بالىلارنىڭ مەزى بېزى ناھايىتى كىچىك بولۇپ، ئانچە مەلۇم بولمايدۇ، جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىۋاتقان مەزگىلىدە تېز يوغىنايدۇ، قۇرامىغا يەتكەن، سالامەتلىكى نورمال كىشىلەرنىڭ مەزى بېزى ئاستى قىسمىنىڭ توغرىسىغا دىئامېتىرى تەخمىنەن 4 سانتېمىتىر، ئۇزۇنسىغا دىئامېتىرى تەخمىنەن 3 سانمتېمىتىر، ئالدى-ئارقا تەرەپ دىئامېتىرى تەخمىنەن 2 سانتېمىتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 20 گرام كېلىدۇ، ياشانغاندا بارغانسېرى رودىمېنتلىشىپ بارىدۇ، مەزى بېزى ئىچىدىكى قوشقۇچى توقۇلمىلار ئۆسۈۋېلىپ، مەزى بېزى يوغىناپ سۈيدۈك يولىنى بېسىۋېلىپ سىيىشكە كاشىلا بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.