مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 3056 رەت   / مەنبە: -

  ئادەتتە نۇرغۇن كىشلەر خورەك تارتىشنى نورمال ئەھۋال دەپ قاراپ ، بۇنىڭغا ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ . ئەمەلىيەتتە خورەك تارتىش نۇرغۇن خەتەرلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ، خورەك تارتىش ئۇيقۇ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىكەن . زىيابىتۇس ، يۇقىرى قان بېسىم، سوققان تومۇر قېتىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي ، يەنە ئەرلىك ئىقتىدارنى توسالغۇغا ئۇچرىتىدىكەن . 

   ئەرلىك ئىقتىدار توسالغۇغا ئۇچراش يەنە باھ زەئىپلىشىش ، دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ناھايتى كۆپ . مەسلەن ، روھىي ئامىل ، زىيابىتۇس ، يۇقىرى قان بېسىم ، سوققان تومۇر قېتىشىش كېسىلى ۋە بەزى دورا قاتارلىقلار . لېكىن ، خورەك تارتىش بىلەن ئەرلىك ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراشنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۆپ كىشلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن . 

   ئەمەلىيەتتە ، خورەك تارتىشمۇ ئەرلىك ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى ، بولۇپمۇ قاتتىق خورەك تارتىدىغانلارنىڭ كېچىسى نەپەس ئېلىشى ۋاقىتلىق توختاپ قالىدۇ ياكى دېمى تۇتۇلىدۇ . بۇنداقلاردا ئەرلىك ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش تېخىمۇ ئاسان كېلىپ چىقىدۇ . 

   قاتتىق خورەك تارتىدىغانلارغا كېچىدە ئوكسېگىن يېتىشمىگەچكە ، ئۇلارنىڭ جىنسىي ئەزاسى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق ۋە ئوكسېگىن بىلەن تەمىنلىنەلمەي ، ئەرلىك ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ ؛ يەنە چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ ئىقتىدارى تىزگىنلىنىپ قېلىپ ، ئۇيقۇ بېسىش ، ماغدۇرسىزلىنىش ، ئۇيقۇچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا ، خورەك تارتىشى قانچە ئېغىر بولسا ، ئەرلىك ئىقتىدارنىڭ چېكىنىشىمۇ شۇنچە ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ ، شۇڭا ، ئەرلىك ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان ھەمدە خورەك تارتىدىغان بىمارلار ئاۋۋال خورەك تارتىشنى داۋالىشى كېرەك . 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.