مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى02-ئاينىڭ24-كۈنى  كۆرۈلىشى: 3784 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۇ كېسەللىك 40 ياشتىن ئاشقانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان، كۆپىنچە مىكروپلاردىن يۇقۇملىنىشتىن كۆرۈلىدىغان مەزى بېزىنىڭ يىرىڭلىق ئىششىق كېسەللىكىدىن ئىبارەت. 

سەۋەبى: كۆپىنچە مىكروپلاردىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئارقا سۈيدۈك يولى ياللۇغى، ئۆتكۈر مەزى بېزى ياللۇغى سەۋەبىدىنمۇ كۆرۈلىدۇ. 

ئالامىتى: بىماردا قىزىش، سىيىش قېتىم سانى كۆپىيىش، سۈيدۈك راۋان بولماسلىق، ھەتتا سىيەلمەسلىك، چات ئارىلىقى، دوۋسۇن سۆڭەك ئۈستى، بەل ۋە سوڭى قوشۇلۇپ ئاغرىش، چوڭ تەرەت قىلغاندا ئاغرىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ كۆپىنچە سۈيدۈك يولىنىڭ تارىيىشى ۋە قوشۇمچە ئۇرۇقداننىڭ ياللۇغلىنىشى بىلەن بىرلىكتە كېلىدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى: سۈيدۈك ھەيدىگۈچى، ياللۇغ قايتۇرغۇچى، جاراھەت پۈتتۈرگۈچى، يىرىڭنى تازىلىغۇچى، قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: غىدىقلىغۇچى يەللىك يېمەكلىكلەردىن، مۇچ، ئاچچىقسۇ، ياڭيۇ، غولپىياز، شاراب، كالا گۆشى قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. پىيادە يولنى كۆپ مېڭىپ بېرىش، كۆپ ئولتۇرۋالماسلىق كېرەك. توڭلاتقۇغا سالغان سوغۇق سۇنى قەتئىي ئىچمەسلىك كېرەك. قوغۇن يېمەسلىك كېرەك. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.