تەكشۈرۈلگۈچى تىزىنى كۆكسىگە تەگكۈزۈپ يانتۇ ياتىدۇ ياكى دوڭغىيىپ تۇرىدۇ. دوختۇر قولىغا پەلەي سېلىپ، ئوڭ قولىنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى سىلىقلاش مېيىغا تەكۈزۈپ، تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ مەقئىتىگە ئاستا تىقىدۇ. بۇنىڭدا مەزى بېزىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، قاتتىقلىق دەرىجىسى، ئاغرىيدىغان-ئاغرىمايدىغانلىقى، ئۆسمە بار-يوقلۇقى، تاش بار-يوقلۇقى تەكشۈرۈلىدۇ. بۇ چاغدا مەزى بېزىنىڭ ئىككى يان بۆلىكىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە بەزىدە قولغا ئۇرۇق خالتىسى ئۇرۇنىدۇ. تەكشۈرۈشتە ھەرىكەت سىلىق بولۇشى، تەپسىلىي تەكشۈرۈلۈشى، تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، مەزى بېزىنى ئۇۋۇلاپ، ئۇنىڭدىن سۇيۇقلۇق چىقىرىپ تەكشۈرۈلۈشى لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.