مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى  كۆرۈلىشى: 970 رەت   / مەنبە: -

مەزى بېزىدىكى نېرىپلار داس بوشلۇقىدىكى نېرىپلار توپىنى، جۈملىدىن سىمپاتىك نېرۋا ۋە پاراسىمپاتىك نېرۋىلارنى ئاساس قىلىدۇ. 

سىمپاتىك نېرۋا قوزغالغاندا، مەزى بېزى، ئۇرۇق خالتىسى ۋە ئۇرۇق نەيچىسىنىڭ سىلىق مۇسكۇلى يىغىلىپ ئۇرۇقنى دەيدەيدۇ، سىمپاتىك نېرۋا يەنە سۈيدۈك يولىدىكى قورۇغۇچى مۇسكۇل بىلەن مەزى بېزىنىڭ قورۇغۇچى مۇسكۇلىنى يىغىلدۇرىدۇ، ئەمما سۈيدۈكنى قىستىغۇچى مۇسكۇلنىڭ يىغىلىشىنى توسىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دوۋساق بوينى ۋە مەزى بېزىدىكى سۈيدۈك يولى ئېتىلىدۇ-دە، سۈيدۈكنىڭ چىقىشى توسۇلۇپ، مەنىي چىققاندا مەنىينىڭ يېنىش كېتىشىنى توسىدۇ. 

پاراسىمپاتىك نېرۋا ئاساسلىقى مەزى بېزى پۈۋەكچىسىنى ئاجرالما ئاجراتقۇزۇپ، مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنى ھاسىل قىلىدۇ، پاراسىمپاتىك نېرۋا قوزغالغاندا، سۈيدۈكنى قىستىغۇچى مۇسكۇل يىغىلىدۇ، سۈيدۈك يولىدىكى قورۇغۇچى مۇسكۇل بىلەن مەزى بېزىنىڭ قورۇغۇچى مۇسكۇل كېڭىيىپ سۈيدۈكنى ھەيدەيدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.