چاچ ۋە تۈكلەرنىڭ قېرىلىق يېتىشتىن بۇرۇن چۈشۈشى ۋە ئاقىرىشى چاچ، تۈك چۈشۈش كېسەللىكى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ تۇغما خاراكتېرلىك ۋە ناتۇغما خاراكتېرلىك بولىدۇ.
تۇغما خاراكتېرلىكىدە، تۇغۇلغاندا ياكى تۇغۇلۇپ بىرنەچچە ئاي ئىچىدىلا چاچ ۋە تۈكلىرى چۈشۈپ كېتىدۇ، تۇغما خاراكتېرلىك چاچ چۈشۈش ئىرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەيدۇ. ناتۇغما خاراكتېرلىك چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ. كۆپىنچە ئىچكى ئاجرالما بەز ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشى، ئېغىر ۋە ئۆتكۈر تىپلىق يۇقۇملىنىش، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئىچكى كېسەللىكلەر، تۆكۈلۈش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى، مايلىق تېرە ياللۇغى، دائىرىلىك تېرە قېتىش كېسەللىكى، قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى، باش تەمرەتكىسى، سىفىلىس، ماخاۋ قاتارلىق كېسەللىكلەر چاچنىڭ ۋاقىتسىز چۈشۈپ كېتىشىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، خىمىيىۋى دورىلار، روھىي كەيپىياتتىكى جىددىيلىك، مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى، سىرتقى زەخىملىنىش، چاچنىڭ مۇۋاپىق ئاسرالماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەرمۇ چاچنىڭ چۈشۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
چاچ چۈشۈشنى داۋالاشتا مۇھىمى چاچنىڭ چۈشۈشىگە سەۋەب بولغان كېسەللىكلەرنى ۋاقتىدا داۋالىتىش، چاچ، تۈكلىرىگە قۇۋۋەت بېرىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش لازىم.
مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، سېمىز كىشىلەرنىڭ تاقىرباش بولۇپ قېلىش نىسبىتى ئادەتتىكى ئادەملەردىن 15ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ باش تېرىسىنىڭ مېتابولىزىم ئىقتىدارى تۆۋەن، چاچنىڭ ئۆسۈشىگە كېرەكلىك بولغان يود، كۇبالىت قاتارلىق مىنېرال ماددىلار كەم بولىدىكەن. شۇڭا چېچى مايلىشىپ تۇرىدىغان كىشىلەر ئادەتتە سەۋزە، كۈدە ۋىتامىنA، ۋىتامىنB6 قاتارلىقلارنى كۆپرەك، مايلىق، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئازراق ئىستېمال قىلىشى، چېچىنى گۈڭگۈرتلۈك سوپۇن ياكى مايسىزلاندۇرۇلغان سوپۇن بىلەن يۇيۇشى لازىم، چاچنى ئىشقارلىق سوپۇن بىلەن يۇيغاندا باشنىڭ تېرىسى مۈڭگۈزلىشىپ قۇرغاقلىشىدۇ، كېپەك كۆپىيىدۇ،چاچ يىگىلەپ سارغىيىدۇ-دە، چۈشۈشى تېخىمۇ تېزلىشىدۇ. شۇڭا باشنى يۇيۇش ۋاقتى مۇۋاپىق بولۇش، ئادەتتىن تاشقىرى كۆپ يۇيماسلىق كېرەك.
ئادەتتە مۇددەتتىن بۇرۇن چاچ چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىدىن كاۋاۋىچىن، ئامىلە، جۈيۈزلارنى سۇدا قاينىتىپ، ئىلمان بولغاندا باشنى يۇيۇش ياكى قايمىقى ئېلىنمىغان قېتىق بىلەن باشنى يۇيۇپ بېرىش، سىيادان مېيىنى چاچ مېيى ئورنىدا ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىپ بېرىش كېرەك.
كەيپىياتتىكى جىددىيلىكنى تۈگىتىش چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى، ئادەم جىددىيلەشكەندە باش تېرىسىدىكى قىل قان تومۇرلار قىسقىراپ، چاچ خالتىسىنىڭ قان بىلەن نورمال تەمىنلىنىشىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا جىددىيلەشكەندە يېقىملىق مۇزىكىلارنى ئاڭلاش ياكى تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش لازىم. چېچىنى بۈدرە قىلغان ياكى بويىغانلارنىڭ چېچى چۈشسە بىر مەزگىل چاچنى بۈدرە قىلماسلىقى، بويىماسلىقى لازىم، ياكى ھەر قېتىملىق چاچ بۈدرە قىلىش ئارىلىقى ئۈچ ئايدىن ئارتۇق بولۇشى، بوياش بىلەن بۈدرە قىلىشنى بىرلا ۋاقىتتا قىلماسلىق لازىم. چاچ يېڭىدىن چۈشۈۋاتقان بولسا چاچنىڭ تېگىنى يېنىك ئۇۋىلاپ بېرىش ياكى تارغاق بىلەن يېنىك تاراپ بېرىش كېرەك، بۇ ئۇسۇل باش تېرىسىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.