؟ جەمىيەتتىكى ھاراقكەشلىك، زەھەرلىك چېكىملىك، ئىپپەت نۇمۇسىنى سېتىش ، قىمار ئۇۋىلىرىغا قورقماستىن لەنەت ئوقۇيدىغان ۋە ئۇنى چەكلەيدىغان يۇرت مۆتىۋەرلىرى قانچىلىك؟
بەلكىم بىز ئائىلە ۋە جەمىيەت مەسئۇلىيتىنى سۈرۈشتە قىلىشتىن بەكمۇ يىراقتا بولساق كېرەك….. بىراق قولىمىزدا تۇرغان بىر ئوبدان مائارىپقا نىسپەتەن ئېيتساق، مائارىپتىكى ئەقىدىسىزلىك، مەسئۇلىيەتسىزلىك جىنايىتىنىڭ دەردىنى ھامان بىر كۈنى كېيىنكى ئەۋلادلار تارتىشتىن سىرت، بۇنداق تەلىم-تەربىيە جىنايىتىنى تارىخ سۈرۈشتە قىلىدۇ…. 1000 يىللار بۇرۇن يېنىدا قول ياغلىق ساقلاشتەك مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ سۈپەت ساپاسى نېمە ئۈچۈن بىر قانچە ئەسىردىلا مۇشۇنداق دەرىجىگە چۈشۈپ قالدى؟ سەۋەپ ئاددى. ئۇ بولسىمۇ، شۇ دەۋىردنىڭ تەربىيلىگۈچىلىرىنىڭ قەدىر قىممەتلىك ئادەم تەربىيلەش نىشانى ۋە ئۇسۇلىدا خاتالىق، مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ بولغانلىقىدا؛
يۇقارقى بىر جۈملە بايقاش ئۈچۈن مانا 18 يىللىق خىزمەت ۋە ئەمىلىيەت ، ياشلىق ۋە ھاياتلىق سەرىپ بولدى. بەلكىم 18 يىل بۇرۇن ، مەن ۋە سىز مائارىپىمىز ھەققىدە يۇقارقىدەك بىر يەكۈن ياكى تەسىراتقا كېلىشنى ئويلاپ باقمىغان بولىشىڭىز مۈمكىن. مەن يېزىدىكى ئادەتتىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىىسى.
يازغۇچى ياكى مەخسۇس تەتقىقاتچى بولمىساممۇ، 18 يىللىق ھايات قىسمەتلىرىدىن، ئىنسانى پەزىلەتلەر دوقمۇشىغا تەپەككۈر كۆزلىرىم بىلەن قاراۋاتقان ، شۇنداقلا 18 يىللىق خىزمەت ئەمىلىيىتىدىن ، ئەتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى پارلاق نىشانىمىزغا تەلمۈرگەن ھالدا بۇ «مائارىپنىڭ غەلبىسى ۋە ھالاكىتى» ناملىق ئەسلىمەمنى يېزىپ، يۈرىكىدە، ۋەتەن،يۇرت، مىللەت ئوتلىرى يېلىنجاپ تۇرغان ئەقىدىلىك مەرىپەتچىلىرىمىزگە سوۋغا سۈپىتىدە تەقدىم قىلىش ، ئۇلار بىلەن مائارىپىمىزنىڭ بۈگۈنى، كەلگۈسى ھەققىدە ھەمپىكىر بولۇش ئۈچۈن، بۇ يازمىنى سىزلەرگە تەقدىم ئەتتىم.