مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 5431 رەت   / مەنبە: -

ئەرلەرنىڭ سىرتقى جىنسىي ئەزاسى بولۇپ، ئىچىدىن سۈيدۈك يولى ئۆتىدۇ. ئۇ دوۋسۇن سۆڭەك بىرلەشمىسىنىڭ ئالدى ئاستى تەرىپىگە ئېسىلىپ تۇرىدۇ. 

زەكەر-زەكەر يىلتىزى، زەكەر تېنى ۋە زەكەر بېشى دەپ ئۈچ قىسىمغا بۆلىنىدۇ. ئالدىنقى ئۇچىدا زەكەر بېشىنى ئوراپ تۇرغان قوش قەۋەتلىك تېرە پۈرمىسى بولۇپ، بۇ سۈننەتلىك دېيىلىدۇ. بالا 6-7 ياش ئەتراپىدا بۇ سۈننەتنىڭ كېسىپ ئېلىۋېتىلسە، سۈيدۈك يولىنىڭ تازىلىقى ياخشى بولۇپ، ئاسان يۇقۇملانماسلىقى ئۈچۈن پايدىلىق. 

زەكەرنىڭ ئىچكى قىسمى ئىككى دانە بۇلۇتسىمان تەنچە ۋە بىر دانە سۈيدۈك يولى بۇلۇتسىمان تەنچىسىدىن تۈزۈلگەن. زەكەر جىنسىي ئالاقە قىلىدىغان ئەزا بولۇپ، ئادەتتە يۇمشاق بوش تۇرىدۇ. جىنسىي ھېسيات قوزغالغاندا زەكەرنىڭ بۇلۇتسىمان تەنچە كاۋاكلىرىغا قان تولۇپ، زەكەر بىر ھەسسە يوغىناپ قاتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال تىكلىنىش دېيىلىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.