مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى02-ئاينىڭ24-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2980 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ئۆتكۈر خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى مىكروپلىرىنىڭ مەزى بېزىگە تەسىر قىلىشى ھەم خىلىتلار تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولىدىغان مەزى بېزىنىڭ ئۆتكۈر ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىكىدىن ئىبارەت. 

سەۋەبى: مەزى بېزىنىڭ ئۆتكۈر ياللۇغلىنىشى ئادەتتە ئانچە كۆپ يولۇقمايدۇ. مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ئۆتكۈر يۇقۇملىنىشى ئاساسەن تېرە، بادامسىمان بەز، چىش، نەپەس يوللىرى، ئاشقازان-ئۈچەي قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ يۇقۇملىنىشلىرىدىن كۆرۈلىدۇ، شارابنى كۆپ ئىچىش، چات ئارىلىقى زەخىملىنىش، سوغۇق ئۆتۈش قاتارلىقلار سەۋەبىدىنمۇ كۆرۈلىدۇ. ئاساسلىق يۇقۇش يوللىرى قان، لىمفا بولۇپ بىۋاستە يۇقىدۇ. 

ئالامىتى: يۇقۇملىنىش يوللىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ مەزى بېزى ئۆتكۈر ياللۇغلىنىشنىڭ ئىپادىلىرىمۇ بىردەك بولمايدۇ، سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشتىن كۆۈلىدىغان مەزى بېزى ياللۇغىدا سۈيدۈك يولى كۆيۈپ قىزىرىش، كۆپ سىيىش، سۈيدۈك قىستاش، سىيگەندە ائغرىش، سۈيدۈكنىڭ ئاخىرىدا قان كېلىش، سۈيدۈك تامچىلاپ كېلىش قاتارلىقلار بولىدۇ. مەزى بېزىگە ئېغىر ھالدا قان تولغاندا سۈيدۈك يولى توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سىيىشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىۋېتىدۇ. مەسىلەن، سۈيدۈك ئىنچىكە چىقىش، كۈچەپ سىيىش، قېتىم سانى كۆپىيىش، سىيىپ بولغاندىن كېيىن يەنە سىيگۈسى كەلگەندەك ھېس قىلىش، سىيگەندە ئاغرىش، بەزىدە ھەتتا ھىيەلمەي قېلىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلىدۇ، يۇقىرىقىلاردىن باشقا چات ئارىلىقى، تۈز ئۈچەي ئىچى قاتارلىقلار قاتتىق ئاغرىش ياكى تۆۋەنگە ساڭگىلىغاندەك يېقىمسىزلىنىشلار بولۇپ چوڭ تەرەت قىلغاندىمۇ ئاغرىيدۇ، يۇقۇملىنىش ئېغىرلاشقاندا جىنسىي پائالىيەتكىمۇ ت ەسىر يېتىپ، جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا ئاغرىيدۇ، ئۆتكۈر مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ كېسەللىك جەريانى كۆپىنچە بىر ھەپتە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن بولىدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى: ياللۇغ قايتۇرغۇچى، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى، مېڭە، يۈرەكنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: يەللىك، زىيادە غىدىقلىغۇچى، شاراب، ئاچچىقسۇ، مۇچ، كالا گۆشى، قىيمىلىق، يەللىك تاماقلاردىن، جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىن پەرھىز قىلىنىدۇ. بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى غىزالار ئىستېمال قىلىنىدۇ. كۆپ ئولتۇرىۋېلىشقا بولمايدۇ. كۆپرەك پىيادە يول مېڭىپ بېرىشى كېرەك. قايناقسۇنى كۆپ ئىچىپ بېرىش، قەتئىي توڭلۇتۇلغان سوغۇق سۇ ئىچىشكە بولمايدۇ.  شەھۋانىي فىلىم، كىتاپ كۆرۈشكە قەتئىي بولمايدۇ. ئانانىزىم بىلەن شوغۇللىنىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.