مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى  كۆرۈلىشى: 955 رەت   / مەنبە: -

ئالدى بۆلەك ناھايىتى كىچىك بولۇپ، ئۇنىڭ كلىنىكىدا ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. 

ئوتتۇرا بۆلەك ئىككى يان بۆلەكنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، يوغىناپ كەتسە يۇقىرىغا قاراپ كېڭىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سۈيدۈك يولىنىڭ كەينىدىكى دوۋساق شىللىق پەردىسى كۆپۈۋېلىپ، سىيىش قىيىنلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ئارقا بۆلەك ئىسپېرما نەيچىسى ئېغىزىنىڭ تۆۋەندىكى سۈيدۈك يولىنىڭ ئارقا تەرىپىدە بولۇپ، يۇقىرىدىن ئوتتۇرا بۆلەكنىڭ كەينىگە يېقىن چاپلىشىپ تۇرىدۇ. تۈز ئۈچەيدىن بارماقنى تىقىپ تەكشۈرگەندە بارماققا ئۇرۇنىدۇ. ئارقا بۆلەك ئىككى يان بۆلەكنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئېنىق چېگرىسى بولمايدۇ، ئۇنىڭ يوغىناپ قېلىش ئەھۋالى كەمدىن- كەم كۆرۈلىدۇ، ئەمما، مەزى بېزى راكى كۆپىنچە مۇشۇ بۆلەكتە پەيدا بولىدۇ. 

ئىككى يان بۆلەك ھەممىدىن چوڭ بولىدۇ، سۈيدۈك يولىنىڭ ئىككى يېنىغا توغرا كېلىدۇ، تۈز ئۈچەيدىن بارماقتى تىقىپ تەكشۈرگەندە بارماققا ئۇرۇنىدۇ. بۇ ئىككى يان بۆلەك يوغىناپ كەتكەندە، سۈيدۈك يولىنى ئىككى ياندىن بېسىپ، ئوڭايلا سىيىش قىيىنلىشىش ۋە سۈيدۈك توختاپ قېلىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.