مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 839 رەت   / مەنبە: -

بۇ بەزىدە ئۇرۇقدان خالتىسىدا، بەزىدە ئۇرۇقدان ئۆزىدە بولىدۇ، بۇنى تۇتۇپ بىلگىلى بولىدۇ. 

ئالامىتى: سەپرادىن بولسا قىزىل، قاتتىق بولىدۇ، بەلغەمدىن بولسا رەڭگى ئاق بولىدۇ. سەۋدادىن بولسا كۆك بولىدۇ. قاندىن بولسا ئاسان زېدىلىنىدۇ. 

ئېچىشىش بەك يامان بولىدۇ، ئىششىق ئۇرۇقداننىڭ ئۆزىدە بولسا، ئىستىما ۋە ئۇسسۇزلۇق بولىدۇ، تولا ۋاقىتتا يۆتەل پەيدا بولىدۇ. ماددىسى كۆكرەككە يۆتكىلىدۇ، سەپرادىن بولغان ئىششىقتا بەزىدە خالتىسى زېدىلىنىپ تېرە چۈشۈپ كېتىدۇ، داۋالىسا يەنە ئۆسىدۇ. 

سەۋەبى: سەپرادىن بولۇشنىڭ سەۋەبى مەنىي بولمىسىمۇ زەكەردىكى بۇسنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت جىنسىي ئالاقىدا بولۇشتىن: بەلغەمدىن بولۇشتىكى سەۋەب ئۇرۇقدان خالتىسىغا يەل چۈشۈپ قالغاندىن؛ سەۋدادىن بولۇشىدىكى سەۋەبى مەنىينىڭ كەملىكى. 

ئىلاجى: سەپرادىن بولسا، قان ئېلىش ۋە سەپرانى سۈرۈش بىلەن مەنىي كۆپەيتىدىغان سوغۇقلۇق ئۇرۇقلىرىنى ئىچىش، سىرتتىن سىركىگە گۈل يېغى، ئارپا، باقىلە ئۇنىنى خېمىر قىلىپ چېپىش لازىم. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.