مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2847 رەت   / مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

1.كۆكرەك قىسمى قىسقا مۇددەت ئاغرىش

بۇ ئاغرىق تېز تۇتۇپ تېز توختايدۇ . بۇ ھەزىم قىلىشنىڭ ياخشى بولماسلىقى ياكى يۈرەك كېسىلى قوزغالغانلىقنىڭ ئالامىتى ، بۇنداق ئەھۋالدا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ يۈرەكنى تەكشۈرتۈپ بېقىش لازىم . 

2.چاتراق تۇيۇقسىز ئاغرىش 

يوتىنىڭ ئىچكى قىسمى ئاغرىپ ئىششىغان بولسا ، بۇ ئۇرۇقداندىن چاتاق چىققانلىقىنىڭ ئالامىتى . بۇنداق بولغاندا ، يەنى ئۇرۇق بېغىشىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قان ئايلىنىش توسالغۇغا ئۇچراپ ، ئۇرۇقدانغا قان يېتىشمەيدۇ ، ھەتتا ئۇرۇقدان كاردىن چىقىدۇ . بۇنداق ئالامەت كۆرۈلۈپ تۆت سائەتتىن ئالتە سائەتكىچە بولغان ۋاقىت 12دىن 24 سائەتكىچە سۈرۈلۈپ كەتسە ، ئۇرۇقداننىڭ فونكىسيەسىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش تەس . كىيىنگەن ئىشتان بەك تار بولۇپ كەتسىمۇ ، ئۇرۇقدان ياللۇغلىنىپ قالىدىغان ، ئالامەت كۆرۈلۈشى مۇمكىن ، شۇڭا دەرھال تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك . 

3.دۈمبە قىسمى قاتتىق ئاغرىش

ئېڭىشىپ ھەرىكەت قىلغاندا دۈمبە قىسمىڭىز قاتتىق ئاغرىسا ، ئىىسسىق ئۆتكۈزۈپ بىردەم ئارام ئالسىڭىز ۋە ياكى ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىچسىڭىزمۇ كار قىلمىسا ، بۇ قىزىل قان تومۇر ئۆسمىسى ياكى بۆرەكتە تاش پەيدا بولغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر ، بۆرەكتە تاش پەيدا بولغان بولسا ئاغرىش دەرىجىسى بەك ئېغىر بولىدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا چوقۇم CT ئاپپاراتىدا تەكشۈرتۈڭ .

4.پۇت ياكى پاقالچاق سۆڭىكى داۋاملىق ئاغرىش 

ناۋادا پۇت ۋە پاقالچاق دائىم ئاغرىسا ، ھەرىكەت قىلغاندا ئاغرىق كۈچىيىپ كەتسە ، ئارام ئالغاندىمۇ ئاغرىق پەسەيمىسە ، ئاغرىق توختىتىش دورىسىمۇ كار قىلمىسا ، بۇ ھەددىدىن ئارتۇق بەدەن چېنىقتۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ھارغىنلىق خاراكتېردىكى سۆڭەك سۇنۇش . ئەڭ ياخشىسى تەكشۈرتۈپ ، ساقايغاندىن كېيىن كۈچەپ ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك . 

5.پاقالچاق قىسمى ئىششىش

بولۇپمۇ بارماق ئىششىپ ، بىر نېمە تەگسە ئاغرىپ ، قىزىغاندەك ئالامەت كۆرۈلسە ، بۇ قاننىڭ چوڭقۇر ۋىنادا ئۇيۇپ قالغانلىقىنىڭ ئالامىتى . بۇنىڭغا سەل قارالسا ، ئېغىر بولغاندا ئۆپكە كەپلەشمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ھاياتقا خەۋپ يېتىدۇ . 

6.كىچىك تەرەت ئاغرىتىپ كېلىش

كىچىك تەرەت قىلغاندا ئاغرىپلا قالماي ، يەنە سۈيدۈكنىڭ رەڭگى قىزغۇچ سۈيدۈكنىڭ رەڭگى قىزغۇچ بولسا ، بۇ دوۋساق ياللۇغى ياكى دوۋساق راكىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن . تاماكا بۇ كېسەلنى پەيدا قىلغۇچى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى . 

7.بەل ئاغرىش 

بەل پىچاق تىققاندەك قاتتىق ئاغرىسا ، بۇ قورساق قىسمىدىكى ئەزالارنىڭ ياللۇغلانغانلىقىنىڭ ئالامىتى .

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.