بىخلىما گۆش ئىششىقى مەنبەلىك مەزى بېزى ياللۇغى كەم كۆرۈلىدىغان بىرخىل كېسەللىك بولۇپ، كۆپ ھاللاردا خاس ئالامىتى بولمايدۇ، يېقىندىكى سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بۇ كېسەللىك بىلەن ئاغرىغانلارنى تۈز ئۈچىيىدىن بارماقنى تىقىپ تەكشۈرگەندە، مەزى بېزىنىڭ قاتتىقلىشىپ كەتكەنلىكى ياكى يامراشچان قاتتىق مونەكچىلەرنىڭ پەيدا بولغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. بۇ خىل ئالامەت مەزى بېزى راكىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ.
بىخلىما گۆش ئىششىقى مەنبەلىك مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ پەيدا بولۇشى قىسمەن ئورۇندىكى يات ماددىنىڭ كۈچلۈك رېئاكسىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، مەزى بېزى نەيچىسىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى ئاساسلىق ئامىل. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، مەزى بېزى يوغىناپ قالغان، جۈملىدىن باكتېرىيىدىن يۇقۇملىنىپ ياللۇغ پەيدا بولۇش جەريانىدا ياكى تاشقى جاراھەت تۈپەيلى توقۇلمىلار نىكروزلانغاندىمۇ مەزى بېزى نەيچىسىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. يۇقۇملىنىش ۋە ياللۇغلار ئۆتكۈزگۈچى نەيچىلەر ۋە مەزى بېزى نەيچىسىنىڭ ئېپىتېلىيىسىنى بۇزىدۇ، ھۈجەيرە پارچىلىرى، باكتېرىيە توكسىنى ۋە مەزى بېزى ئاجرالمىلىرى توقۇلما ئارىلىقلىرىغا كىرىپ، ئاساسىي ماددىدىكى يات ماددىغا ئايلىنىپ، بىخلىما گۆش ئىششىقى مەنبەلىك ياللۇغى رېئاكسىيىسىنى پەيدا قىلىدۇ. بىخلىما گۆش ئىششىقى مەنبەلىك ياللۇغى مەلۇم دائىرە بىلەن چەكلىنىشىمۇ، مەزى بېزىنىڭ ھەممە يېرىگە كېڭىيىشىمۇ مۇمكىن، بۇنداق ياللۇغ ئاستا يانىدۇ، ئۇنىڭ يېنىشىغا ئىككى-ئۈچ ئاي ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن، بۇ چاغدا ئۇنىڭ قىسمەن ئورنىنى تالا توقۇلمىسى ئىگىلەپ، بۇ يەردە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.