تۈز ئۈچەي ياكى قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمىنى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرگەندە، مەزى بېزىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولغان قىسمىدا زىچلىقى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەنلىكىگە ئوخشاش ئۆزگىرىشلەر مەلۇم بولىدۇ.
ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈلۈپ، راكتىن گۇمان قىلىنغانلار CT ۋە ماگنىت رېزونانسىدا تەكشۈرۈلۈشى كېرەك.
مەزى بېزىنى تىشىپ تەكشۈرۈش، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى ۋە ئۇرۇق خالتىسىنى سۈرەتكە ئېلىپ تەكشۈرۈش، قان زەردابى ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ، ئەمما بۇلار كلىنكىدا كەم قوللىنىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.