مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1667 رەت   / مەنبە: -

بۇ بەدەندە ھۆل ئىسسىق ياكى قۇرۇق ئىسسىق خىلىتىنىڭ كۆپلۈكى ياكى مەنىي يوللىرىدا مەنىي توختاپ قالغانلىق سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ. 

ئالامىتى: تاش بۆرەك قاتتىق ئاغرىيدۇ، قىزىرىپ قالىدۇ. قول بىلەن تۇتسا قىزىلىق سېزىلىدۇ. قان خىلىتىنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبىدىن بولغان ئۇرۇقدان ياللۇغىدا ئىششىق نىسبەتەن چوڭراق بولۇپ، بىمارغا يەرلىك ئورۇن ئېغىر سېزىلىدۇ. سەپرادىن بولغان ئۇرۇقدان ياللۇغىدا ئۇرۇقدان ۋە ئۇرۇقدانغا يېقىن ئەزالىرىدا ناھايىتى تېرىسدە بولسا، ئۇنى كۆرۈش ياكى سىلاش ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ. باشقا جىددىي ئالامەتلەر يەڭگىل بولىدۇ. ياللۇغ ئۇرۇقداننىڭ ئىچكى ياكى سىرتقى قىسمىدا ئومۇميۈزلۈك پەيدا بولغان بولسا، بەدەندە ھارارەت پەيدا بولىدۇ. بۇ ئۇرۇقدان ياللۇغىنىڭ ئەڭ ئېغىر ھالىتى بولۇپ، يۈرەك، بۆرەك ۋ باشقا مۇناسىۋەتلىك ئەزالارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. جىددىي داۋالانمىسا بەزى بىمارلار ئۆلۈپمۇ كېتىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.