زەكەرنىڭ قايىم بولۇشى جىنسىي ھېسسىياتنىڭ قوزغىلىشى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدىغان ھەرىكەت بولۇپ، جىنسىي ھېسسىياتنىڭ قوزغىلىشى، يات جىنىسلىقلارنى كۆرۈش، پاراڭلىشىش،، ئۇچرىشىپ ھېسداشلىق قىلىش، پۇراش، سۆيۈش، ئاڭلاش، ئەسلەش قاتارلىق بەش سېزىمنىڭ سەزگۈ ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ھېسسىي مۇشتەرەك مەركىزىگە تەسىر قىلىش بىلەن مېڭە ۋە يۇلۇندىكى جىنسىي ئىقتىدار مەركەزلىرى غىدىقلىنىپ، بەدەندىكى روھلارنىڭ قوزغىلىشى ۋە قۇۋۋەتلەرنىڭ ھەرىكەتلىنىشى رەئىس ئەزالار كۈچىيىپ، قان ئايلىنىش جانلىنىپ، جىنسىي ھېسسىياتىنى قوزغاپ، زەكەرنى قايىم قىلىشقا بولغان غىدىقلىنىشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، جىنسىي قوزغىلىش سىگنالى جىنسىي مەركەز ئارقىلىق، زەكەردىكى چوڭ-كىچىك قان تومۇرلارغىچە يەتكەندە زەكەردىكى قانتومۇرلارنىڭ كېڭىيىشى بارلىققا كېلىدۇ. زور دەرىجىدە كېڭەيگەن قان تومۇرلارغا، زور دەرىجىدە قان قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېقىپ كىرىپ، زەكەر قان تومۇرلىرىنى قان بىلەن توشقۇزىدۇ. بۇلۇتسىمان تەنچىنىڭ قان كاۋاكچىلىرىنىڭ كېڭىيىشى تۈپەيلىدىن ۋېنا تومۇرلىرىدىكى قاننىڭ ئارقىغا قايتىشى مەلۇم توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقتىن، زەكەر بارغانسېرى قاتتىقلىشىدۇ ۋە توملىشىپ يوغىنايدۇ. مانا بۇ زەكەرنىڭ قايىم بولۇش جەريانى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.