مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى11-ئاينىڭ12-كۈنى  كۆرۈلىشى: 6403 رەت   / مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

52450cecxa1f5e9d98000&690.jpg


    ئادەمنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى قەرەللىك ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندە، نورمال خىزمەت قىلىدۇ. بەك تويۇنۇپ يېگەندە، ئاشقازاندا بار يېمەكلىك تولۇق ھەزىم بولماي تۇرۇپلا يەنە كۆپ مىقداردىكى يېمەكلىك ئاشقازانغا كىرگەندىن كېيىن ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ئەسلىگە كېلەلمەي، نورمال خىزمەت قىلالمايدۇ. ئاشقازان شىلىمشىق پەردىسى ھەر ئۈچ كۈندە بىر ئەسلىگە كېلىدىغان بولۇپ، ئۈچ ۋاق تاماقنى تويۇنۇپ يېگەندىن سىرت، كېچىدىمۇ تاماق يېسە، ئاشقازان شىلىمشىق پەردىسى ئەسلىگە كېلەلمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئېشىنچا يېمەكلىك ئاشقازاندا قېلىپ، ئاشقازان شىلىمشىق پەردىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغاندىن باشقا، ئاشقازان يارىسى، ئاشقازان راكى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئوزۇقلۇق بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، يەنە دىيابېت، سېمىزلىك قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلغاندىن باشقا، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.