1) ھاراقنى زىيادە كۆپ ئىچىش، ئۇزاق ئولتۇرۇش، ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن مەزى بېزىگە قان تولۇۋالىدۇ. مەزى بېزى ياللۇغى مانا مۇشۇلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
2) توڭلىغاندا مەزى بېزىنىڭ سىمپاتىك نېرۋىسى قوزغىلىپ، سۈيدۈك يولىنىڭ ئىچكى بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، سۈيدۈكنىڭ چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، بۇ چاغدا مەزى بېزى نەيچىسىمۇ يىغىلىۋېلىپ، سۈيدۈكنىڭ چىقىشىغا توسالغۇ بولىدۇ-دە، مەزى بېزىدە سۈيدۈك توختاپ قېلىش، قان تولۇۋېلىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ.
3) جىنسىي تۇرمۇش نورمال بولمىسا، مەسىلەن: جىنسىي مۇناسىۋەت زىيادە كۆپ بولۇش، ئانانىزم، جىنسىي مۇناسىۋەتنى ئارىدا كەم ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئادەتلەرنىڭ ھەممىسى مەزى بېزىگە قان تولۇۋېلىش، ئاخىرىدا مەزى بېزى ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.