مەزى بېزى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدىغىنى ئاساسلىقى گرام مەنپىي باكتېرىيىسى بولۇپ، بۇنىڭدا چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيسى ئاساسىي ئورۇندا، شەكىل ئۆزگەرتكۈچى تاياقچە باكتېرىيە، كرېبس تاياقچە باكتېرىيىسى، ساختا بىر سپورىلىق باكتېرىيە ئۇرۇقدىشى قاتارلىقلار، شۇنداقلا كەم ئۇچرايدىغان باشقا گرام مەنپىي باكتېرىيىلىرى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. گرام مۇسبەت باكتېرىيىلىرىدىن ئۈچەي شارچە باكتېرىيىسىدىن باشقىلىرى ئاساسەن كېسەللىك پەيدا قىلمايدۇ. سۆزنەك شارچە باكتېرىيىسى، تۇبېركۇليوز تاياقچە باكتېرىيىسى، زەمبۇرۇغ، تۈكلۈك تامچە قۇرت ۋە مىكوپلازمىلارمۇ ئۆزىگە لايىق مەزى بېزى ياللۇغى پەيدا قىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.