ئەزالار ساق بولسىمۇ، لېكىن يەل كۈچىنىڭ ئاجىزلىقىدىن زەكەردە قوزغىلىش بولمايدۇ، مەنىي كۆپ بولسىمۇ، يەل كۈچى ئاجىز بولسا، يەنە ئېتىلىش كۈچى ئاجىز بولىدۇ. بەدەن ھارارىتى تۆۋەنلەپ كېتىپ، يەل پەيدا بولۇشقا توسقۇنلۇق قىلغان بولسا، ھۆل نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن قۇۋۋەتلەر تارقىلىپ كېتىدۇ.
داۋالاشتا، جىنسىي قۇۋۋەتنى ئاشۇرغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى غىزالار ۋە دورىلارنى ئىستېمال قىلىش لازىم. نوقۇت سۈيى، پىياز، سەۋزە، نوقۇت، لوۋىيا، پىستە، پىندۇق سۆئلەپ، خولىنجان، قوي گۆشى، ئۆردەك گۆشى، كەپتەر گۆشى، قۇشقاچ گۆشى، ئەنجۈر، زىمادلارنى ئىشلىتىپ ھارارەتنى كۈچەيتىش كېرەك.
جىنسىي ئاجىزلىق ھۆللۈك ئازىيىپ كەتكەنلىك سەۋەبتىن پەيدا بولغان بولسا، ھۆللۈكنى تولۇقلاشقا تىرىشىش، كۆپ يۇيۇنۇش، ھۆللۈك يەتكۈزىدىغان غىزالار، دورىلار، زىمادلار، ياغلارنى ئىشلىتىش كېرەك. پەۋقۇلئاددە ئىسسىق دورا ۋە غىزالارنى ئىستىمال قىلماسلىق كېرەك. لوۋىيا، نوقۇت، دارچىننى كالا، قويلارنىڭ يېڭى سۈتلىرى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىش لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.